مودا ئاياللار بىلىشى زۆرۈر 27 تۈرلۈك ئىش

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-28 22:14:03

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى:

1. باغىرداقنى چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن تاللاش كېرەك.

ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ، سىناپ، سىزگە ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاللاڭ، ئوخشىمىغان ماتېرىيالدىكى، ئوخشىمىغان رەڭدىكىنى كىيىپ سىناپ بېقىڭ، بىر ناچار باغىرداق داڭلىق ماركىلىق كىيىمنىمۇ نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ.

2. راھەت ئۇخلاش كىيىمى بولۇشمۇ مۇھىم. كىيىپ كونىرىتىپ قويغان مايكىڭىزنى كىيىپلا ئۇخلاپ قالماڭ، سەل سۈپىتى ياخشىراق، يېپەك تۈردىكىلىرىنى تاللاڭ، كىيگەندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلىسىز.

3. كىيىمنىڭ نومۇرى پەقەت بىر سان ئۇ ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. XL نومۇرلۇق كىيىم كىيىدىغان قىز M نومۇرلۇق تار مايكا كىيىپ سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ، S نومۇرلۇقنى كىيىدىغان قىز XL نومۇرلۇق كۆينەكنى تاللاپ ئازادە ئۇسلۇب ياراتسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا كىيىم تاللاشتا دادىل بولۇپ كۆڭلىڭىزدىكىنى سىناپ بېقىڭ.

4. زادى نېمە كىيىشنى بىلەلمىسىڭىز، قارا رەڭنى تاللىسىڭىز ئاساسەن خاتالاشمايسىز. ئۇ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەم ھەممىگە ماس كېلىدىغان رەڭ.

5. ئوخشىمىغان رەڭلىك لەۋ گىرىمىنى سىناپ بېقىڭ. بەك ئەرزان بولۇپ كەتمىسۇن ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ كىيىمىڭىزنىڭ باھاسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

6. كىيىنىشنى بەك بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ كىيىم ئىشكابىدا نېمە بارلىقىنى بىلىشى كېرەك، قانداق كىيىمىم بار؟ ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى ئېلىشىم كېرەك؟ قانداق قىلسام ئۆزەمگە ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ بۇنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسە ئېلىشنى قارار قىلسىڭىز ئازراق خاتالىشىسىز، كىيىم ئىشكابىڭىز رەتلىك بولسا كەيپىڭىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

7. يارىشىملىق بىر تال شارپىڭىز بولسا بىر قىشنى چىرايلىق چىقىرالايسىز.

8. بىر تال شىلەپىڭىز بولسۇن، بىر يىلنىڭ ھەر قانداق پەسلىدە كىيىۋالسڭىز بولىدۇ. سوغۇقتا ئىسسىق ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى چېچىڭىزنى يۇيۇشقا ئېرىنگەندە بىر تال شىلەپە بىلەنلا كوچىغا چىقالايسىز.

9. پۇتنى ئۇزۇن كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇلى ئىشتاننىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش رەڭلىك ئاياغ كىيىشتۇر.

10. ياخشى بىر تىككۈچىنى تېپىۋالسىڭىز ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كىيىنەلەيسىز. داڭدارلار ھەممىسى ئاشۇنداق مەخسۇس تىككۈچىگە بۇيرىتىپ كىيىم تىككۈزىدىغانلاردۇر.

11. قاتمۇ-قات كىيىنىپ ئۇسلۇب يارىتىشتا مودا تالانتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ، شۇڭا بەك تۆپىلەپ كىيىنىۋالماڭ. قاتمۇ-قات كىيىنىش بۇ يىل بەك مودا بولدى، لېكىن بۇنىڭغا جىق تەجرىبە كېتىدۇ، ئەگەر ياخشى ماسلاشتۇرالمىسىڭىز كۆكتاتچى ھاممىلارغا ئوخشاپ قالىسىز. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بەدەن شەكلىگە بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرى، بەدىنى بەك تولغان ئادەملەر قاتمۇ-قات پاسون چىقىرىمەن دېسە تېخىمۇ تولغان كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

12. بىر قانچە خىل كىيگىلى بولىدىغان كىيىمنى تاللاڭ، ئەگەر بىرلا خىل كىيىدىغان بولسا ئالمايلا قويۇڭ.

13. ئۆرە ياقىلىق پوپايكىنى سىناپ بېقىڭ، لېكىن ئۆرە ياقىلىق ئەمما يەڭسىز بولۇپ قالسا بولدى قىلىڭ.

14. تار ئىشتان (دادىكۇ) ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كۈزلۈك ئىشتان، تەنھەرىكەت ئىشتىنى، ئۇزۇن پوپايكا بىلەن كىيىدىغان ئىشتان، ئۇزۇن مايكا بىلەن كىيىدىغان ئىشتان، كۆينەك بىلەن كىيىدىغان ئىشتان....قىلىپ كىيىشكە ماس كېلىۋېرىدۇ.

15. سېمىز قىزلار يۇقىرى بەللىك يوپكىدىن بەك قورقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. سېمىز قىزلار بۇنداق پاسوننى تاللاپ كىيسە ئەكسىچە قورساقنى كىچىكلىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ.

16. ھەر خىل ئۇسلۇبنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ باقاي دېگەندە چوقۇم بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىڭ.

17. كىيگەن كىيىمىڭىز باشتىن ئاياغ ئۈچ رەڭدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. بۇ بۇرۇندىن دېيىلىپ كەلگەن گەپ، نېمىشقا 4 رەڭ بولسا بولمايدىكەن دەمسىز؟ بولىدۇ، شۇ سەل ھەددىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ قالىسىز.

18. كەڭ-تارلىق نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىڭ، ئەگەر ئاددىيلا پادىچى ئىشتان ياكى كۆينەك كىيمەكچى بولسىڭىز بىر تال شارپا ياكى چوڭراق بۇلاپكا ماسلاشتۇرۇڭ. ئەگەر بىر تال كۆپتۈرمە يوپكا كىيمەكچى بولسىڭىز ئۈستىگە ئاددىي ھەم چىپ كەلگەن كىيىم تاللاڭ. ئەگەر بەك يوغان زەنجىرلىك بۇلاپكا تاقىماقچى بولسىڭىز يوغان شىلەپە ۋە بىلەيزۈك تاقىمغىنىڭىز ياخشى، مۇۋازىنەت بولۇش ئەڭ ياخشى.

19. پادىچى ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى كەڭلىكىدىن مۇھىم، چوڭلار ۋە بالىلار ئوخشاشلا مۇشۇ قائىدىگە بويسۇنۇشى كېرەك، بىر تال سۆرىلىپ تۇرىدىغان پادىچى ئىشتان پۇتىڭىزنى بەك سەت كۆرسىتىپ قويىدۇ.

20. تار پادىچى ئىشتان كىيگەندەك چاپىنىڭىز كاسىڭىزنى يېرىم يېپىپ تۇرغۇدەك بولسا بولدى.

21. بېزەك بۇيۇملارنىڭ مۇھىملىقىنى مەڭگۈ تۆۋەن چاغلىماڭ، سەل يوغان كۆرۈنىدىغان بېزەكلەرنى تاقىۋالسىڭىز ئويلىمىغان خوشاللىقلارغا ئۇچرايسىز.

22. باشقىلار ھەممىسى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدىغان زامان بولغاندا سىز پەس پاشنىلىق كىيىۋالسىڭىزمۇ ئۇتىسىز بەزىدە.

23. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتە كىيىدىغان كىيىملىرىڭىزنى تەييارلاپ قويۇڭ.

24. نېمىلا بولمىسۇن چوقۇم ھورلۇق دەزمىلىڭىز بولسۇن.

25. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئاددىي ھەم كىلاسسىك نەرسىلەر مەڭگۈ مودىدىن قالمايدۇ.

26. يەنە شۇنى بىلىڭكى، گۈزەللىك ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا سىڭگەن بولىدۇ.

27. دۇنيا سىزنىڭ مودېل سەھنىڭىز دېسەك، ئۆزىگە ئىشىنىش ئەڭ ياخشى بېزىكىڭىزدۇر، بۇ سەھنىدە قانداق ئىپادىدە بولۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • مودا ئاياللار بىلىشى زۆرۈر 27 تۈرلۈك ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنى بارغانسېرى چىرايلىق قىلىدىغان 7 ئادەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە پەرھىزلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرۇشنىڭ زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ياشلىشىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • 80% ئايال گېموروينىڭ ئازابىنى تارتماقتا

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆزى ئاددىي ئەمما ئۈنۈملۈك يۈز يۇيۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئاقىرالايسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىسخولوگلار بويتاقلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامالنى تاپتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىش پەسلىدە تېرە قىچىشسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوغۇللارنىڭ نامسىز بارمىقىغا قاراپ قىز دوستىنىڭ فىگۇرىسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ​يېپىشقاق كۆممىقوناق قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» تىزىملىكىدە 26-بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بېكھام بىلەن رونالدو «دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن 100 چىراي» تىزىملىكىگە كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رايونىمىز 10 بال بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ بۇ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ئۇنى «بودەك» دېيىشكە تىلىڭىز بارمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياڭ مى يەنە بىر يېڭى ئارتىسنى تەربىيەلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يېرىم سائەت يەردە تىزلىنىپ ئادەم قۇتقۇزغان ئەڭ گۈزەل قىز قولداش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دالا ئاپتوموبىلى شوپۇرى خەقنىڭ ئۆيىنى ئۆرۈۋېتىپ قېچىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015