ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 13:30:44

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، 

ئاچچىقسۇ تەم تەڭشەپلا قالماي، كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگىگىمۇ ئىگە. ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بېرىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ شۇنداقلا پۇتنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئاياللارنىڭ پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بېرىشىنىڭ پايدىسى:

1. بېرىبېرى كېسەللىكىنى داۋالايدۇ.

بېرىبېرى كېسىلى زەمبۇرۇغ يۇقۇمىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بىماردا قىچىشىش، تېرە تاشلاش، غەيرىي پۇراق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. پۇتنى ئىزچىل تۈردە ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرگەندە باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق پۇت زەخمىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

2. تىرناق تەمرەتكىسىنى داۋالايدۇ.

تىرناق تەمرەتكىسىمۇ بېرىبىرى كېسىلىگە ئوخشاش زەمبۇرۇغ يۇقۇمىدىن پەيدا بولىدۇ. زەمبۇرۇغ يۇقۇمىدا كىسلاتالىق مۇھىتتىن پەخەس بولۇش كېرەك. شۇڭا ئاچچىقسۇدا پۇتنى چىلاپ بەرگەندە تىرناق تەمرەتكىسىنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ. يېڭى تىرناقنىڭ ئۆسۈپ چىقىشى ئۈچۈن يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

3. بەدەننى راھەتلەندۈرىدۇ.

ئىسسىق سۇدا پۇتنى چىلاپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، سىمپاتىك ۋە قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بەدەننى ئۈنۈملۈك راھەتلەندۈرۈپ، كۈندۈزدىكى جىددىيلىك ھالىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ياخشى بولغان بېسىم يېنىكلىتىش رولىنى ئويناپ، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلاپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.

4. سوغۇق ئېلىپ كېتىشنى داۋالايدۇ.

تۇرمۇشتا كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى سوغۇق تەبىئەتلىك كېلىدۇ. ئاچچىقسۇغا پۇتنى چىلاپ بەرگەندە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزىمنى كۈچەيتىدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ قىشتىكى قول-پۇت مۇزلاش، سوغۇقتىن قورقۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاپ، بەدەن ساپاسىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ.

5. پۇت تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇىدۇ.

پۇت دائىم يېپىقلىق مۇھىتتا تۇرغاچقا، شۇنىڭدەك كۆپ مېڭىش پۇت قىسمى تېرىسىنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتىنى قېلىنلاشتۇرىۋىتىدۇ. شۇڭا پۇتنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندا، تېرىنى ئاستا-ئاستا سىلىقلاشتۇرغىلى، تېرىنىڭ پارقىراقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

6. بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

پۇت چىلاشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇش، قان-تومۇرلارنى تەڭشەپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش، ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1) خىمىيەلىك ئاچچىقسۇ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئاچچىقسۇدا پۇتنى چىلىغاندا چوقۇم ئەلا سۈپەتلىك ئاچچىقسۇ ئىشلىتىش، خىمىيەلىك ئاچچىقسۇ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. گۈرۈچ ۋە كونا ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

2) يارىلانغان پۇتنى چىلاشقا بولمايدۇ.

پۇتتا يارا ئېغىزى بولسا ياكى يارا ئېغىزى تېخى ساقايمىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى پۇت چىلىماسلىق كېرەك. بولمىسا يارا ئېغىزىنىڭ قايتا يۇقۇملىنىپ، ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3) ئاچچىقسۇنى بەك كۆپ قۇيىۋەتمەسلىك كېرەك.

ئاچچىقسۇ بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 1:10 ئەتراپىدا بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بەك قويۇق بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. پۇتنى چىلاشقا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ مىقدارى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ پۇتنىڭ ئوشۇقىنى چىلاپ ئۆتۈشى كېرەك. پۇتنى چىلىغاندا تاپاننى ئۇۋۇلاپ، بىر بىرىگە سۈركەپ بەرگەندە تاپاندىكى پەللىلەرگە پايدىلىق.

4) ئاچچىقسۇغا پۇتنى چىلاش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

ھەر قېتىمقى پۇتنى چىلاش ۋاقتى 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. بەدەندىن ئازراق تەر چىققۇچە ياكى بەدەن قىزىغۇچە بولسا يېتەرلىك. بېرىبېرى كېسەللىكى ۋە تىرناق تەمرەتكىسى بىمارلىرى بىر مەزگىل قايتىلانما چىلىسا بولىدۇ، بىراق ساغلام كىشىلەر ھەر كۈنى پۇتىنى چىلىشى ھاجەتسىز، چۈنكى ئاچچىقسۇنىڭ چىرىتىش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، ئىسسىق سۇ بىلەن بىۋاستە چىلىسا بولىدۇ.

5) پۇتنى چىلاپ بولغاندىن كېيىن سوپۇن بىلەن يۇماسلىق كېرەك.

ئاچچىقسۇغا پۇتنى چىلىغاندا، پۇتتا چۈچۈمەل پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئىلىمان سۇدا پۇتنى يۇيۇۋەتسە بولىدۇ، بىراق سوپۇن تۈردىكى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن پۇتنى يۇيماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاچچىقسۇنىڭ كىسلاتالىقىنى نېيتراللاشتۇرىۋىتىدۇ.

6) ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

پۇتنى چىلاش تەر تۆشۈكچىلىرىنى كېڭەيتىۋەتكەنچە، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ. شۇڭا، پۇتنى چىلىغاندىن كېيىن چوقۇم ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاچچىقسۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

7) ساقسىز بولۇپ قالغاندا پۇتنى چىلىماسلىق كېرەك.

بەك تويۇنۇپ ياكى قورساق بەك ئاچقاندا، ئىنتايىن چارچاپ كەتكەندە، ئاغرىق مەزگىلىدە پۇتنى چىلىماسلىق كېرەك.

قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا پۇت چىلىغىلى بولىدۇ؟

سۇ تېمپېراتۇرىسى ۋە ۋاقىتنى كونتىرول قىلىش پۇت چىلاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

ساغلام كىشىلەر توپى پۇت چىلاشنى ئادەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ساغلاملىققا ھەقىقەتەن بەلگىلىك پايدىسى بار، بىراق چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا چىلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغاندا، يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، پۇت قىسمى تېرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تېرە ياغ پەردىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنىڭ قۇرغاقلىشىشى ھەتتا تېرىنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇ تېمپېراتۇرىسى 40~45 بولسا مۇۋاپىق. ئاۋال قول بىلەن سىناپ بېقىش كېرەك. دىئابىت كېسەللىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، تېرمومېتىردا تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ بېقىشى كېرەك.

پۇتنى چىلاش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

ھەر قېتىم پۇت چىلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەتتىن ئاشماسلىقى كېرەك، چۈنكى پۇتنى چىلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ۋە يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ. ۋاقىت بەك ئۇزاق بولغاندا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

ئۆز مىجەزىگە قاراپ دورىلىق چۆپ ئىشلىتىش كېرەك.

پۇتنى چىلىغاندا ئۆز بەدىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشقاندا تېخىمۇ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىراق ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا ئىشلىتىش كېرەك.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سوغۇقتىن قورقىدىغان، قول پۇتى ئاسانلا مۇزلايدىغان كىشىلەر زەنجىۋىل سۈيىدە پۇتنى چىلاپ بەرسە بولىدۇ. 15 گرام ئەتراپىدىكى زەنجىۋىلنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ سوۋۇتقاندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدۇ. قوۋزاق دارچىندا پۇت چىلىغاندا بۆرەك كېسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىقنى پەسەيتىشتە رولى بار.

تىز بوغۇمى ئاغرىيدىغان ئوتتۇراياش ياشانغانلار پۇتىنى چىلاش بىلەن بىرگە تىزىغا ئسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، رېماتىزىمدىن پەيدا بولغان سۆڭەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.

پۇتنى چىلىغاندىن كېيىن، ئازراق ئۇۋۇلاش ساغلاملىققا پايدىلىق.

يۇڭچۇەن پەللىسى (ئورنى پۇتنىڭ ئاستى ئالدىنقى قىسمىدىكى ئويمان يەر بولۇپ، ئىككىنچى ئۈچىنچى بارماقنىڭ تىكىش ئۇچى ۋە پۇت بىلەن تۇتىشىدىغان ئورۇننىڭ ئالدىنقى  1/3 قىسمى) نى نەچچە مىنۇت بېسىپ بەرگەندە، تاپاندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى، بۆرەكنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى پۇتنى چىلىغاندا يۇڭچۈەن پەللىسى، تەيچۇڭ پەللىسى (ئورنى پۇتنىڭ يان دۈمبە قىسمى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاپان سۆڭىكىنىڭ گىرەلەشمە قىسمىنىڭ ئالدىنقى ئويمان قىسمى) ھەمدە شىڭجىيەن پەللىسى (ئورنى پۇتنىڭ يان دۈمبە قىسمى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بارماق ئارىسى، بارماق پەنجىسى گىرۋىكىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسىي ئۇچراشقان ئورنى)نى بېسىپ بېرىشنىڭ قان بېسىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بويتاق ئاياللار بويتاق ئەرلەرگە قارىغاندا خۇشال ياشايدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاجرىشىش ئادەمنى ھەسرەتلەنگەك، قايغۇرغاق قىلىپ قويىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى باسقۇچلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قولتۇق پۇرىسا قانداق قىلغۇلۇق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • توكسىن ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەگەر يىگىتىڭىز بۇ 5 مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • 2018-يىلى بوللىۋودتا نامايەن بولىدىغان ئوخشاش بولمىغان سەككىز ھەقىقىي رول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاكىربېرگنىڭ بىر قارارى ئۇنى بىر كۈندىلا 21 مىليارد 300 مىليون زىيان تارتقۇزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 22 ياشلىق ئىستۇدېنت كۈندە كەچتە ئۆزىنى زەرەتلەپ تۇرمىسا ئۆلۈپ قالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيا 2018-يىللىق يەر شارى خانقىزى تاللاپ چىقىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو گۇمپا ساھىبجامالى ئەنگلىيەلىك لايىقى بىلەن توي قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جاۋ لىيىڭ يۈ جېڭنىڭ بىر تەلىپىگە ماقۇل بولغاچقا، يۈ جېڭ ئۇنىڭغا زور ياردەم قىلغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا ئىلگىرى رېژىسسور تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇۋېتىلىشكە تاسلا قالغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا بىلەن Angelababyغا ئوخشايدىغان 16 ياشلىق قىز تاماشاغا يۈرۈش قىلىشنى ئويلاشمىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • لىن شىنرۇ خو جيەنخۇاغا زورلاپ تېگىۋالغانمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015