ئاياللار تۇرمۇشتا گۈزەللىكىنى قانداق ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-19 13:23:06

   ئەتىگەنلىك ناشتىنى مول يېيىش

  كۆپ ساندىكى خانىم-قىزلار، بولۇپمۇ خىزمەتتىكىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەتىگەنلىك ناشتا بىر كۈنلۈك ئوزۇقلۇقنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى يېمەي، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى ھەرقانچە قۇۋۋەتلىك يېگەن بىلەنمۇ پايدىسى يوق. خانىم-قىزلار سەھەر تۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن بىر ۋاق مول ناشتىلىق تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

   سەھەردە بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەش

  بىر كۈن بۇرۇن يېگەن يېمەكلىك بىر كېچە ئۇخلاش داۋامىدا ھەزىم قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەتىسى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي، يېغىلىپ قالغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان–ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دېمەك، ئەتىگەندە بەدەندىكى زەھەرنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلىغاندا كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن شەكلىگە ئېرىشىپلا قالماي، ساغلام تەنگىمۇ ئېرىشىسىز .

  كۆكرەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش

  ئاياللار 35 ياشتىن باشلاپ، ئەمچەك توقۇلمىسى ۋە ماي ئىقتىدارىنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆكسى ساڭگىلاش، كۆكس دېغى يىغىلىپ قېلىش، سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئاياللار يېمەكلىك ۋە ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كۆكسىنى ئاسراش كېرەك.

  ئاپېلسىن، ئۈزۈم، چوڭ ئاپېلسىن، پەمىدۇر قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرگەندە، كۆكس شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كاللەكبەسەي، چېچەكسەي، ئاپتاپپەرەس مېيى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A بار يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا پايدىلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن، مەسىلەن، راك، قۇلۇلە تەركىبىدىكى سىنك ئانىلىق ھورمون ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى .

   سۇنى كۆپ ئىچىش

  بىر كۈن ئىچىدىكى سۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولسا ئەتىگەن، ئەتىگەندە تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ياكى ھەسەل سۈيى، سۇس تۇز سۈيى ئىچسە ئۈچەينى تازىلاش رولى بار .

  تۈنىمەسلىك

  تۈنەشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى، ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، كېچە سائەت 11 دىن بۇرۇن چوقۇم ئۇخلاپ بولۇش كېرەك.

  ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش

  كۈندە ياخشى كەيپىيات ساقلاپ كەلگەن كىشىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدۇ. خۇشال يۈرسىڭىز چىرايىڭىزمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. ناچار كەيپىيات سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق. شۇڭا كەڭ قورساق، ئۈمىدۋار، خۇشال-خورام ياشاشنى ئۆگىنىڭ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/01/19/035076038.shtml

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئاياللار تۇرمۇشتا گۈزەللىكىنى قانداق ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بويتاق ئاياللار بويتاق ئەرلەرگە قارىغاندا خۇشال ياشايدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاجرىشىش ئادەمنى ھەسرەتلەنگەك، قايغۇرغاق قىلىپ قويىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى باسقۇچلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قولتۇق پۇرىسا قانداق قىلغۇلۇق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • توكسىن ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • «دۇنيا خانقىزى» مانۇشى كاران جوھارنىڭ فىلىمى «يىللىق ئوقۇغۇچى 2» دە رول ئالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈلنەزەر 2017-يىللىق «مىكرو بىلوگ كېچىسى» مۇراسىمىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: بۇ يىللىق پىلانىم 100 كىتاب ئوقۇش، تېخنىكا كىتابلىرىنى چۈشەنمەيمەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ فىلىمفەر مۇكاپاتى ئۈچۈن چۈشكەن سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تىرامپ: مەن سىلەر ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك كۆپ ھەرىكەت قىلىمەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 66 ياشقا كىرەي دەپ قالغان پۇتىننىڭ سالامەتلىكى قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى: يولۇچىلار 19-يانۋاردىن باشلاپ ئايروپىلاندا يانفون ئىشلەتسە بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۇخلاۋاتقان ئايالنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ خەۋەر قىلغان دوختۇرخانا كەچۈرۈم سورىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا بىلەن گۈلنەزەرنىڭ پەرقلىق ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015