ئاياللار نېمە يېسە، توكسىن ھەيدىلىپ، تېرىسى ياخشىلىنىدۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-30 00:05:00

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،

كۆپىنچە خانىم-قىزلار يۈز تېرىسىنى ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلىشىدۇ. ياخشى تېرىگە ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خانىم-قىزلار ئادەتتە قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە، توكسىن ھەيدىلىپ، تېرە ياخشىلىنىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى.

ئاياللار ھەر كۈنى نېمە يېسە تېرىسى ياخشىلىنىدۇ؟

1. چىلان.

چىلاننىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل، ياغ، قەنت، كاروتېن، ۋىتامىن B,C,P ھەمدە فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بولۇپ، ۋىتامىن تابلېتىدىن ئىبارەت چىرايلىق ئىسمىمۇ بار. چىلاندا ئادېنىل سىكلو فوسفات بولۇپ، مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چارچاشنى يوقىتىپ، قان-تومۇلارنى كېڭەيتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ يىغىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. چىلان يەنە بەدەندىكى ئاجىزلىقنى تولۇقلاپ، نېرۋىنى تېنىچلاندۇرۇپ، تال ۋە ئاشقازانلارنى قۇۋەتلەيدۇ. چىلان قېنى ئاز ئاياللارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

2. كاۋاك مېۋە

كاۋاك مېۋە يەنە لونگان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل، يۈرەك ۋە تالغا پايدىلىق. شۇنىڭدەك قاننى قۇۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭ بەدەن قۇۋەتلەش، قان تولۇقلاش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئەگەر قان ئازلىق كۆرۈلسە، كاۋاك مېۋە يېيىش ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك تېرىنى ياخشىلايدۇ. كاۋاك مېۋە تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ تېرە گۈزەللەشتۈرۈشكە، ھۆسىن تۈزەشكە ياردەم بېرىدۇ.

 

3. ئۈزۈم

 ئۈزۈمنىڭ تەمى سەل چۈچۈمەل، خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر، ئاشقازان ۋە قاننى قۇۋەتلەيدۇ. ئىشتىھانى ئېچىپ، خام خىلىت ۋە كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۈزۈمنى قۇرۇتقاندىن كېيىن، قەنت ۋە تۆمۈرنىڭ مىقدارى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

4. قارا قېرىنقۇلاق

قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بىر قەدەر مول بولۇپ، ھايۋانات جىگىرىگە سېلىشتۇرغاندا 7 ھەسسە كۆپ، دائىم قېرىنقۇلاق يېگەندە قان جانلىنىپ، چىراي گۈزەللىشىدۇ. مەڭزگە قىزىللىق يۈگۈرۈپ، چاچنى پارقىرىتىدۇ.

5. قىزىل پۇرچاق

قىزىل پۇرچاقتىكى مول كالتسىي ماددىسى چىرايغا قان يۈگۈرتۈپ مەڭزنى قىزىللاشتۇرىدۇ. ئاياللار كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە قان تولۇقلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، ئىمۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. قىزىل پۇرچاق پوستىدا مول ئوزۇقلۇق تالاسى بولۇپ، پوستىنى ئېلىۋەتمەي ئىستىمال قىلغاندا، بىر قەدەر كۆپ ئوزۇقلۇق تالاسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

6. يەر ياڭىقى (خاسىڭ)

جۇڭيى نەزەرىيىسىدە «تال قاننى ئومۇملاشتۇرغۇچى» دەپ قارىلىپ، بەدىنى ئاجىز كىشىلەردە ئاسانلا قانسىراش كۆرۈلىدۇ. يەر ياڭىقىنىڭ قىزىل پوستى تال-ئاشقازاننى قۇۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن قان جانلاندۇرۇش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە. بۇ جۇڭيىدا يەنە «قۇۋەت تولۇقلاپ، قان توختىتىش»  دەپ ئاتىلىدۇ.

 

7. سەۋزە

سەۋزىدە مول ۋىتامىن B,C لار بار. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئالاھىدە ئوزۇقلۇق ئىلمېنتى-كاروتىن بار. كاروتېن قان تولۇقلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق. شۇڭا سەۋزىدىن شورپا قاينىتىش ياخشى بولغان قان تولۇقلاش يولى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك سەۋزىدىكى تۆمۈر مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول.

چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، ھۆسىن تۈزەش توكسىن ھەيدەشتىن ئايرىلالمايدۇ. پەقەت بەدەندىكى توكسىننى پاكىز ھەيدىگەندىلا، تېرە ياخشىلىنىدۇ.

ئاياللار نېمە يېسە توكسىن ھەيدىلىدۇ؟

1. لامنارىيە

لامنارىيە تەركىبىدىكى ئاقسىلدا، 8 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار. لامنارىيەدىكى يودلاشقان ماددىنى ئادەم بەدىنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە ياللۇغدىن پەيدا بولغان ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ. لامنارىيەنىڭ يەنە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلار قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيانلىق ماددىنىڭ بىر تەرەپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

 

2. تەرخەمەك

تەرخەمەكتە ئاقسىل، قەنت تۈرى، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنC، ۋىتامىنE، كاروتېن، نىكوتىنىك كىسلاتا، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى مول. شۇىڭدەك يەنە تارترونىك كىسلاتا، كۇكۇر بىتاتسىن، يۇمران ئىنچىكە تالا تەركىبلىرىمۇ بار بولۇپ، قىممەتلىك توكسىن ھەيدەپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

3. يېشىل پۇرچاق

يېشىل پۇرچاقتا ۋىتامىنB گۇرۇپپىسىدىكىلەر، گىلىكوزا، ئاقسىل، كىراخمال ئېنزىمى، ئوكسىدازا، تۆمۈر، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ، دائىم يېشىل پۇرچاق شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەشكە ياردەم قىلىپ، ئورگانىزىمنىڭ نورمال مېتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېشىل پۇرچاقنىڭ كۈچلۈك زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمى بولۇپ، كۆپ خىل توكسىننى يوقىتىدۇ.

4. لىجى مېۋىسى

لىجى مېۋىسىدە ۋىتامىن AB1C لار بولۇپ، يەنە پېكتىن، ئەركىن ئىئونلۇق ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل ھەمدە تۆمۈر، فوسفور، كالتسىي قاتارلىق كۆپ خىل ئىلمېنىتلار بار. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، لىجى مېۋىسىنىڭ بۆرەكنى قۇۋەتلەش، جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، توكسىن ھەيدەشنى تېزلىتىش، ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار ئىكەن، شۇنىڭدەك ئۇ توكسىن ھەيدەپ، تېرە گۈزەللەشتۈرۈشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مېۋىسى دەپ قارىلىدىكەن.

5. بۆلجۈرگەن

بۆلجۈرگەنمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان توكسىن ھەيدەش مېۋىسى بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، شۇنىڭدەك تەركىبىدە ۋىتامىنC بولۇپ، ئۈچەي، ئاشقازان يوللىرىنى تازلايدۇ ۋە جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ. بىراق ئاسپىرىنغا سەزگۈر ياكى ئۈچەي ئاشقازان ئىقتىدارىڭىز ياخشى بولمىسا، بۆلجۈرگەننى ئەڭ ياخشىسى ئىسىتمال قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك.

 يۈز قىسمىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى بىر مىنۇتتىلا تازلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قىزلار ھەر كۈنى ئۇخلاشتى بۇرۇن يۈز تېرىسىنى پاكىزلاپ ياتىدۇ. بىراق تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى تازلىقىنى ھەممەيلەننىڭ قىلىشى ناتايىن. ھالبۇكى بۇ ئىنتايىن مۇھىم. تېرىنى يۇيغاندا، ئەگەر قالدۇق گىرىم پاكىز يۇيۇلمىغاندا، تەر تۆشۈكچىلىرىدە چان-توزان قېلىپ، تېرە نورمال مېتابولىزىم ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالىدۇ، بۇ ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، دانخورەك، داغ قاتارلىقلار ئەگىشىپلا پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى قىزلارنىڭ تېرىسى ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

يۈز قىسمى تېرىسىنى يۇيغاندا، ئاۋال ئىلىمان سۇنى ئىشلىتىش كېرەك. يەنى سۇ تېمپىراتۇرىسى 20دىن 30 گرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق، بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسە، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتكۈل يۇيۇش جەريانىنى بىر مىنۇت ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش كېرەك. ئەگەر گىرىم قىلغان بولسىڭىز، چوقۇم گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا تولۇق يۇيۇپ، گىرىم تازىلاش مېيىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتمەسلىكنى ئويلاشماڭ، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا كۆپۈكچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، يۈزنى ئايلاندۇرۇپ، يىنىك ئۇۋۇلاپ، ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇش كېرەك. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، لۆڭگە بىلەن تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى يېىنىك سۈمۈرتۈۋېتىش كېرەك.

بىر مىنۇتتا يۈز قىسمىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشتا بىخەستەلىك قىلماسلىق كېرەك

تېرىنى ساغلام ھەم سۈزۈك قىلىش ئۈچۈن، سۇ تولۇقلاش ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ داۋلىنى قىزلار ئېنىق چۈشىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن، تېرىنى سۇغا تويۇندۇرغاندا، تېرىنىڭ كېچىدە خالىغانچە "كېڭىيىش"نى، مېتابولىزىمىنى ۋە يېڭى پەيدا بولۇشىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. سۇ تولۇقلاشتىن سىرت، سۇنى كونتىرول قىلىش تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى سۇنى كونتىرول قىلىۋالمىغاندا، تويۇنغان سۇمۇ ئېقىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا كېچىدىكى سۇنى سۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

بۇنىڭ جەريانى قىزلارنىڭ ئادەتتىكى سۇ تولۇقلاش خىزمىتى بىلەن ئوخشىشىدىغان بولۇپ، ئاۋال تېرە راھەتلەندۈرۈش سۈيىنى ئاندىن يۈز مېيىنى تەرتىپ بويىچە يۈزگە سۈرتۈش كېرەك. بىراق ھەر بىر قەۋەتنى سۈرگەندە، قول بىلەن يىنىك ئۇرۇپ ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك، بۇ سۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.

يۈز مېيىنى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قولنى ئۇۋۇلاپ ئىسسىتىپ، يۈز قىسمىنىڭ تېرىسىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۇۋۇلاش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، تېرە ئوزۇقلۇق ماددىسىنى تەلتۈكۆس قۇبۇل قىلىپ، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

كۆز ۋە بويۇن قىسمىنىڭ پەرۋىشىنى بىر مىنۇتتىلا قىلىپ، قېرىشنى ئۈچ يىل كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ

كۆز مەلھىمىنى ھەممە قىزلار دېگۈدەك سۈركەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق بويۇن قىسمى پەرۋىشىگە دائىم سەل قارايدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىككىلا ئورۇن قىزلارنىڭ يېشىنى ئاسان ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كۆز مەلھىمىنى تاللاپ، نامسىز بارماق بىلەن كۆز قىسمىنى ئۇۋۇلاپ، كۆز مەلھىمىنىڭ تېرىگە سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. بويۇن قىسمى پەرۋىشىدە، يۇمرانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان مەلھەمنى تاللاش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئۇۋۇلاش مەلھىمى بىلەن بويۇش قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. مەيلى مەلھەمنى سۈرۈش ياكى ئۇۋۇلاشتا بولسۇن، چوقۇم تۆۋەندىن يۇقىرىغا سېرىشنى ئەستە تۇتۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بويۇن قىسمى تېرىسىنىڭ تارتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، بويۇن قىسمى قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پەقەت ئۈچ مىنۇتلۇق پەرۋىشنى توغرا قىلغاندا، تېرىنىڭ ياشلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

 

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈپ، تېرە ئاسراشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى

يۈز يۇيۇش سوپۇنى بىلەن يۈز قىسمى تېرىسىنى پاكىز يۇيۇش

كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئاۋال يۈز يۇيۇش سوپۇنى بىلەن يۈز تېرىسىنى يۇيۇش كېرەك، چۈنكى تېرە ئۇزاق مەزگىل سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇششاق چاڭ-توزانلار يۈز قىسمى تېرىسىگە چاپلىشىۋالىدۇ، يۈز يۇيۇش سوپۇنى بىلەن تېرىنى پاكىز يۇيغاندا، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇشىدىن ساقلىنىپ، تېرە مەسىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كالا سۈتى ئارقىلىق تېرە گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى

 كالا سۈتىنىڭ ئۇيقۇنى كەلتۈرۈشتەك سېھىرلىك ئۈنۈمى بار. بۇنىڭدىن سىرت، كالا سۈتىنى تېرىگە سۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ. ھەر كۈنى كەچتە، كالا سۈتى ئىچكەن چېغىمىزدا، ئېشىپ قالغان ئازراق كالا سۈتىنى يۈزگە سۈرۈپ، ئۇيقۇ يۈز چاپلىقى ئورنىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەگەر يەنە ئاقىرىش ئېھتىياجىمىز بولسا، يەنە كالا سۈتىگە مەرۋايىت تالقىنى قوشۇپ، بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، تېرىمىزنىڭ سىلىق، يۇمرانلاشقانلىقىنى ۋە ئاقارغانلىقىنى بايقايمىز.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ تولۇقلاش چاپلىقى چاپلاش

سۇ تولۇقلاش تېرە ئاسراشقا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرىگە سۇ تولۇقلاش تېرىنىڭ كېچىدىكى سۇ تەركىبى ئېقىش ئەھۋالىدىن ساقلاپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى ياكى سۇ-ماينىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى تازلىغاندىن كېيىن، سۇ تولۇقلاش چاپلىقىنى چاپلاشتىنمۇ ئارتۇق ئىش بولمىسا كېرەك!

كۆز مەلھىمى ئىشلىتىش

كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىدە كۆز ئەتراپى قارىداش، كۆز خالتىسى ياكى باشقا تېرە مەسىلىلىرى يوق دەپ قاراپ، كۆز مەلھىمى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆز مەلھىمى قىزلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. كۆز قىسمى تېرىسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئاسراشقا ئېھتىياجلىق، بولمىسا بالدۇرغا قورۇق چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆز مەلھىمىنى توغرا سۈرۈش تېرە ئاسراشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.

بويۇنمۇ ئاسراشقا ئېھتىياجلىق

بويۇن قىسمى تېرىسى ۋاقتىدا قوغدالسا، بويۇن قورۇقىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بويۇننى ئۇۋۇلىغاندىكى ھەرىكەت يىنىك بولۇش كېرەك، بۇنىڭدا يۈز قىسمى تېرىسىنىڭ پاكىز بولۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز قىسمى ھەرىكىتى قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ.

قىزلار 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن تېرىسى قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، بەزى يۈز قىسمى ھەرىكىتى ئىشلەپ، قول بىلەن يۈز قىسمى تېرىسىنى يىنىك ئۇۋۇلاپ، ئېڭەكتىن چېكىگىچە يۇقىرىغا قاراپ سېرىپ بېرىش كېرەك؛ كۆز قىسمىنىمۇ بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى قىسمىدىن چېكىگىچە يۇقىرىغا قاراپ سېرىپ بېرىش كېرەك؛ پىشانىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى چەتكە قاراپ سېرىش كېرەك. بۇ ھەرىكەتلەرنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن نەملىك ساقلاش بويۇملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر نەچچە قېتىم قايتىلاپ بەرگەندە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئاياللار ھەر كۈنى يېسە، قورۇققا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئەڭ تېز مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئاياللار نېمە يېسە، توكسىن ھەيدىلىپ، تېرىسى ياخشىلىنىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوچۇق-يورۇق قىزلار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتلەشكەندە بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز دەرھال ئايرىلىپ كېتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئاقسىل كۆپ بولسا ئورۇقلاشقا پايدىسى تېگىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈزىمىزدىكى چېچەك ئىزىنى قانداق يوقىتىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەر قايسى خىل ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئەڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جورىڭىزنىڭ ھىدى بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت چېيى ھەممىگە قادىر ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدىنىڭىز قىچىشسا جىگەر ۋە ئۆتنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بۇ تۆت خىل مەخپىيەتلىكىنى بىلەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى: ئاپلا، تىرامپ ئەپەندى، ئەمدى يېتەر!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپىنى سوناكشى سىنھانىڭ يېڭى سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پىسخىكىلىق ئويۇن: قەلبىڭىزدىكى چىن سۆيگۈنىڭ ئوبرازى قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نېمىشقا يۇقىرى مائاشلىق دۆلەت كارخانىلىرىمۇ ئىستۇدېنتلارنى تۇتۇپ قالالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى سوغۇققا چىداش مۇسابىقىسدە ئىككى سېكۇنتلا مۇز قۇچاقلىغان ماھىر چېمپىيون بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چولپانلار 60-نۆۋەتلىك گرەممې مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا جەم بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • توققۇز بالىسى بار دادا خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ «ئۆيدە ئولتۇردى»

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رونالدو قىز دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستاندا ئاشقان تاماقلارنى نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان «بانكا» بارلىققا كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015