ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك ساقال ئېلىشىدا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئەرلەر >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-11-15 12:16:05

39 ساغلاملىق تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەركۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ساقال ئېلىش كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ھېسابلىنىدۇ. قارىماققا كۆپىنچە ئەرلەر بۇ ئىشنى سالامەتلىك بىلەن ھېچقانچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. لېكىن ساقال ئالغاندا ئۈچ مۇھىم ھالقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا بىۋاستە ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

1. ساقال ئالغاندا چوقۇم تەلتۆكۈس ئېلىش كېرەك

كۆپلىگەن ئەرلەر ساقال ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، قولى بىلەن يۈزىنى سىلاپ بېقىپ، ساقالنى پاكىز ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ، لېكىن مەيلى قانداقلا ئالمىسۇن، يەنىلا ئاز بىر قىسىم ساقال ئومۇمىي ئۈنۈمگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ساقالنى تېخىمۇ تەلتۆكۈس ئېلىش ئۈچۈن، ساقال ئېلىش تىغى ئىشلىتىش ئەڭ مۇۋاپىق، ھەمدە شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ مازغاپ ياكى بېلىق مېيى مەلھىمى ئىشلىتىش كېرەك. يۈز تازىلاش مەلھىمى بىلەن يۈزنى يۇيغاندىن كېيىن، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن ساقالنى 3-5 مىنۇتقىچە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، ساقالنى تولۇق يۇمشىتىش كېرەك. ئاندىن ساقال مازغىپى ياكى بېلىق مېيى مەلھىمىنى يۈزنىڭ ساقال ئۆسكەن قىسىمىغا تەكشى سۈرتۈپ مۇۋاپىق ئۇۋۇلاش كېرەك، يېتەرلىك مازغاپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن كېيىنكى باسقۇچلۇق ساقال ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

2. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ 20 مىنۇتتىن كېيىن ساقال ئالسا ئەڭ مۇۋاپىق

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ساقال ئالسا ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكىم چۈشتىن كېيىن بولمايلا يەنە يېڭى ساقاللار ئۆسۈشكە باشلايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئورنىدىن تۇرۇپ 20 مىنۇتتىن كېيىن ساقال ئالغاندا، ئاندىن يۈزنىڭ بىر كۈنلۈك پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەتىگەنلىكى يېڭىلا ئورنىدىن تۇرغاندا بىر كېچىلىك ئارام ئېلىشتىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يەنىلا تولۇپ تاشقان ھالەتتە بولۇپ، ساقالنىڭ ئۆسۈشىمۇ تېز بولىدۇ. 20 مىنۇتتىن يېرىم سائەتقىچە بولغان خوراشتىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنى بارا-بارا تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقالنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن ساقال ئالغاندا، ئۇنچىلىك تېز قايتا ئۆسۈپ چىقمايدۇ. 

3. نېيترال سوپۇن بىلەن ئاۋۋال يۇيۇش كېرەك

ئاۋۋال يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن ساقال ئېلىش بولسا ھەممىگە ئايان قائىدە. ساقال ئېلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال نېيترال سوپۇن بىلەن يۈز قىسىمىنى پاكىز يۇيۇش كېرەك. ئەگەر يۈز قىسىمىدا، ساقالدا مەينەت نەرسىلەر ياكى چاڭ-توزانلار بولسا، ساقال ئالغاندا تېرىگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بولىدۇ ياكى تېرىنى يېنىك دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدۇ، مەينەت نەرسىلەر تېرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن ساقالنى ئىسسىتىش، ياكى ساقال يۇمشىتىش مەلھىمى ئىشلىتىپ ساقالنى يۇمشىتىش كېرەك. ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن، يەنە ساقال ئېلىش مەلھىمى ياكى سوپۇن سۇيۇقلۇقى سۈرتۈش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ساقال ئالغۇچ تىغىنىڭ ساقالنى كېسىشىگە پايدىلىق بولۇپ، تېرىگە بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىدۇ. ساقال ئالغاندا تېرىنى چىڭ تارتىپ، ساقال ئالغۇچ تىغىنىڭ تېرە يۈزىدىكى قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىدۇ ھەمدە تېرىنى كېسىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4. تېرە سىزىقچىلىرىنى بويلاپ ساقال ئالغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

بەزى ئەرلەر ساقال ئالغاندا ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساقال ئالغاندا ساقال ئىزنالىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك، يۈز قىسىمىدىكى ساقالنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، سولدىن ئوڭغا، ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاۋۋال تەر تۆشۈكى يۆنىلىشى بويىچە، ئاندىن تەر تۆشۈكىنىڭ قارشى يۆنىلىشى بويىچە، ساقال ئېلىش مەلھىمى بىلەن يېتەرلىك ۋاقىتتا قىسقا ساقاللارنىڭ قاتتىق قىسىمىنى يۇمشىتىش كېرەك. تېرە ئىزنالىرى بويىچە ساقال ئالغاندا تېرىنىڭ قىزىپ ئىششىش، ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ياشقا چوڭ كىشىلەر ياكى تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ تېرىسىدە ئاسانلا قورۇق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا بۇ كىشىلەر ساقال ئالغاندا تېرىنى چىڭ تارتىپ تۇرۇشقا بەكرەك دىققەت قىلىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە تىرەپ تۇرۇش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ساقالنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن مازغاپنى سۈرتۈش ياكى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش، ئاندىن قايسى جايلاردا ساقاللارنىڭ قالدۇقى قالغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. 

5. ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ساقال ئېلىش جەريانىدا بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈزدىكى دانىخورەكنى ياكى تېرىنىڭ تەكشى بولمىغان جايلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىمىز، بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاۋۋال سۈزۈك سۇ بىلەن يۈز قىسىمىدىكى قالدۇق ساقال ئېلىش مەلھىمىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن قولغا ئازراق سوپۇننى سۈركۈپ مازغاپ چىقىرىپ، ئاز مىقداردىكى مازغاپ بىلەن يارا ئېغىزىنى يۇيۇپ، ئارقىدىن سۈزۈك سۇ بىلەن تازىلاش كېرەك، ئەڭ ئاخىرىدا پاكىز يۈز قەغىزى بىلەن يۈز قىسىمى ۋە يارا ئىغىزى ئەتراپىنى پاكىز  سۈرتۈش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا لۆڭگە بىلەن سۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، لۆڭگە ئۈستىدە يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر قالدۇقلار ياكى باكتېرىيەلەر قالىدۇ. شۇڭا بىر قەدەر نەپىس يۈز قەغىزى بىلەن سۈرتۈش ئەڭ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ.

6. ساقال ئالغاندا تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك

ئەگەر ساقال ئالغاندىن كېيىن ئېڭەك ياكى بويۇن قىمىسىدا قىزىل چېكىتلەر پەيدا بولسا، بۇ بەلكىم ساقال ئېلىش جەريانىدا ساقالنىڭ تەر تۆشۈكىنى تارتىۋەتكەنلىكىدىن، ساقالنىڭ يىلتىز قىسىمىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ قاناپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ساقال ئېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاۋۋال ساقالنى يۇمشىتىش كېرەك ھەمدە بىر قەدەر ئۆتكۈر بولغان ساقال ئالغۇچ تىغى ئىشلىتىش كېرەك. گال ياكى كونا ساقال ئالغۇچ تىغى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەر تۆشۈك خالتىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئەگەر كىچىك قىزىل چېكىتلەر پەيدا بولغان بولسا، ئىسپىرتلىق تەركىبى بولغان تېرە ئاسراش سۈيى ياكى ساقالدىن كېيىنكى تېرە سۈيى قاتارلىقلارنى سۈرتۈش كېرەك، بۇنى پەقەت قول بىلەن بىر قەۋەت سۈرتۈپ قويساقلا كۇپايە، ھەرگىزمۇ گىرىم بويۇمى قاتارىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا تېرە ياكى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەرلەر 34 ياشتا، ئاياللار 30 ياشتا ئەڭ گۈزەل بولىدىكەن
  • بويتاقلار ئاسانلا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، توي قىلىش ئەڭ ياخشى داۋاسى
  • بەك كۆپ كۈلۈشمۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىكەن
  • خانىم، سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ
  • قۇچاقلاشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
  • بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ
  • كولا ئىچىش راستتىنلا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟
  • قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟
  • بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن
  • ئاياللار ئاسراشقا تېگىشلىك جايلار
  • ئەر-ئاياللار ھە دېسىلا كونا خاماننى سورىماسلىقى لازىم
  • ئەرلەرنى چۈشىنىش مۇشۇنداق ئاسان، ئاياللارنى چۈشىنىشنى ئويلىماڭ!
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك ساقال ئېلىشىدا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرغاننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تامىقى بەك ئاز ئادەم ئاسانلا قەۋزىيەت بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە كومېدىيەلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرگىنى ياخشى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كىندىكىنى يۇيۇشقا، كولاشقا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىكى مەجبۇرىيىتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى قانچە ياش؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەر نەچچە ياشتا بالىلىق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﭖ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯔ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تىل زوراۋانلىقى» دىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • «غەربكە ساياھەت» تىكى شۇنچە كۆپ مودا ئامىللىرىنى بىلمىگەن ئۆمرىمىزگە ۋاي

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياڭ مىنىڭ يولدىشىلا چىدايدىغان غەلىتە ئادىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 20 شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈزەل قىز «ئەۋرىشىم لەغمەنچى ئاكا»نى قوغلىشىپ كەلتۈرۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى 100 باي ئايال تالىشىپ كەتكەن ئەڭ كېلىشكەن راھىب

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى 2017-يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 8 چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۇچقۇچى ئاسماندا قىز دوستىغا رومانتىك توي تەكلىپى قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەر تۈرمىسىگە قامىلىش ئالدىدا تۇرغان بىردىنبىر ئايال مەھبۇس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋانى كاپورنىڭ سارى كىيگەن گۈزەل ھالىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015