ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئەرلەر >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-06 23:05:31

«بېيجىڭ ۋاقتى» تورى ماقالىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا تۇغماسلىق ئىزچىل تۈردە ئاياللارغىلا خاس مەسىلە ھەمدە ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىكى مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا پەرزەنتلىك بولۇشقا دائىر چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا چۈشەندۈرۈلگەن زەخمە يېتىدىغان ئوپېراتسىيەدىكى ھەل قىلىنىش نىشانى، دەپ قارىلىپ كەلدى. بىراق نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتتا پەقەت يېرىمىغا يەتمەيدىغان تۇغۇت مەسىلىسىنىڭلا ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. ھازىر ئەرلەرنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى تېزدىن تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئۇرۇق (ئىسپېرما) بەلكىم ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنىڭ زەھەرلىشىگە ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇشى مۇمكىن. بۇلتۇر يازدا، ئېرۇسالىم ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق مىقدارىنىڭ ئۆتكەن 40 يىل ئىچىدە %60 ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى.

بىز ھازىر بىر مەيدان «ئۇرۇق قۇرۇپ كېتىش» خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. سۈرەتتە: ئۇرۇق سانىغۇچ

ئۇلار لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن كەلگەن 43 مىڭ ئەر بىمارنىڭ بەدەن سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلدى، ئۇلار 1973-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە جەمئىي 185 قېتىملىق تەتقىقات ئېلىپ باردى، بۇنى ئوخشاش تۈردىكى تەتقىقاتلار ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى خاگاي لېۋېنېنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەتىجە ئىنسانلارغا «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» بەرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇرۇق تەتقىقاتلىرى ئىزچىل تارقاق بولۇپ كەلگەن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى توغرىسىدىكى تەتقىقاتقا ئوخشاش ئۇنداق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. لېكىن بۇ خىل تەتقىقاتلار كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ كەلگەن. 2012-يىلى 26 مىڭ نەپەر فىرانسىيەلىك ئەرگە قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇرۇق مىقدارى 1989-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئۈچتىن بىر قىسىمى ئازلىغان. ئەنگلىيەنىڭ 2007-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىمۇ ئۇرۇق مىقدارىنىڭ ئەنگلىيە شەھەرلىرىدە 1989-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە 13 يىلدا %29 ئازلىغانلىقى بايقالغان.

ئۇنداقتا زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ئەجەبا بىز ھازىر بىر قېتىملىق ئېغىر جەمئىيەت ۋە ھاياتلىق ئاپىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىزمۇ؟ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار خاتا يېتەكلەش پەيدا قىلامدۇ-يوق؟ ياكى بىز نوپۇسنىڭ زىيادە ئېشىشىدىن ئەنسىرىشىمىز سەۋەبلىك زېھنىي قۇۋۋىتىمىز چېچىلىپ كېتىپ، «ئۇرۇق قۇرۇپ كېتىش» خەۋپىنىڭ جىمجىتلا يېتىپ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلمىدۇقمۇ؟

ئۇنىۋېرسال داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، خارلېي كوچىسى يېڭى مېدىتسىنا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتېفان چىمېلىك ئۆزىنىڭ ئالدىن مۆلچەرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئەرلەرنىڭ تۇغۇت مەسىلىسىدىكى ئاساسىي داۋالاش ۋاسىتىلىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ھازىر ئۇرۇق ئازىيىش سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار 50 يىل ئىچىدە تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇنقىدەك نەيچە ئارقىلىق ھامىلىلەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرىدىغان بولدى. مەن بۇنى مەقسەتلىك ئەيىبلىمەكچى ئەمەس، ئەمما كەلگۈسىدە 10-ئەۋلاد پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق مەيدانغا كەلگەن چاغدا دۇنيانىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.»

ئۇ بۇنداق مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپ خىل سەۋەب بار، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دېيىشكە بولىدىكەن، بۇ خىل بېسىم ئەمدى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ھاياتلىق مەسىلىلىرى ئەمەس، بەلكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن پوچتا يوللانمىسى، قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى ئاخىرلىشىش ۋاقتى ھەمدە ئىنتايىن ئېغىر ئۆي قەرزى قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان بولۇپ قالدى. چوڭ مېڭە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق تەھدىتنى پەرقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغىنىدا، ئۇرۇققا زىيانلىق ئادرېنالىن (ئېپىنېفرىن، 肾上腺素) قويۇپ بېرىشتەك بىرلا ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسىم ئەر-ئايالدا تۇغۇت مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاتاقنىڭ ئەر ياكى ئايالدا كۆرۈلۈش نىسبىتى تەخمىنەن 1:1 ئىكەن. ئەنگلىيەدە تۆتتىن بىر قىسىم ئەر-ئاياللاردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى تېپىلمىغان ئىكەن. ئەرلەردىكى تۇغماسلىق ئاساسلىقى ئۇرۇق بەك ئاز، ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن، (چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى جەھەتتىكى) غەيرىيلىك ياكى ئۇرۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇرۇق بولماسلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئۇرۇقدان زەخىملىنىش، تۇغما كەمتۈكلۈك، تېستوستېرون (睾酮) بەك تۆۋەن بولۇش، ئۇرۇق چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇرۇق باشتىن كەچۈرىدىغان ئۇزۇن يولدا، ھەر خىل ئامىللار ئۇرۇقلىنىشنى دەسلەپتىن باشلاپلا ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

ئەرلەر ھەر قېتىملىق ئۇرۇق چىقارغاندا تەخمىنەن 200 مىليون تال ئۇرۇق چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 10 مىڭ تال ئۇرۇق تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئەتراپىغا بارالايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار جىنسىي يولنى بويلاپ تۇخۇمغا قاراپ ئۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش سۈرئىتى يېتەرلىك تېز ئەمەس بولۇپ قالسا، جىنسىي يول ئىچىدىكى كىسلاتالىق ماددىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

بىز ئىسپىرت، تاماكا چېكىش، سېمىزلىك ۋە خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنىڭ ئەرلەرنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن يەنە دەلىل-ئىسپاتلار ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى (بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر سۈزمە ماددىلىرى ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ) ۋە قىسماق تۇتماس قازان (不粘锅، ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا پېرفتور ئالكىل تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ئىشلىتىلىدۇ) قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇرۇققا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

چىڭ يېپىشىدىغان تار ئىشتان، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى سۇدا قويۇپ بەرگەن ئانىلىق ھورمون ۋە سىمسىز روتېرنىڭ ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيەسى قاتارلىق «ئۇرۇق قاتىللىرى»نى تىلغا ئالمايلا قويايلى. ھازىر ئىبۇپروفېن (布洛芬)مۇ يېقىندا گۇمانلىنىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. بۇ يىل «ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىبۇپروفېن ئىستېمال قىلغاندا ئەرلىك ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىلىشقا كاشىلا پەيدا قىلىدىكەن.

نۇرغۇن كىشى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى يېمەكلىك خۇرۇچى، ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلار ۋە سانائەت بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ھەتتا سۇيۇق سۇۋالغۇ تەركىبىدىمۇ ئۇرۇققا زىيانلىق ئېتىلېن گىلىكول (乙二醇) بار ئىكەن.

ھەر خىل ئەندىشىلەر ئىچىدە بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق: ئىنسانلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەقىقەتەن بەك تېز بولدى، شۇڭا بۇنىڭ گېن ئۆزگىرىش نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ياشاش ئۇسۇلى ھەم ياشاش مۇھىتى دەل تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى باش جىنايەتچى. ئۇنىڭدىن باشقا، گەرچە بۇ خەۋەر ئاڭلىماققا بەك قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يەنە ئاكتىپ تەرىپى بار، بىز  پەقەت ئازراقلا تىرىشىپ بېسىمنى يېنىكلىتىش، مېۋە ۋە كۆكتاتنى جىق يەپ گۆشنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، كۆپرەك ئارام ئېلىش قاتارلىقلارنى ئورۇندىيالىساقلا، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.

لوندوننىڭ شەرقىي پوتنېيدا «ئۇقۇم تۇغۇت ئامبولاتورىيەسى (Concept Fertility Clinic)» ناملىق بىر ئاپپارات بار. ئۇ تۇغۇت ئىقتىدارىنى سىناش، بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش، ICSI (تۇخۇم ھۈجەيرىسى پىلازمىسى ئىچىدىكى يەككە ئۇرۇققا مىكروسكوپىك ئوكۇل ئۇرۇش تېخنىكىسى) ھەمدە ئۇرۇق ۋە تۇخۇم توڭلىتىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «خاس خۇسۇسىي زاكاز قىلىنغان مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئامبولاتورىيە ئىچىدە ھال رەڭلىك موم قەلەم بىلەن بويالغان بىر تام بار، ئۇنىڭغا بۇ ئامبولاتورىيەدە ئۇرۇقلىنىش ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ رەسىملىرى لىق ئېسىلغان بولۇپ، گويا سىزنى «پەقەت ئۆستۈرۈش قاچىسى ۋە ئازراق تەلىيىڭىزلا بولسا، مۇشۇنداق گۆھەردەك بوۋاقلارغا ئېرىشەلەيسىز» دەپ ئەسكەرتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇنداق كەسىپ ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتماقتا. سۈرەتتە: بۇ ئالاھىدە ياسالغان مىكروسكوپ ئارقىلىق تۆرەلمە تەكشۈرگىلى ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسى پىلازمىسى ئىچىدىكى يەككە ئۇرۇققا مىكروسكوپىك ئوكۇل ئۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ ئامبولاتورىيەنىڭ داۋالاش مەسئۇلى كامال ئويخا ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە مەسلىھەتچى دوختۇر، شۇنداقلا ساينت گېئورگې دوختۇرخانىسىنىڭ لېكتورى، ئۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ تۇغماسلىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن داۋالانغىلى كېلىدىغان ئەر بىمارلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئامبولاتورىيە بەلكىم ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ «ئەرلەر تۇغۇت ئۆيى» بولۇشى مۇمكىن. سۈرەتتە: ئۇقۇم تۇغۇت ئامبولاتورىيەسىنىڭ داۋالاش مەسئۇلى كامال ئويخا ھازىر مەسلىھەت بېرىش ئۆيىدە

2016-يىلىدىكى بىرازىلىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئادەم زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئۇرۇقىنى توڭلاتقان. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھەتتا 70 ياشلىق بوۋايمۇ ئۇرۇق توڭلىتىش ئىشىدىن مەسلىھەت سورىغان. لېكىن كامال ئويخا ۋە باشقا نۇرغۇن دوختۇر: «ئەر-ئاياللاردىكى تۇغماسلىق مەسىلىسىنىڭ كۆپ ھاللاردا بىمار تېخى ھامىلە ۋاقتىدىلا ئاپەت يىلتىزى كۆمۈلۈپ قالغان. چۈنكى ھامىلىنىڭ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدىغان ئورگانىزمى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېتىلىشكە باشلايدۇ، بۇ مەزگىلدە ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلىدىغان ھەرقانداق ماددا تۆرەلمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تۇغۇت ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان بۇزغۇنچىلىق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھاسىل بولىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يەنى ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ھەپتىدىن 12 ھەپتە ئىچىدە چوقۇم مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك» دەپ قارىدى. سۈرەتتە:  ئەر بىمارلار ئۇقۇم تۇغۇت ئامبولاتورىيەسىنىڭ بۇ ئۆيىدە ئۇرۇق ئەۋرىشكىسىنى قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

كامال ئويخا ئەر-ئاياللاردىكى تۇغماسلىق مەسىلىسىنى يەنە ئاياللارغا قارىتىپ، 1976-يىلى ئىتالىيەدىكى بىر ھاشارات يوقىتىش دورىسى ياساش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى دىئوكىسىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىگە يولۇققان ئاياللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇللارنىڭ ئۇرۇقىنىڭ مىقدارىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، ئەمما قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن دىئوكىسىن بىلەن ئۇچراشقان ئەرلەردە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكىنى مىسالغا ئالدى. سۈرەتتە: ئۇرۇقنى توڭلىتىپ ساقلاش

2016-يىلى، نورۋېگىيە ئالىملىرى چىشى چاشقانلارغا ھەر كۈنى مۇئەييەن ئورگانىك بۇلغىمىلارنى بەرگەن، ئۇنىڭ مىقدارى ئىنسانلارنىڭ مەقسەتسىز قوبۇل قىلىش مىقدارىغا تەڭ بولغان، نەتىجىدە بۇ بىر توپ چاشقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇرۇق مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازايغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇقتىكى DNAنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى بولغان.

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، يېمەكلىك ئورالمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى فىتالات كىسلاتاكىسلائانگىدرىدىمۇ ئەرلەرنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تۆت يىل بۇرۇن، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاياللار تۇغۇت مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە ئاياللارنىڭ تۆۋەن مىقدارلىق خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى ھەمدە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق شەخسىي پەرۋىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى. لېكىن يېڭى كۆرسەتمە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلمىي دەلىل بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك، ئەمما مۇشۇ ھازىرچە دەل كەمچىل بولۇۋاتىدۇ.

ئەنگلىيە تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، شاففېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرلەر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى پىروفېسسور ئاللەن پاسېي بىزنىڭ بۇنىڭدىن زىيادە ۋەھىمىگە چۈشۈشىمىزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇرۇق مىقدارى ئازلىشىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق پارامېتىر ۋە يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇق يىغىش تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە قېرىشنى ئۇرۇق ئازىيىپ كېتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى، دەپ قارىدى.

گەرچە بەزى ياشانغان ئەر-ئاياللار 70 يېشىدا تەبىئىي ئۇسۇلدا پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى 25 ياش ئەتراپىدىن باشلاپ بارا-بارا تۆۋەنلەيدۇ. ئەرلەر 40 ياشقا بارغاندىن كېيىن، مەيلى ئايال تەرەپنىڭ يېشى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇقلىنىش پۇرسىتى ئەرلەرنىڭ 25 ياشقا توشمىغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ.

ئەگەر ئەرلەرنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىق-كۆپ ھەرىكەتلىنىش كېسىلى (ADHD)گە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ. بۇمۇ ئەنگلىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسى (NHS) قاپلىغان رايونلاردا 40 ياشتىن ھالقىغان ئەرلەرنىڭ بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئەنگلىيە يەنە ئۇرۇق تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ يېشى 40 ياشتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

ئەنگلىيە ئابېرتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېرسىيەتشۇناسلىق بويىچە ئالىي لېكتورى كېۋىن سىمىت دوكتور ھەتتا كېيىنچە NHSتىن گېن ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 18 ياشلىقلارنىڭ ئۇرۇقىنى توڭلىتىشقا تۇتۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەيلى سىز ھازىر قانچە ياش بولۇڭ، ئەرلەردىكى تۇغماسلىق ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا غايەت زور زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇرۇق بولماسلىق كېسىلىنىڭمۇ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمۇ شۈبھىسىز. مەسىلەن، بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن راج باكسى ئايالى بىلەن توي قىلغىلى 20 يىل بولغان، ئۇلار 35 يېشىدىن باشلاپلا بالىلىق بولۇشنى سىناپ باققان. ئەمما بىر يىلدىن كېيىن راجغا «كىلىنېفېلتېر سىندرومى كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، بۇ بىر خىل نورمىدىن ئارتۇق X خىروموسوما كۆپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ، تەخمىنەن 600 ئەر ئىچىدە بىرى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقتىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن.

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، ئاجرىشىپ كەتكەن، راج باشقا يەرگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئايالى باشقىلار بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولغان. بۇ ئىش راجنىڭ يۈرىكىنى پۇچىلىغان. كۆپ قېتىملىق ئىزدىنىش نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، «بالا بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ» دېگەننى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

لېكىن بۇ خىل ئازابقا قارىغاندا تېخىمۇ تەس كېلىدىغىنى جەمئىيەتنىڭ ئەرلەردىكى تۇغماسلىققا قارىتا بىر تەرەپلىمە كۆز قارىشىدۇر. ئۇلار دائىم ئۇرۇق تەقدىم قىلىش ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا ھامىلىدار بولۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ھەددىدىن ئاشقان چاقچاقلارغا نائىلاج يۈزلىنىشكە مەجبۇر، باشقىلار بۇنداق گەپلەرنىڭ ئادەمنى قانچىلىك ئازاپلايدىغانلىقىنى پەقەتلا ھېس قىلالمايدۇ. بەزىلەر دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئېغىر دەرىجىدىكى تەشۋىشلىنىش كېسىلى ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى «مۇكەممەل ئەرلەردىن ئەمەس» دەپ قارايدۇ.

ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشىمىز بەكلا ئاز، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇلتۇر بىزنىڭ ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى چۈشىنىش دەرىجىمىزنىڭ «ناھايىتى تۆۋەن»لىكىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات مەبلىغى ئىئانە قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. شوتلاندىيە دۇندې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇغۇت ئىلمى كىلىنىكىسى سارا مارتىنس دا سىلۋا دوكتورنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى دەل پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ «بىزنىڭ ئۇرۇقنى چۈشىنىشىمىز ئەسلا يېتەرلىك ئەمەس» دەپ قارىدى.

ئۇ ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچلار مول يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەكلىپىنى بەردى. بەلكىم كېيىنچە يەنە ئۇرۇقنىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرالايدىغان خىسلەتلىك دورا ياسىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ھازىر بىر قسىىم يوشۇرۇن كۈچى بار بىرىكمىلەر تەتقىق قىلىپ چىقىلدى، لېكىن مەبلەغ يەنىلا ئاساسلىق مەسىلە. بىز بۇ ئۆمرىمىزدە ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى داۋالاش ئۇسۇلىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

لېكىن ئەگەر بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى تەجرىبىخانىلارنىڭ ئۇرۇق ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى يېتىشتۈرىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ قالىدۇ. بۇلتۇر، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل چاشقاننىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي تۆرەلمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىققان ئىدى. لېكىن سارا دوكتور ئېتىكا-ئەخلاق جەھەتتىن تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تېپىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى دولقۇن جىمجىتلا يېتىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك ئەرلەر بارغانسېرى ئوچۇق، تېخىمۇ سەمىمىي بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە قانچە كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلسا، كىشىلەر بۇنىڭ بىر ئومۇميۈزلۈك مەسىلە ئىكەنلىكىنى شۇنچە ئاسان ھېس قىلالايدۇ، ئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. كىشىلەر ھازىر بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىكلىكىنى ھەمدە تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ۋاستىسى تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتنى تاماملاش كېرەك.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئاياللار ھەر كۈنى يېسە، قورۇققا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئەڭ تېز مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مىجەز-خاراكتېر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەم كۆيۈمچان ھەم ۋاپادار ئەر بولسا قايسى ئايال بەختلىك بولمىسۇن؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-ئاياللاردىكى سەككىز خىل پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار نېمە يېسە، توكسىن ھەيدىلىپ، تېرىسى ياخشىلىنىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوچۇق-يورۇق قىزلار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتلەشكەندە بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز دەرھال ئايرىلىپ كېتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئاقسىل كۆپ بولسا ئورۇقلاشقا پايدىسى تېگىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈزىمىزدىكى چېچەك ئىزىنى قانداق يوقىتىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەر قايسى خىل ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئەڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • پرىيانكا چوپرانىڭ سۈرىتى فىلىمفەر ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۇدا 13 ئوغۇل يەڭگىگەن ئامېرىكىلىق ئايال قىز يەڭگىش ئۈچۈن يەنە قورساق كۆتۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى ئەڭ قالتىس توققۇز كەنت: ھەممە ئائىلىنىڭ ماشىنىسى ۋە داچىسى بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «مەلىكە خۇەنجۇ» قايتا قويۇلۇپ كۆرۈلۈش نىسبىتى چىمپىيونلۇقى ياراتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پاك گۆنھيېگە ئىسمى ۋە چىرايى ئوخشايدىغان ئايال دىكتور داڭق چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كورېيە يېڭى تىياتىرى «غەيرەت قىل ۋايكىكى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئون چوڭ توسما

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بوللىۋود چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • لىن شىنرۇنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە خۇشپېئىللىقى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015