ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىككى خىل جىنسىي مۇناسىۋەت

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-06-23 20:38:17

قايسى خىل جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرىدىغان خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن قايسى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك؟

1. جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولغانلار ئۆتكۈزىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەت.

مەيلى ھەمجىنسلار بولسۇن، مەيلى ئوخشاش بولمىغان جىنسلار ئارىسىدا بولسۇن ئوخشاش بىر مەزگىل ئىچىدە كۆپ ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش خەتىرى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي ھەمراھنىڭ سانى ياشلاردا يوشۇرۇن مەۋجۇت بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چەتئەللىك بىر ئالىم يىلىغا 30-20 ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئەر ئەيدىز بىمارىنىڭ جىنسىي ھەمراھلىرىنى تەكشۈرگەندە بۇ ئەر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان 16 ئايال ئىچىدىن 10ىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. بۇ 10 ئايالنىڭ 3ى پەقەت ئاشۇ ئەيدىز بىمارى ئەر بىلەنلا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ باققان. يۇقۇملانغانلارنىڭ 8ىدە تىپىك ياكى تىپىك بولمىغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن. ماستېر ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغا نيۇيورك قاتارلىق 4 شەھەردىكى 800 ئادەمنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ تەكشۈرگەندە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا پەقەت بىرلا جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا ئاز دېگەندە 6 جىنسىي ھەمراھ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر دەپ ئايرىغان. نەتىجىدە، پەقەت بىرلا جىنسىي ھەمراھ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى پەقەتلا %0.25 بولغان؛ كۆپ جىنسىي ھەمراھ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %6كە يېتىپ، ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكىلەردىن 24 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، باشقا كېسەللىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى قىيىن بولىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، ناۋادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئەر ئۇدا بىر ئايال بىلەن ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا 500 قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە پەقەت بىر قېتىمىدىلا ئەيدىز ۋىرۇسىنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويىدىكەن. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ قويۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن. ياشلار بىر نەچچە ئادەم بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغان بولغانلىقتىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا خەتەرگە پېتىپ قالىدۇ. 

2. ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت:

ئەر ھەمجىنسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرى ئىچىدە ياشايدۇ. نۆۋەتتە، ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا. كانادالىق ياشلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ ھەمجىنس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان %40 ئادەمنىڭ 5تىن كۆپ جىنسىي ھەمراھى بارلىقى بايقالغان. 90-يىللاردىن بۇيان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەر ھەمجىنسلارنىڭ جىنسىي ھەمراھى ۋە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قېتىم سانىنى ئازايتقانلىقى ھەمدە گاندون ئىشلەتكەنلىكى ئىدى.

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەر ھەمجىنسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى ئوخشاش بولمىغان جىنسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن مۇرەككەپ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلس شەھىرىدىكى 64-18 ياش ئارىلىقىدىكى 2 مىليون 300 مىڭ ئەر كىشىنىڭ 410 مىڭى ھەمجىنس. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ھەمجىنسلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ 5 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50-13.5 ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا نەچچە 100 جىنسىي ھەمراھى بولغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. 1987-يىلى سان فىرانسىسكودىكى 34-25 ياش ئارىلىقىدىكى 1034 نەپەر بويتاق ئەرنى تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، %49 ھەمجىنس ياكى قوش جىنسنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتلاسى مۇسبەت چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنسىي ھەمراھىنىڭ سانى 50تىن ئاشىدىغانلارنىڭ %71دە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتلاسى مۇسبەت چىققان. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، بىر قىسىم ھەمجىنسلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا «سۈرئەت ئاشۇرغۇچلۇق» رولىنى ئوينايدۇ. 

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش شەرتلىرى:

1. تارقىلىش مەنبەسى بولۇش. جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىز ۋىرۇسى پەيدا قىلمايدۇ. بەلكى يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇس بولغاندا ئاندىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنى، سىپېرمىسى، ئىچكى ئاجراتما سۇيۇقلۇقى، سۈتى، يارىسىدىن چىققان سۇيۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق سۇيۇقلۇقلارغا ئۇچراشقاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ؛ شۆلگەي، ياش، سۈيدۈك قاتارلىقلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ئاز، يۇقۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ؛ تەر، ياندۇرغان نەرسىلەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى، ئۈچەي سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرۈش رولى بولغانلىقتىن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نورمال ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.

2. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى قاتنىشىشى كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك شارائىت، جىنسىي مۇناسىۋەت، قان ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئىشپىرىس قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك. ئانا تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ھامىلىدارلىق، يەڭگىش، ئېمىتىش جەريانلىرىدا بالىغا يۇقىدۇ.

3. ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي يول، تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى ياكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىچىك يارا ئېغىزلىرى، ئېغىز يارىسى ياكى تېرىدىكى زەخمىلەنگەن ئورۇنلاردىن يۇقىدۇ. 



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىككى خىل جىنسىي مۇناسىۋەت
  • گۆش يېيىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغانلار دىققەت! گۆشنىڭ مۇنداق زىيىنى بار
  • بالىڭىز ئۇخلاش ئالدىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرەمسىز؟
  • ئىنسانلار بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟
  • شوخلىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى
  • گازىرنى كۈندە بىر سىقىمدىن ئارتۇق چاقماڭ
  • ئېرىڭىزگە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ
  • ئاياللارنى تېز قېرىتىۋېتىدىغان ئادەتلەر
  • جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسىلى
  • ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ
  • ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﭗ, ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ
  • قېرىش سۈرئىتىنى ئاسىتىلاتماقچى بولسىڭىز...
  • ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەتلىشىشى قانداق بولىدۇ؟
  • جىنسىيەت قانداقسىگە مەنىسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالدى
  • جىنىسي تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز نورمالمۇ؟
  • ھەقىقىي جىنىسي نورمالسىزلىقنىڭ 5 چوڭ بەلگىسى
  • تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملەنسە...
  • سامساقنى قۇلاققا سېلىپ قويغاندا...
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىككى خىل جىنسىي مۇناسىۋەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئانار مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گۆش يېيىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغانلار دىققەت! گۆشنىڭ مۇنداق زىيىنى بار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • زەھەر چەكلەشتە ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشى كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالىڭىز ئۇخلاش ئالدىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئىنسانلار بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كىچىك ۋاقتىدا تاماكا چەككەن ئورۇندا كۆپ تۇرغانلار چوڭ بولغاندا ئاسانلا بوغۇم ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخلىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گازىرنى كۈندە بىر سىقىمدىن ئارتۇق چاقماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېرىڭىزگە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىنى تېخى ئانچە چۈشەنمەيسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۆۋەن قان بېسىمنىڭ بۇ بەش تۈرلۈك خەتىرى سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قاندىكى ياغنى سېرىيدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىق ئىشچىلارنى تەس كۈنگە قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 100 مىليون ئادەمگە تېلېفون قىلغان ئېلانچىغا 120 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيەدە بىر ئەر توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنغانلىقتىن قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 50 ياشلىق نىكول كىدمەننىڭ تەنناز مۇقاۋا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پىك ئايالى شاكىرا ۋە بالىلىرى بىلەن باھامادا ئارام ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تىرامپنىڭ كىچىك ئوغلى كىيگەن مايكا تېز سۈرئەتتە سېتىلىپ تۈگىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ ياپونىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئالقىشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ ئالەم ئۇچقۇسى ياساپ «يېڭى يەر شارى» تېپىشقا ئاتلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 62 ياشلىق جەسەت دوختۇرى 485 جەسەتنى قايتا تەكشۈرمەيلا كۆيدۈرۈشكە يوللاپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015