جىددىيلىشىش جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا «قالقان» بولۇپ قالمىسۇن

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-07-30 13:56:24

 

 

  ھەرقېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا جىددىيلىشىش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە، ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىراش كېسەللىكى پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ---بوغدا دوختۇرخانىسى

  س XX 28 ياش، توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، پەرزەنتلىك بولالمىغان، تەڭتۈشلىرىنىڭ ئوماق باللىرىنى يېتىلەپ باغچىلاردا سەيلە قىلىۋاتقان، لەگلەك ئۇچۇرتۇپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە بۇ بەختلىك ئائىلىلەرگە، ئوماقلارغا شۇقەدەر ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چوڭلار دائىم ئۇلارنى تېزراق پەرزەنتلىك بولۇشقا سۈيلەيتتى. گەرچە جىنسىي تۇرمۇشى خېلى كۆڭۈلدىكىدەك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، دائىم ھېسسىيات گۈللىرى چېچەكلەپ مېۋە بەرمەيتتى، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمى خېلىلا بار ئىدى.

  يېرىم يىل ئىلگىرى قايىم بولماسلىق تۇنجى قېتىم سادىر بولغان شۇ كۈنى، ئايالى بىلەن ئىككىسنىڭ ئىنتىزار بولۇپ ھېسابلاپ ئولتۇرغان "تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى"排卵期 ئىدى، ئايالى بولسا ئاياللار بۆلۈمىمىزدە تۇخۇمنى يوغانتىشقا قارىتا داۋالىنىپ، ئاياللار بۆلۈم دوختۇرىمىز بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇشىنى تاپىلاپ، ئامال بار بەك جىددىيلىشىپ كەتمەي، كەيپىياتنى ياخشى توغۇرلاپ، جىنسىي تۇرمۇشنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرشى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى.جىنسىي تۇرمۇشتىن ئاۋال، س XX "بالىلىق"قا تەشنا بۇ قەلبىدىكى جىددىيلىكنى ئازراق بېسىپ، كەيپىياتىنى ئوبدان تەڭشىۋېلىش ئۈچۈن، ئۈزۈم ھارىقىدىن ئازراق ئىچىۋالغان، ئەمما "ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ" دەپ قېرىشقاندەك س XXنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قايىم بولمايلا مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقان. ئەتىسىمۇ ئوخشاشلا شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ قايىم بولماسلىق سەۋەبىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قايىم بولۇش توسالغۇسى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئايالى ئاغرىنىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى "تۇمانلىق ھاۋا"قاپلىغان.

   شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى مۇنداق دەيدۇ: بەزى قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچىراش بەدەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن بولماستىن، بەلكى روھىي ۋە پىسخىكىدىكى جىددىيلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىمارلاردا ئادەتتە كېچىدە ۋە ئەتىگەن ئويغانغاندا ئازراق قايىم بولغاندەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. يۇقۇردىكى س X X ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىدا تىپىك ھالدىكى پىسخىكا ئامىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگلىگەن، چۈنكى ئۇنىڭ بالىلىققا تەشنا قەلبى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولغان بېسىم ئىچىدە بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ تۇخۇم چىقىرىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن ۋە ئايالىدىن كەلگەن ئالاھىدە "ۋەزىپە"نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتەك بېسىمنىڭ تەسىرىدە پىسخىكا جەھەتتىن قاتتىق جىددىيلىشىش كېلىپ چىققانلىقتىن، قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچىراپ "مەغلۇپ بولۇش" كېلىپ چىققان.

  ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، بەدەندىكى ھورموننىڭ خېمىيىلىك ماددا ئالمىشىشى قايىم بولۇشقا نىسبەتەن تەسىر كۆرسىتىپ،يۇمشاش رولىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا جىددىيلىشكەن ھالەتتە جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشكەندە، زەكەر قايىم بولماسلىق، ياكى قايىم بولغان بولسىمۇ ناھايىتى ئىتتىكلا يۇمشاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا بىماردا ئەنسىرەش، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش، جىددىيلىك كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا بولىدۇ. بىرە-بىرە مەغلۇپ بولۇش ۋە تولۇق قايىم بولماسلىق، ئەمەليەتتە نورمال ئەھۋال بولۇپ، لېكىن يەنە شۇنداق بولۇپ قېلىشىدىن جىددىيلىك پەيدا بولۇپلا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ھەقىقىي كېسەلگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇپ چارچاش، خىزمەتتىن، شۇ مۇھىتتىن رازى بولماسلىق بىلەن، جىنسىي تۇرمۇش مۇھىتىدىن، ھوجۇرىسىنىڭ شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن قوشۇلۇپ پىسخىكىلىق قورقۇش بېسىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؛ بالىلىق بولالماسلىق بېسىمى، ئايالىنىڭ رازى بولماسلىقىدىن قورقۇش بېسىمى، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇش بېسىمى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان پىسخىكىلىق جىددىيلىشىشمۇ ئوخشاشلا جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىرى چوڭ بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ساغلام ئەرلەر، بەزىدە خىزمەت، تۇرمۇش، كەيپىيات، سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن، بىرە-بىرە بىر ئىككى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇشى، تولۇق قايىم بولماسلىق، تولۇق قاتماسلىق، ۋاقتى قىسقا بولۇش بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇشى، ھەرگىزمۇ پىسخىكىلىق جىددىيلىكتىن كېلىپ چىققان ئىقتىدار توسالغۇسى ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل تەسىرلەرنىڭ ئاسارىتىنى ياخىش بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئەلۋەتتە، س X X ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بوغدىنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخىكىلىق داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن يۈرۈشلەشكەن داۋالاش ئەندىزىسى بويىچە دوختۇر بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، داۋالاشنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىدار جەھەتتە ئەسلىگە كېلىپ، ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە تېخى ئوماق بىر پەرزەنتلىكمۇ بولدى.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتېرىيالغا تەييارلىغان  

 ئەرلىك ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلاش يولىدا، سىز ھەرگىز تەنھا ئەمەس، بوغدا سىزگە ھەرۋاقىت ھەمراھ!

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • جىددىيلىشىش جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا «قالقان» بولۇپ قالمىسۇن
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپەتلىرى
  • ئەرلەر نېمە ئۈچۈن گۈزەل ئاياللارغا ئامراق
  • مۇھەببەت، نىكاھ ھەققىدە چەت ئەل دۇردانىلىرى
  • ئەرلەر بىلەن ئاياللار نېمىشقا بىر–بىرىگە يېقىپ قالىدۇ؟
  • نېمىشقا چېنىققانسېرى سەمىرىپ كېتىسىز؟
  • ئېلىكتىرونلۇق تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق
  • كەچلىك تاماق يېمەسلىك راستتىنلا سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟
  • قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماقتىن ئاسانمۇ؟
  • ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك 50 ئىش
  • ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس
  • كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ
  • ئاياللارغا پايدا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك
  • ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﺩﻩﺕ
  • خانىم-قىزلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار
  • ئاياللار قانداق قىلغاندا گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟
  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئاددىي يېمەكلىكلەر
  • ئوسال مىجەزىڭىزنى بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزگەرتىڭ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • جىددىيلىشىش جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا «قالقان» بولۇپ قالمىسۇن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇمانلىق كۈنلەردە بەدەن چېنىقتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىنلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېلىمېنت — ئاليۇمىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ يۆنىلىش تۇيغۇسى ئاياللاردىن كۈچلۈك بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرگەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوقۇش تارىخى قانچە يۇقىرى بولسا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىش كېرەك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپەتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە سېلىنغان ئىكەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاتا–ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﻪﻟﺐ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «ئائىلە ئەمەس، قۇش ئۇۋىسىمۇ بۇزۇلمىسۇن!»

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جورىسىنىڭ تاتلىق سۆزلىرى ئەرلەرگە ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئاق ساراينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن «غايىب» بولغان ئەمەلدارلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كورېيە تىياتىرى «ئېسىلزادە ئايال» نىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق ئەرلەرنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشقا خەجلىگەن پۇلى ئاياللاردىن كۆپ ئىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ 6-قېتىملىق نەسلى قۇرۇشى سۈرئىتى تېزلەشمەكتە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدا تۇرىدىغان جۇڭگولۇق قىز خۇنەنگە قايتىپ تۇغقان ئىزدەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھەر قانداق ۋاقىتتا ئايالىنىڭ قولىنى قويىۋەتمەيدىغان كۆيۈمچان ئەر- Rain

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەركەك يىغلايدۇ-مۆمىنجان ئابلىكىم يىڭى Mv ناخشىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارغا ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش ھوقۇق بېرىش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلىمىزدە كۆچمە نوپۇسلارنىڭ سانى 245 مىليونغا يەتتى، يېڭى تەدبىر ئۇلارنى تۇرالغۇدىن خاتىرجەم قىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015