ئۆتكۈر نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-11-23 11:51:50

ئۆتكۈر نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى

 

    بىر قىسىم ياشلاردا زەھەر چېكىش، ياشلىق تەمتىرەشلىرى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىۋاتاتتى. زەھەر بىلەن ئەيدىز ياشلارنى بوزەك قىلىشقا يۈزلەنگەن ئىدى. زەھەر ئازدۇرۇش ئۈچۈن ياشلارنى نىشانلايتتى. ئەيدىز ئازابلاش ئۈچۈن ياشلارنى يولدىن چىقىراتتى. زەھەر بىلەن ئەيدىز ئۆزى چاپلاشقان ياشلارنىڭ جىسمىدا قوشكېزەككە ئايلىنىپ تىمىسقىلاپ يۈرىشەتتى. ياشلىق ياخشى يول بىلەن يامان يولنىڭ چېگرىسىدا كېتىۋاتقاندا، ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىدىغان يامان يول ئۇلارنى سۆرەپ كېتىشكە ئاران تۇرىشاتتى.

ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئاپىسىنىڭ ئاغرىنىشلىرىدىن دادىسىنىڭ نەشە چېكىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. ئۆزىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا چېكەرمەن ساۋاقداشلىرىنىڭ يېنىدا چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماكا چېكىشنىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدى. ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئائىلىدىن ئايرىلغان مۇستەقىل تۇرمۇشتا، ھەر جايدىن كەلگەن، ھەر خىل تەربىيەدىكى ئائىلدە چوڭ بولغان، ھەر خىل مىجەز-خارەكتېرلىك ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ ياشاشنىمۇ ئويلىماي قالمىدى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى نامەلۇم تەشنالىق، مەۋھۇم ئېچىرقاش ئۇنىڭ توختىماي ئىچىنى پۇشۇراتتى. پىسخىكىسىدىكى تەرەققىيات جىسمىدىكى ئېھتىياجقا يېتىشەلمەي قېلىۋاتاتتى. زېرىكىش ياشلىق ھاياتىنىڭ خوشاللىقىغا ئېرىشەلمىگەچكە ياكى قانمىغاچقا پىسخىك بېسىم ھالىتىدە پەيدا بولىۋېلىپ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى غاجايتتى، ئىچى تىتىلدايتتى، ۋاقىتقا بويسۇنغۇسى كەلمەي ۋۇجۇدى تىپىرلايتتى، چەكسىز ئالەمدە قىسىلىپ قالغاندەك تېڭىرقايتتى. 

ئۆتكۈر مەكتەپتە ساۋاقداشلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىشنى ئويلىمايتتى، مەكتەپ پۈتتۈگەندىن كېيىنكى نېمە ئىش قىلىشنىمۇ ئويلاپ كەتمەيتتى، مەكتەپ كۈتۈپخانىسىمۇ كىرىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئارزۇ-ئېھتىياجى ياشلىقتىن پاسسىپ قىممەت ئېڭى ھېسابىدا ھوزۇرلىنىشقا مەزكەزلىشىپ قالغان ئىدى. ياشلىقتىن ھوزۇرلىنىشنى ئېغىر بىرتەرەپلىكمىلىك ھەم قالاق-نادانلىق ئېڭى بىلەن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش دەپلا چۈشىنەتتى. ھاياتىدىكى غايە-نىشان دېگەنلەر ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيتتى. زېرىككەندە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى يېتەكلەشنى بىلمەي، نەشە چېكىدىغان بولۇۋالدى. نەشە ئۇنى ھەمدەم خىيالغا ئايلاندۇرۇپ  رىئاللىقتىن قاچۇراتتى. كېيىنچە كەيىپ ئىزدەپ بەزمىخانىلارغا بېرىپ مۇزسىمان زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالدى. زەھەر چەككەندىن كېيىن بەزمىخانىدىكى يېرىم-يالىڭاچ قىزلار ئۇنىڭ كۆزىگە ساھىبجامال كۆرۈنۈپ جىنسىي ئىستەكلىرى لاۋۇلداپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالاتتى...

ئۆتكۈر مۇشۇنداق زەھەر چېكىپ يۈرۈپ ھەم نىكاھمۇ يوق، تويمۇ قىلمىغان ھالدا كوللىكتىپ خوتۇنغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر بىلەن غورۇرسىزلارچە بىللە بولۇپ ياشاپ كېتىۋاتقاندا، ئۇخلىسا چۈشىدە يوق ھالدا قار باسقاندەكلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنى چۈشىدە ئەمەس، ئوڭىدا قار باسقان ئىدى. ئويغاق تۇرۇپ غەپلەتكە دۇچار بولغان ئىدى. ئەمما ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلارغا دەماللىققا مۈڭگۈز چىقمايتتى، پېشانىسىدە بەلگىسى بولمايتتى. شۇڭا، ئۆتكۈر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق قايتا-قايتا ئۇچرىشىپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيتتى. بىر كۈنى سەھەردە ياتىقىدا قاتتىق قىزىپ كەتتى، بەدىنى ئوت بولۇپ كۆيەتتى، ھوش-كاللىسى جايىدا بولالماي ئايلىنىپ قېلىشقا ئاران قالغان ئىدى. ئۇنىڭ توختىماي بىئارام بولۇپ قىينىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ساۋاقداشلىرى ئۇنى يۆلەپ-سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى. دوختۇرلار ئۇنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈشكە تەدبىر قوللىنىش بىلەن، ھەر ئېھتىماللىققا قارشى ئۇنىڭغا قان تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. قان نورمال ئەمەس ئىدى، ھەيران قېلىش ھەم جىددىچىلىك ئىچىدە مەكتەپ دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار ۋە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ كەتتى. يوشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتتى، مەخپىيەتلىك مەكتەپكە پۇر كەتتى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭغا بىرقىسما قارايتتى. ياتاقتا ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ كارىۋىتىغا، تۇتقان-قويغان نەرسىلىرىگە يېقىن كەلمەيتتى، گەپ قىلمايتتى، ئۇ ياتاقتىن سىقىپ چىقىرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىممىدىلا يۇرتىغا، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كېتىپ قالدى. ھېسابتا ئالىي مەكتەپكە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي يۈرۈپ، مانا مۇشۇنداق «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان»، «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» بولغان ئىدى.

  ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغىلى كېلىپ، ئوقۇغۇچىغا خاس ئىش قىلماي ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كېيىن، مەكتەپتىن ئايرىلىپ يۇرتىغا كەتكەن بىلەن، بارىدىغان يېرى يوق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندەك ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىۋالغان بىلەن، نېمە ھەل بولاتتى! ئەيدىزدىن قۇتۇلۇپ قالالامتى؟ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاچقا ئۆيگە يېنىپ كەلدىم دېسە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماسمۇ، ئىچى ئاچچىق دەرت-ھەسرەتكە تولماسمۇ؟ ئالىي مەكتەپتە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ئوغلىغا ئاتا-ئانىسى نېمە قىلىپ بىرەلەر-ھە!

  ئۆتكۈرنى ئاتا-ئانىسى ئالىي مەكتەپكە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئەۋەتمىگەن ئىدى. بەلكى، ئالىي بىلىم يۇرتىدا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ساغلام ھەم ساپالىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن ئىدى.

  ئۆتكۈر ئالىي مەكتەپتە ئەيدىز كېسىلى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى، ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلىشى كېرەك ئىدى.

  ئۆتكۈر ئالىي مەكتەپكە نەشە چەككىلى، زەھەر ئىستىمال قىلغىلى، كوچىدىكى ئاشقان-تاشقانلار بىلەن بىللە بولغىلى كەلمىگەن ئىدى. دېمىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن ئاشقان تاماقنى يېگۈسى كەلمەيدۇ. ئۆتكۈر زەھەر چېكىشنى ئويۇن دەپ قارىماسلىقى، توي قىلماي تۇرۇپ ئۇچرىشىپ قالغانلار بىلەن بىللە بولۇپ يۈرۈشنى پۇرسەت دەپ قارىماسلىقى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق نومۇس قىلىپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك ئىدى.

  ئۆتكۈز ئۆزىنى بۇنچىۋالا چەتكە قېقىلدۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، خۇددى باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ بېرىدىغاندەك ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن ۋاز كېچىدىغان، خۇددى بوۋاق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تەلمۈرگەندەك ئاتا-ئانىسىنى كۆڭلى تارتىپ ئۆيىگە كېتىپ قالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مەسىلىسى باشقىلارغا ئىبرەت-ساۋاق بولۇشى كېرەك.

  ئۆتكۈر ئەيدىزدىن يۇقۇملانماسلىقنىڭ ئالدىدا ئەگەر ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالسا بۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشنى ئويلىمىغان بولغىيتتى. شۇڭا، ساغلام چاغدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلارنى ئويلاپ قويايلى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى.

 دېمەك، ئەيدىز كېسىلىدىن ئۇنىڭدىن يۇقۇملانمىغان چاغدا يىراق تۇرۇشنى ئۆگىنەيلى. ئۆتكۈردەك ئەيدىز كېسىلىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەي ئويناپ يۈرۈپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كېيىن خۇددى ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئالىي مەكتەپتىنمۇ كېتىپ يۈرمەيلى.

  قىسقىسى، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بولغان قاندىن يۇقۇش، نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ھەم نىكاھ ئىچىگە تارقىلىپ كىرىش، يۇقۇملانغان ھامىلدار ئانىدىن ھەم يۇقۇملىنىپ بالا ئىېىتكەن ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دېگەن ناھايىتى ئېنىق ھەم ئاران ئۈچ خىللا بولغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلمەيدىغانلار ھەم بۇ بىلىملەرگە كۆڭۈلشىمەيدىغانلار باشقىلاردىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى ياكى باشقىلارغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

 ئۆتكۈر مانا مۇشۇنداق ئەيدىزنىڭ كىملەردىن قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، يۇقۇملانغاندىن كېيىن تېخىمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان ئەيدىزدىن ساۋاتسىز تۇرۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدۇر.

  ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ئالىي مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتاب-ژۇرناللاردا بار، ئويۇنچۇق ئويناپ قىزىپ كېتىدىغان كومپىيۇتېرلاردا بار، قولىمىزغا خۇمار بولغان يانفونلارنىڭ قوينىدا يېتىپ ئاشقۇدەك بار. شۇڭا، ئەيدىزدىن قورقساق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ئەيدىزدىن ساقلىنايلى. ھەرگىزمۇ ئۆتكۈرنىڭ قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ يۈرمەيلى. شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كېيىن ھەممىدىن ۋاز كېچىپ يۈرمەيلى. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەرلەر 34 ياشتا، ئاياللار 30 ياشتا ئەڭ گۈزەل بولىدىكەن
  • بويتاقلار ئاسانلا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، توي قىلىش ئەڭ ياخشى داۋاسى
  • بەك كۆپ كۈلۈشمۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىكەن
  • خانىم، سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ
  • قۇچاقلاشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
  • بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ
  • كولا ئىچىش راستتىنلا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟
  • قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟
  • بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئۆتكۈر نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈت بېزى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-خوتۇن چىقىشىپ ئۆتۈشتە پىسخىكىلىق بىلىممۇ ئىنتايىن مۇھىم

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خانىم-قىزلار كىچىككىنە ئىشلارغا چېچىلماسلىقى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىكاھتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ تۆت چارىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىزنىڭ ئايالىڭىزمۇ تېجەشلىك ئايالمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئايالنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ھالىتى مانا مۇنداق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشتىكى سىردىشىش ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك ساقال ئېلىشىدا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرغاننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تاۋباۋ سودىگىرى 320 مىليون يۈەنگە بوئىن 747 ئايروپىلانىدىن ئىككىنى ساتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نېمىشقا «قوش 11»دىن كېيىن نۇرغۇن تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھەرقايسى دۆلەت يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ سەپەردىكى تامىقى قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاھالىسى زامانىۋىي تۇرمۇشنى رەت قىلىپ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا ياشاۋاتقان كەنت

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋىكتورىيە پەرىشتىسىدىن تېخنىكا «چوڭامى»نىڭ خانىمىغا ئايلانغان مىراندا كېر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بار 10 شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • لىۋىيەدىكى «قۇل بازىرى»دا ئاياللار پەقەت 4800 يۈەنگە سېتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 11 ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯗ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015