ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-11-24 12:42:15

ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز

 

ئەيدىز قانداق قىلمىشلار ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىۋاتىدۇ دېگەننى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ، ئاندىن باشقىلارغا ھەمجىنىسلىق بىلەن ئەيدىز يۇقتۇرغۇچىنىڭ ئەر بەچچىۋاز-ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئەر ھەمجىنىسلار بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمىز، ھەم شۇنداقلا نۆۋەتتە ئەر ھەمجىنىسلار ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ تارقىلىشىنىڭ نىسبەتەن تېز بولىۋاتقانلىقى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. چۈنكى، ئەيدىز ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلار ئارىسىدا ھەمجىنىسلارنىڭ (بەچچىۋاز بىلەن بەچچە) قىلمىشلىرىدىن يۇقۇپ-تارقالغان بولسا، ھازىرمۇ بۇ قىلمىشلار مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ، ھەتتا ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا خۇددى شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەر ھەمجىنىسلىق ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ياشلار ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بايقىلىشىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

ئاپتونۇم رايونىمىزدىمۇ ئەر ھەمجىنىسلار ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇش-تارقىلىش نىسبىتى تېز ئۆرلەپ %7 دىن ئاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىز مىقياسىدىمۇ يېقىندىن بۇيان ياشلار، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋاتقانلىرىنىڭ سانى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولىۋاتاتتى. لېكىن، ھەمجىنىسلىق ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى تەكشۈرۈلمىگەچكە بايقالماي يۈرۈۋاتقانلار ھەم بايقالسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەمجىنىسلىقتىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتىشتىن نومۇس قىلىپ يوشۇرۇپ يۈرگەنلەرنى ھېسابلىغاندا، ھەمجىنىسلىق ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە پەيدا بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ھەمجىنىسلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى، شۇنداقلا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يەنە باشقا ھەمجىنىسلارغا ھەم يات جىنىسلارغا يۇقتۇرۇشى، تېخى ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قالغان بەزىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ،  يەنىلا باشقىلار بىلەن ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىشنى (گاندون ئىشلىتىشنى)خالىمايدىغان جىنىسى مۇناسىۋەتتە بولۇشۇپ يۈرۈيدىغانلىقى ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ-تارقىلىشىدا خەۋپلىك مەسىلىگە ئايلانماقتا. ئەر ھەمجىنىسلاردىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ئوخشاش جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئالاقىسىدىن تارقىلىپلا قالماستىن، يەنە قوش جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ يات جىنىسلارغا-ئاياللارغا يۇقتۇرۇش قىلمىشىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق قوش جىنىسلىق ھەمجىنىسلار ئەرلەر بىلەنمۇ، ئاياللار بىلەنمۇ جىنسىي ئالاقىدە بولىدىغان بولغاچقا، بەزىلەرنىڭ كىمدىن يۇقتۇرۇپ، كىملەرگە يۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۇرەككەپلىك كىلىپ چىققان. ھەمجىنىس ئەرلەردىن ئاياللار بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، ئەل-جامائەتنىڭ زورلىشى-بېسىمى بىلەن توي قىلغانلىرىدىن، ئائىلىدە ئايالىنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچمىگەنلىكتىن ئۇزۇن ئۆتمەي نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىپ بويتاق يۈرۈيدىغانلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، مۇشۇ ئاجرىشىپ كېتىدىغانلاردىن ئايالىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ مىراس قالدۇرىدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەمجىنىس ئەرلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي، ئاجرىشىپ كەتكەن تۇنجى نىكاھىدىن ئىچى ئاچچىق بولۇشۇپ، مۇڭ-ھەسرەت قاينىمىدا چۈشكۈنلىشىپ تاپتىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئاجراشقان ئىلگىرىكى ھەمجىنىس ئېرىدىن ئەيدىز بىلەن  يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا نىكاھلانماي تۇرۇپ باشقىلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ-تارقىلىشىغا يول ئېچىۋاتقانلارنىمۇ يوق دېيەلمەيمىز.

بولۇپمۇ، ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىشى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشىغا قارىغاندا ئالاھىدە يۇقىرى بولغان. ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي پائالىيەتلىرى ھەم ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ-تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلىرى ئاممىۋى مۇنچا، بەزمىخانا، مەيخانا، ھەم مەخسۇس ھەمجىنىسلارنىڭ يىغىلىش سورۇنلىرىدا نىسبەتەن گەۋدىلىك بولماقتا. شۇنداقلا، ھەمجىنىسلارنىڭ يېڭى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئەپلىرىدىن پايدىلىنىپ ئالاقە-سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىمۇ ناھايىتى قولايلاشقان بولۇپ، ھەمجىنىسلارنىڭ يىغىلىش-پائالىيەتلىرىمۇ ئاسانلاشقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى (ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار جەمئىيەتتە بىرتەرەپلىمە ھالدا كەمسىتىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بەزىلەر بىلسىمۇ يوشۇرىدۇ، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى تېخى بىلمەيدۇ) بىلمەسلىك بىلەن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرماقتا. ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋىتى ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتىدەك قىز-يىگىتلەرنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ بىللە بولمايدىغان، قىزلارنىڭ پاك ھالدا ياتلىق بولۇشنى مۇھىم بىلىدىغان، نىكاھ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن قاچىدىغان دېگەندەك ئەھۋاللارغا يۈزلەنمەيدىغان بولغاچقا، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمىگەن ھالدا خالىغانچە مۇناسىۋەت قىلىشىپ يۈرۈشى ئۇلار ئارىسىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. بولۇپمۇ، ئەر ھەمجىنىسلار ئەر-ئاياللاردەك توي قىلىشىپ بىر-بىرسىگە سادىقلىق ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قالايمىقان مۇناسىۋىتى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى چوڭايتىۋەتكەن ئىدى.

مەلۇم مېھمانساراينىڭ يەرئاستىدىكى ئاممىۋى مۇنچىدا ئەر ھەمجىنىسلار ئاشكارە مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، مۇشۇ مونچىخانىغا كەلگەن ياش يىگىتلەر بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بەزىلىرى قىزىقچىلىقتا ھەم غىدىقلىنىش بىلەن بىلىپ-بىلمەي، ئۆزلىرىنى تۇتۇپ بېرىۋاتقان ھەمجىنىسلار بىلەن بەچچىۋازلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ قېلىشىپ، ھەم ھەمجىنىسلىققا ئۆگىنىپ قېلىشىۋاتقان، ھەم ئۆزلىرى بىللە بولغۇچى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغان بولسا بىلمەسلىك بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقان ئەھۋالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ھەمجىنىسلارنىڭ قىلمىشىنىڭ خەتىرىدىن چۆچۈمەي تۇرالمايمىز. بولۇپمۇ، ھەمجىنىسلار بىلەن بىللە بولۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەي يۈرۈۋاتقان ياشلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنى، ئاتا-ئانىلار ئوغۇللىرىغا ئەرلىككە خىلاپ ئىشلارنى قىلماسلىق، بەچچە-بەچچىۋازلىق قىلىپ يۈرۈيدىغانلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ، ھەم مۇشۇ ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى بىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشنى بالدۇر باشلىشى كېرەك.  

بىزنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا كىشىلەر ھەمجىنىسلىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ، (بەچچە-بەچچىۋازلىقنى ھاقارەتلىك ئىش دەپ قارايدۇ)، باشقىلار ئۇلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن نومۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەمجىنىسلار يوشۇرۇن ئالاقىلىشىش يوللىرى بىلەن تېپىشىدۇ ھەم باشقىلارنىمۇ ھەر خىل قىزىقتۇرۇش، ئالداش، زورلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ھەمجىنىسلار توپىغا سۆرەپ كىرىپ، ئىجتىمائىي ھەمجىنىسلارنى پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، مۇھىت ۋە تەسىر تۈپەيلىدىن بىلىپ-بىلمەي ھەمجىنىسلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە، ئاتا-ئانىلىرىغا، جەمئىيەتكە ئازاپلىنىش، قايغۇرۇش، ئەپسۇسلىنىش ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، جەمئىيەت ئىجتىمائىي ھەمجىنىسلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە.  جۈملىدىن، ھەرقانداق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەمجىنىس بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ ھەمجىنىس چىقىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، ھەم ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنىڭ ھەمجىنىس چىقىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم قىز-ئاياللارنى ئەركەكزادەك، يىگىت-ئەرلەرنى خېنىم مىجەز (ھېجىقىز) دەيدىغان سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ، شۇنداق مىجەز-خارەكتېردىكى ھەمجىنىستەك كىشىلەرنىڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.

   مانا مۇشۇنداق ھەمجىنىسلار توغرىلىق توختىلىشىمىزدىكى سەۋەب، ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمجىنىسلارغا باغلىق بولغاندەك، ھازىرمۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ھەمجىنىسلار ئارىسىدا تېز كۆپەيمەكتە. ئەيدىز ئۆزىگە پۇتلاشقان ئىنساننىڭ ھاياتىنى روھىي جەھەتتىن قۇرۇت يېگەندەك غاجىماقتا، ياشلار ئارىسىدىكى ئەيدىز چۈشكۈنلۈك بىلەن ئۇلارنىڭ غايىگە تولغان ئۆمۈرىنى زايە قىلماقتا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى ھەقسىز تەمىنلەش بىلەن دۆلەتنىڭ ئەسلىدە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان ئىقتىسادىنى ئىسراپ قىلماقتا. چۈنكى، ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئېنىق بولغاچقا، ئادەملەر ئارىسىدا يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى توختىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ھەر خىل قىلمىشلار ئارقىلىق تارقىلىش يوللىرىغا سۈكۈت قىلساق بولمايدۇ.   

مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچى بايرام مەزگىلىدە يۇرتى يىراق بولغاچقا ئۆيىگە قايتماي ياتاقتا يالغۇز قالىدۇ. ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ياتاقتا يالغۇز يۈرگىچە بىزنىڭ ئۆيگە بار دەپ ئۇنى زورلاپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئاپىرىدۇ، چۈنكى ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى بايراملىق ساياھەتكە كەتكەن بولغاچقا، ئۇمۇ يالغۇز قالغان ئىكەن. ئۇلار زېرىكىشنى بېسىش ئۈچۈن ھاراق ئىچىدۇ، يەنە ساۋاقدىشى نەدىندۇر تېپىپ كىرگەن سېرىق فىلىمنى بىللە كۆرىدۇ. سېرىق فىلىمدە ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ھەر خىل قىلىقلىرى دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ھۆ بولغۇسىنى كەلتۈرىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بىر يەرلىرى غىدىقلىنىپ ھېسسىياتلىنىپ ئولتۇرالماي قېلىشىدۇ. بىر چاغدا ئازراق مەست بولۇپ قالغاندەك تۇرغان ساۋاقدىشى ئۆيدە بىزدىن بىلەك ھېچكىم بولمىغاندىكىن بىزمۇ سىناپ باقمامدۇق دەپ ئۇنىڭغا ئېسىلىپ بىئارام قىلىدۇ. مەسىتلىكتە سېرىق فىلىم كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي ئاران تۇرغاندا، ساۋاقدىشىنىڭ ئېسىلىپ يالاپ كېتىشلىرىگە چىدىماي، ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي دەپ ساۋاقدىشىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، سېرىق فىلىمدە كۆرۈنىۋاتقان قىلمىشنى ئېلىپ بارىدۇ. بايرام تۈگىگىچە ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاچقا، شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم بولغان ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ساۋاقدىشىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ساۋاقدىشىمۇ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىپ ھەر خىل سورۇنلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ. مۇشۇ جەرياندا باشقا ھەمجىنىسلار بىلەنمۇ تونۇشىدۇ. بەزى پۇلدار ھەمجىنىسلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قويغاچقا، ئۇنىڭغا خەجلە دەپ خېلى جىق پۇللارنىمۇ بېرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا بىرنەچچە ھەمجىنىس ئەرلەر بىلەن ئىلگىر-كېيىن جىنسىي ئالاقىدە بولىدۇ. ئۇ ئوبدان ئوينىغىلى بولىدىكەن، تېخى پۇلمۇ تاپقىلى بولىدىكەن دېگەندەك تۇيغۇلار بىلەن ھەمجىنىسلىق تۇرمۇشقا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ. ھېچقانداق خەتەرلىك ئاقىۋەت دېگەنلەر ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدۇ. بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ تەكشۈرتكەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ قورقۇپ كېتىپ، خۇددى ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك كاللىسىغا كەلمىگەن خىياللار كېلىپ كېتىدۇ. قانداق يۇقۇملاندىم دېگەن ۋەسۋەسە ئىچىدە دوختۇردىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ باشقا ئەرلەردىن يۇقۇملانغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ، ئەمما، دوختۇرغا ئۆزىمۇ ئەر كىشى بولغاچقا، ھەم ئەرلەر بىلەن بولغان ھەمجىنىسلارچە قىلمىشىنى يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەچكە، خۇددى نومۇس قىلغاندەك ئېغىزىدىن چىقىرالمايدۇ. ئاقىۋەت، ئۆزىنىڭ خەتىرىنى، زىيىنىنى ئويلىماي ھەمجىنىسلىققا ئۆگىنىپ قالغان خاتا قىلمىشى سەۋەبلىك، مانا مۇشۇنداق ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت ئازابلىق ھاياتقا، ھازىرچە ئۆلگۈچە دورا يېيىشكە مەجبۇر بولىدىغان داۋالىنىش تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ.

مانا، ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىشمۇ مۇشۇنچىلىك ئىش، ئەيدىزمۇ مانا مۇشۇنداق توغرا بولمىغان قىلمىشلار سەۋەبلىك پۇرسىتىنى تاپقاندا ئاسانلا يۇقىدۇ. دېمىسىمۇ، ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ توغرا-خاتاسى بىلەن كارى يوق خالىغاننى قىلىۋېرىدىغان ئەركىنلىكى بولمايدۇ، بەلكى بۇ جاھان تەڭشىلىپ تۇرىدىغان ھەم تەڭشەپ قويىدىغان ھاياتلىق جەريانىدۇر. شۇڭا، خالىغانچە ئادەم بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەستۇر.

ھەمجىنىسلار قانداق پەيدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ؟ دېگەن نۇقتىدىن تەتقىقاتچىلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئەگەر 5 ھەمجىنىس بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى گېن سەۋەبلىك تۇغما ھالەتتە ھەمجىنىسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسا، قالغان ئىككىسى شۇنداق مۇھىتتا ھەمجىنىسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارغا قىزىقىپ دوراپ ئەگىشىپ يۈرۈپ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قالسا، يەنە قالغان ئىككىسى ھەمجىنىسلارنىڭ ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئالدىشى، مەجبۇرلىشى، خورلىشى، زىيانكەشلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىش ئەھۋالىغا دۇچار بولغان. مەيلى قانداق سەۋەبلەردىن ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قالغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ نېرۋىسى-پىسخىكىسى خۇددى زەھەرگە خۇمار بولغاندەك ھەمجىنىسلىق مايىللىقىقا يۈزلىنىپ كەتكەن. ئەسلىدە ئادەم ئەر بىلەن ئايالدىن تۆرىلىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق ئادەمدە ئەر بولسا ئايالغا، ئايال بولسا ئەرگە ئىنتىلىدىغان تەبئىي مايىللىق بولىدۇ. بۇنداق ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ-ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆزئارا مايىللىقى ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، مۇھىت، تەربىيە، تەسىر بىلەنمۇ خېلى مۇھىم مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

بىر ئەر ھەمجىنىس ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، 14 ياشقا كىرگەندە قاملاشقان-كېلىشكەن ئوغۇللارغا  قىزىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، 16 ياشتىن باشلاپ ئەرلەر بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن، ھازىر مۇشۇ يولغا كىرىپ قالغىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ. ئورۇقلاپ، پاكارلاپ، ۋىجىكلا ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. ھەمجىنىسلار ئاساسەن مەقئەتتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ مەقئەت ئەتراپى تاشتەك قېتىپ كەتكەن ئىكەن. دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇشۇ يولغا كىرىپ ئەيدىزدىنمۇ يۇقۇملىنىپ قاپسەن، ھەم سالامەتلىكىڭدە مەسىلە كۆرۈلۈپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قاپسەن، شۇڭا ئۆزەڭنى بۇ يولدىن تارتساڭ بولمامدۇ دېگەندە، بۇ يولغا كىرىپ قالغان كىشى ئۆزىنى تارتالمايدۇ، خۇددى زەھەرگە خۇمار بولغاندەك ئۆزىنى تارتقىلى بولمايدىغان ئىش دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 6 ياش ۋاقتىدا ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىكەن. ئۆزىنى دادا مېھرىگە قانمىغاچقا مۇشۇنداق ئەرلەرگە ئامراق بولۇپ قالدىممىكىن دەپ ئويلايدىكەن. ئۇنىڭ ھەمجىنىسلىق ئېھتىياجى خېلىلا كۈچلۈك بولغاچقا، يالغۇز قالغاندا، ھەمراھ تاپالمىغاندا ئۆزىگە ئۆزى ئوخشىتىپ ياسالغان سۈنئى ئەسۋابلارنىمۇ ئىشلىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئادەمنىڭ مەقئىتى ئەسلى تەبىئىتىدىن پەقەت چوڭ تەرەت چىقىرىدىغان رولغا ئىگە بولۇپ، جىنسىي ئالاقە قىلىدىغانغا يارىتىلمىغان بولغاچقا، ئەگەر مەقئەتتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسان قانايدۇ، شۇڭا ئاساسەن مەقئەتتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ھەمجىنىسلار ئەيدىزدىن ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. زەھەر خۇمارى تۇتۇپ كەتكەنلەر شىپىرىس (ئوكۇل) ئالماشتۇرۇشقا چىداپ تۇرالماي باشقىلار بىلەن شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ قان ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقاندەك، ھەمجىنىسلارمۇ پىسخىك ھەم نېرۋا خارەكتېرلىق ھالدا، ئۆزىگە ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئىنتىلىش-ئېھتىياجىغا خۇددى خۇمار بولغاندەك  كۈنۈپ قالىدىغان بولغاچقا، ھېسسىياتى قوزغىلىپ پۇرسىتى كەلگەندە باشقىلارغا ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىپ ياكى باشقىلارغا دۈم چۈشۈپ، خېيىم-خەتەرنى ئويلىماي ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانماي، قالايمىقان ھەمجىنىسلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش قېلىشى، خۇددى «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، باشقىلاردىن يوشۇرىدىغان ھەمجىنىسلىقى ئاز كېلىپ قالغاندەك، ئەيدىزگىمۇ پۇتلىشىپ يۈرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئاز بولمىغان ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا باشقىلار بىلەن ھەمجىنىسلىق جىنسىي مۇناسىۋىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا بىر قىسىم ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۆزى بىلەن بىللە بولىدىغانلارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يۇشۇرغان ھالدا باشقىلارغا ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قۇيۇش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەمجىنىسلار بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 ئوغۇللارنىڭ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ.

ئائىلىدە بالىغا ئاپىسى كۆپرەك ھەمراھ بولىدىغان، ئوغۇل بالىنىڭ بېقىپ-تەربىيەلىنىشىگە ئاپىسى ئامراقلىق بىلەن بەكرەك ئارىلىشىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىپ كەتسە، ئوغلىنى ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلىدىغان، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەن قىز-ئاياللار بولىدىغان، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان، ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان تەربىيەلەش-تەسىر كۆرستىش مۇھىتى قاتارلىق ئوخشاش ئالاھىدىلىكتىكى كۆپلىگەن ئامىلار تۈپەيلىدىن، بىر ياكى ئىككى پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىكى ئەتىۋارلىق ئوغۇل بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى تەربىيەلىنىش مۇھىتى ھەم تەربىيەلىگۈچىلەر جەھەتتە ئاياللىق تەسىرگە كۆپرەك ئۇچراپ كېتىشى بىلەن، بىر قىسىم ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزلارغا ئەمەس، يىگىتلەرگە ئامراق بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ئائىلىدىن باشلاپ، يەسلىدىن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئوغۇل بالىلارغا قارىتا ئاياللار بىلەن دائىم بىللە تۇرۇش، كۆپ ئۇچرىشىش ھەم ئاياللىق خارەكتېرىنىڭ يېتەكلەش تەسىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن، ئوغۇل بالىلارنىڭ كىيىنىش، ياسىنىش، يېمەك-ئىچمەك، دوستلۇق، ھەم يىگىتلىك خارەكتېرىغا ئاياللىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشقان. دېمەك، ئادەم بالىسى كىمنىڭ ھەمرالىقىدا قانچىلىك ۋاقىت قانداق تەربىيەلەنسە شۇنداق تەسىرگە ئۇچرىماي قالمايدىغانلىقى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەھۋال بولسا كېرەك. ئەر-خوتۇنلار ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بىلەن، ئۇلارنى تەربىيەلەشتە دادىنىڭ رولى-تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش كېرەك. بالا بېقىشنى، بالا تەربىيەلەشنى ئاتىلار ئانىلارغىلا تاشلاپ قويماي، ئوغۇل تاپقانغا چۇشلۇق مىجەز-خارەكتېر ئىگىسى قىلىپ چوڭ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.  شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئوغۇللىرىغا قاراتقان ۋاقتىنى تەڭشەش مەسىلىسىگە يۈزلىنىشى كېرەك.  

دېمەك، ئەر ھەمجىنىسلارغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق مانا مۇشۇنداق ھەر خىل نۇقتىدىن چىققان مۇلاھىزىلەر بولۇشى مۇمكىن.

ئادەملەرنىڭ ھەمجىنىسلىق سەۋەبىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆسۈپ-يېتىلىش ھەم مۇھىت سەۋەبلىك ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قالماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمىز. شۇنداقلا، ھەمجىنىسلارنىڭ نىكاھلىنىشى، ئائىلىسىنىڭ بەختى ۋە پەرزەنتلىك بولۇشىمۇ بىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

بىر قىسىم ھۈنەرۋەنلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئاساسەن ئەرلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بويتاق، بەزىلىرىنىڭ ۋاقتى-قەرەلىدە ئائىلىسىگە قايتالمايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئېنىق ئەھۋال. ئۇلار ئەتىدىن-كەچكىرگىچە ئىشلەپ يۈرۈپ ھېرىپ-چارچاپ كەتكىنىدىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ ئېزىلىپ ئۇخلاپ كېتىدىغانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. يەنە شۇنداقلا مۇشۇنداق ھۈنەرۋەنلىك بىلەن جان بېقىۋاتقان ياشلار ھەم بويتاق ئەرلەردىن كۈندە ئەتىدىن كەچ بولغىچە بىرخىللا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرۈپ زېرىكىپ نېمە قىلىشنى بىلمەي يۈرىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا، مۇشۇنداق كۈندە تەكرار ھالەتتىكى ئۆزگىرىش بولمىغان بىرخىللا مۇھىتتا بىر قىسىم ھۈنەرۋەنلەرنىڭ جىسمىدىكى ئىستەكلەر بىلەن شارائىتى توقۇنۇشۇپ، پىسخىك مەسىلە كۆرۈلۈپ ئىچى پۇشقانلىقتىن بىر ئۆيدە ھېچنېمىنى سەزمەي ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقان ھەمرالىرىغا پوخۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەرلىكىنى ھاقارەتكە ئۇچرىتىدىغانلىقى، ھەم بەزىلەرنىڭ نەشىنىڭ كەيپى بىلەن خام خىيال ئالىمىدە پەرۋاز قىلىپ ئاڭ-سەزگۈسى قالايمىقانلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بەزى ھەمراھلىرىغا قارىتا خورلۇق، زىيانكەشلىك ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىكىنى بۇزۇۋېتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق يامان ئادەتكە ئۆگىنىپ قېلىپ يەنە تەكرار خورلىماقچى بولغاندا قوشۇلمىغانلارغا، نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىپ يەنە داۋاملىق خورلاپ، ئاقىۋەتتە تەدرىجى ھالدا ئۇلارنىمۇ يامان ئۆگىتىپ ھەمجىنىسلىق يولىغا باشلاپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇڭا مۇشۇنداق يوللار بىلەنمۇ ھەمجىنىسلارنىڭ كۆپىيىپ كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھەمسۆھبەتنى ئاڭلاپ، ھەيرانلىقتىن <ئەرلەر نېمە بولىۋاتىدىغاندۇ! ئادەملەردە ئاتا-ئانىسىدىن ئۇدۇم قالغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قورقۇنچلۇق ھالغا چۈشۈپ قالغاندەك، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرسىدىن ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇپ يۈرۈشى نېمە دېگەن قاملاشمىغان ئىش-ھە! ئەر-ئايالدىن تۆرەلگەن ئادەمدە ئەر-ئاياللار ئۆزئارا تەلپۈنىدىغان ئىنسان تەبىئىتى بولىدۇغۇ، ئەرلەرنىڭ مۇشۇنداق ئۆزئارا ھەمجىنىسلىق مۇناسىۋەتتە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى يول تۇتقانلىق ئەمەسمۇ...> دېگەن ئوي-خىياللار قاينىمىدا ئىختىيارسىز سۈكۈتكە پېتىپ قالىدۇ كىشى.

ھۈنەرۋەنلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىملارنىڭ ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا ھەمجىنىسلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش تەقدىرى كىشىلەرنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئالۋەتتە.

ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ قانداق تارقىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ساۋاتى يېتەرلىكلەر قانچىلىكتۇ؟! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلمىشىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ خەتىرىنى ئويلاپ يېتەلەيدىغانمىدۇ! مۇشۇنداق ھۈنەرۋەنلىك شارائىتىدا بۇزۇلۇپ كېتىپ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ خۇددى مال ساتقۇچىلار خېرىدار ئىزدىگەندەك ھەمراھ ئىزدەپ نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرۈيدىغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن توغرا بولمىغان قىلمىشتا ئۇچرىشىپ يۈرۈيدىغانلىقى سەۋەپلىك ئاسانلا يۇقۇملۇق ھەم خەتەرلىك ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئېسىدە بارمىدۇ!

 دېمەك، بىر قىسىم ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قانداق يۇقۇپ-تارقىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئىختىيارسىز يۇقۇملىنىپ يۈرۈپ، يەنە باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئازابلىق رىئاللىق ھەر كىمنىڭ كۆز ئالدىغا كەلسە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خېيىم-خەتىرىگە پەرۋاسىز قاراۋاتقان، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى خالىمايۋاتقان، ھەمجىنىسلىق مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقىلارغا ئەيدىز يۇقتۇرۇشقا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان مانا مۇشۇنداق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغانلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى ھەرقايسى قاتلاملارغىچە تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئويلىماي تۇرالماسلىقى مۇمكىن.

ئەرلەرنىڭ مەنى سۇيۇقلىقىغا ئۆگەنگەن ھەمجىنىسلاردا گاندون ئىشلىتىشنى خالاپ كەتمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، مانا مۇشۇنداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى خالىمايدىغان ھەمجىنىس ئەرلەر ئۆزئارا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خەيىم-خەتىرى ئالدىدا «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەندەك، نەپسى ياماننىڭ بالاسى ھالىتىدە تەييار تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

قىسقىسى، مانا مۇشۇنداق كەسىپ ۋە مۇھىت مۇناسىۋىتىدىن ھەم زۆرۈر جىنىسىيەت تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن، ئەرلەر ئارا جىنسىي مۇناسىۋەتكە كىرىشىپ قېلىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقانلارنى جەمئىيەتكە بىلدۈرۈپ، مۇشۇنداق ساھەدىكى يەنە باشقىلارنىڭمۇ مۇشۇ يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقاچان ھوشيار بولۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇشۇنداق كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان سىگناللارنى ۋاقتىدا چېلىپ تۇرۇشىمىزنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈر قىممىتى بار دەپ قارايمىز.

دېمەك، ھەمجىنىسلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن ھېچكىم ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزگە دۇچار بولۇشنى خالىمايدۇ. لېكىن، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، قاندىن، جىنسىي ئالاقىدىن (يات جىنىسلار ۋە ئوخشاش جىنىسلارنىڭ قالايمىقان مۇناسىۋىتىدىن)، بالىغا ئانىدىن يۇقىدۇ. يەنى، مۇشۇ جەرياندا يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلىقى ئارقىلىق يەنە بىرەيلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. كۆپ سانلىق يۇقۇملاندۇرغۇچىلار باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا زەھەر چېكىش ۋە ھەر خىل جىنىسلار ئارا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت دېگەندەك خەتەرلىك قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش ھەم قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، ۋاقتىدا ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىش كېرەك. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەرلەر 34 ياشتا، ئاياللار 30 ياشتا ئەڭ گۈزەل بولىدىكەن
  • بويتاقلار ئاسانلا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، توي قىلىش ئەڭ ياخشى داۋاسى
  • بەك كۆپ كۈلۈشمۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىكەن
  • خانىم، سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ
  • قۇچاقلاشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
  • بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ
  • كولا ئىچىش راستتىنلا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟
  • قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟
  • بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئىناق-بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەردىكى تۆتنى قىلىش ۋە كەچتىكى بەشنى قىلماسلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللاردىكى سەككىز خىل كېسەللىكنىڭ بېشارەتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆتكۈر نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈت بېزى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-خوتۇن چىقىشىپ ئۆتۈشتە پىسخىكىلىق بىلىممۇ ئىنتايىن مۇھىم

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خانىم-قىزلار كىچىككىنە ئىشلارغا چېچىلماسلىقى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىكاھتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ تۆت چارىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىزنىڭ ئايالىڭىزمۇ تېجەشلىك ئايالمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئايالنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ھالىتى مانا مۇنداق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشتىكى سىردىشىش ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تېڭشۈننىڭ QQسى تۇرسا، يەنە نېمىشقا ئۈندىدارنى چىقىرىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىنودا رول ئېلىش ئىقتىدارى سەل قارالغان پەن-تېخنىكا ئاتامانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «شەخسلەر» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان «ئەڭ جەلپكار ئەر»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دوختۇر بىر تەرەپتىن ئوكۇل سالدۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئوپېراتسىيە قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندونېزىيەدىكى تۇتاش ئەمما رەڭگى ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ ئۈچ كۆل

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17 يىلدىن كېيىن قايتا تارتىلغان ساۋاقداشلار سۈرىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 47 ياشلىق مېلانىيا تىرامپ ۋە ئۇنىڭ نىكاھ مەخپىي «رېتسىپى»

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ نەپس ئۇسلۇبتىكى مۇقاۋا سۈرەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «iPhone دەۋرى»دىن بۇرۇن بىزگە ھەمراھ بولغان يانفونلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015