ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-08 18:52:39

كۆپلىگەن كىشىلەر پەقەت ئەرلەرنىلا بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق، ئاياللاردا بۆرەك زەئىپلىشىش بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن چاغلاردا ئاياللاردىكى بۆرەك زەئىپلىشىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا ئاياللاردىكى بۆرەك زەئىپلىشىشتە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئاياللاردىكى بۆرەك زەئىپلىشىشتە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. چاچ قۇرغاقلىشىپ، چۈشۈش.

مۇبادا سىزدە باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك قۇندۇزدەك ئۇزۇن چېچىڭىز بولۇپ، بىراق يېقىندىن بۇيان سەۋەبسىزلا قۇرغاقلىشىپ، ئازلاپ، ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقىتىۋاتقان بولسا ھەمدە چۈشۈۋاتقان چېچىڭىز بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسا، گەرچە چېچىڭىزنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، بىراق چارىلىرىڭىزنىڭ بىرىمۇ كار قىلماي، ئۈنۈم كۆرسەتمىگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا بۆرەك زەئىپلىشىشكە گىرىپتار بولدىڭىزمۇ يوق ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

2.كىلىماكتېرىيەنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى.

ئەگەر ھەيزىڭىز داۋاملىق كېچىكىپ كەلسە، ھەمدە  كەيپىياتىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ بولسا، يۈزىڭىز دائىم قىزىپ كەتسە، بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالامىتىمۇ ئەمەسمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەمدىلا ئوتتۇز ياشتىن ئېشىپ، يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، جەزمەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز زۆرۈر.

3. ئىزچىل چەكلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سەمىرىپ كېتىش.

ئەگەر تامىقىڭىز ئانچە كۆپ ئەمەس، ھەرىكەت مىقدارىڭىزمۇ ئۇنچە ئاز بولماي تۇرۇپ، چەكلىگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە سەمىرىپ كېىتىۋاتقان بولسىڭىز، بەدىنىڭىزدە بۆرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئويلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەرلا سېمىزلىك بىلەن بۆرەك زەئىپلىشىشنى بىر بىرىگە باغلىيالايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا راستىنلا مۇناسىۋەت مەۋجۇد بولىدۇ.

4. سوغۇقتىن قورقۇش.

ئىشخانىدا دائىم باشقىلار مۇۋاپىق دەپ قارىغان تېمپېراتۇرىدىن قاقشامسىز؟ كىيگەن كىيىمىڭىز دائىم باشقىلارنىڭكىدىن قېلىنمۇ؟ سىزگە سوغۇق ئۆتكەن زامان ئىچىڭىز سۈرۈپ بىئارام بولامسىز؟ جۇڭيى تېبابىتىدە بۇ ئەھۋاللار بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ.

5. چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىش.

ئىلگىرىكى قۇندۇزدەك چېچىڭىز يېقىندىن بۇيان قۇرغاقلىشىپ، ئازىيىپ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىۋاتامدۇ؟ گەرچە ھەپتىدە بىر كەسپىي ئاسراش قىلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ئەڭ ياخشى چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، چېچىڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيۋاتامدۇ؟ بۇ بەلكىم بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

6. ئاسانلا قورقۇش.

سەۋەبسىزلا قورقۇش، چۆچۈشمۇ بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭيى تېبابىتىدە قورقۇش بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە «قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىدەك بولدۇم» دېگەن سۆزدىكى قورقۇشمۇ بۆرەكنى زەخمىلەيدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى. بىر تەرەپتىن قورقۇش، چۆچۈش بۆرەكنى زەخمىلىسە، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن بۆرەك زەئىپلىشىش ھەمىشە قورقۇش، چۆچۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

7. قاپاق ئىششىش.

ئەگەر ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا كۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن قۇرغاقلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، ئېھتىيات قىلغىنىڭىز تۈزۈك، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قاپىقىڭىزنىڭ ئىششىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۆرەك زەئىپلىشىشكە گىرىپتار بولدىڭىزمۇ يوق ئويلىنىپ كۆرۈشكە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى بۆرەك زەئىپلەشكەندە بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىلىپ تاشلىنالماي، قاپاقنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللاردا بۆرەك زەئىپلىشىش كۆرۈلگەندە نېمە يېيىشى كېرەك؟

1. ياڭاق مېغىزى.

ياڭاق مېغىزىنىڭ رولى ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۆرەكنى قىزىتىپ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياڭاق مېغىزىنى كۆپ يېيىش ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەملىشىپ، بۆرەك قۇۋەتلەشنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر كىچىك بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتى قۇرغاق، تەرەتتە قېينىلىپ قالسا، ياڭاق مېغىزى ۋە قوۋۇرغىنى مۇۋاپىق قاينىتىپ، بالىغا ئىچۈرسە، بالىنىڭ تەرىتىنى راۋانلاشتۇرۇشقا، ئۈچىيىنىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردىمى تېگىدۇ. ئادەتتە ياڭاقنى بەرسىمۇ بولىدۇ، ياڭاقتا ماي تەركىبى بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە، بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە ئۈچەي يوللىرىنى سىلىقلاشقا پايدىلىق.

2.ئالقات

ئالقاتنىڭ بۆرەك قۇۋەتلەش رولى بولۇپ، بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان چاچ چۈشۈش، بەل-پۇتلار ئاغرىش قاتارلىقلار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. جەنۇبتىكى نەم ئىسسىق رايونلاردا كىشىلەر شورپا قاينىتىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دائىم ئالقات، چىلان، قوۋۇرغىنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىدۇ. بۇ قان تولۇقلاش، بۆرەك قۇۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ، كىچىك بالىلار دائىم ئالقاتنى خام يېگەندە بۆرەك قۇۋەتلەشكە ياردىمى تېگىدۇ. ئالقات ئىسسىقلىق يېمەكلىكىگە تەۋە ئەمەس، شۇڭا كۆپ يېيىشنىڭ بەدەنگە زىيىنى يوق.

3. قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەك كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى چاچ چۈشۈش بولۇپ، بۇ بەزى چاچنى قارايتىش يېمەكلىكلىرىنى مەسىلەن، قارا پۇرچاق، قارا كۈنجۈت، قارا گۈرۈچ، ئۈجمە تۈرىدىكىلەرنى يېيىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى چاچ قارايتىش رولىنى ئوينايدۇ شۇنىڭدەك بۆرەكنىمۇ قۇۋەتلەيدۇ. بولۇپمۇ قارا كۈنجۈتنىڭ بۆرەك قۇۋەتلەشتىكى ئۈنۈمىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ جىگەر، بۆرەك ۋە ئىچكى بەش ئەزانى قۇۋەتلەش رولى بار. دائىم ئىستىمال قىلغاندا جىگەر، بۆرەكتىكى قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كۆزى قاراڭغۇلىشىش، ئاق چاچ پەيدا بولۇش، چاش چۈشۈش، بەل-پۇتلار ئاغرىش، ئۈچەي قۇرغاقلىشىپ قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشىلايدۇ.

4. بەزى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يېيىش.

ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە تۇز تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، سودا پىرەنىكى قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. كونىلاردا، تۇز بۆرەككە بارىدۇ دېگەن گەپ بار. شۇڭا بەزى تۇز تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىش بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ھەم بەدەننىڭ نورمال چىقىرىشقا پايدىلىق. يېمەك-ئىچمەكتە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ييېىش كېرەك، بومىسا بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ساغلاملىققىمۇ پايدىسىز.

بۆرەك قۇۋەتلەشتىكى تاماق تىزىملىكى

پىچەكگۈل(山药) ، گۈلسامساق(百合)، چوڭ چىلان ئۇمىچى

ماتېرىيال: پىچەكگۈل 90 گرام، گۈلسامساق 40 گرام، چوڭ چىلان 15 تال، تەسۋى قوناق (薏苡仁) 30 گرام، گۈرۈچ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ماتېرىياللارنى بىرلا ۋاقىتتا قازانغا سېلىپ، سۈزۈك سۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇپ، ئوتنى كۈچلۈك قىلىپ، قاينىغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ ئوماچ ھالىتىگە كەلگۈچە پىشۇرىمىز.

رولى: پىچەكگۈلنىڭ تال، ئاشقازان، بۆرەكنى قۇۋەتلەش رولى بار؛ گۈلسامساق ئىسسىقنى ئېلىپ، نەملىكنى ئاشۇرۇش رولى بار؛ چوڭ چىلان، تەسۋى قوناق تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ. بۇلارنى بىرلىكتە ئىشلەتكەندە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئىسسىقنى ئېلىپ، نەملىكنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ. پىچەكگۈل(山药) ، گۈلسامساق(百合)، چوڭ چىلان ئۇمىچى بۆرەك زەئىپلەشكەن ئاياللارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئالقات، قوي گۆشى شورپىسى

ماتېرىيال: قوي گۆشى 1000 گرام، ئالقات 50 گرام، خۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

1. قوي گۆشىنىڭ پۈتۈن پارچىسىنى قايناقسۇدا پىشۇرۋالغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇدا قان داغلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، پارچىلىۋالىمىز.

2. قازاندىكى ماي قىزىغاندىن كېيىن، گۆشنى قورۇپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ پىشۇرۋالىمىز.

3. باشقا قازان بىلەن زەنجىۋىل پارچىسىنى قورۇپ، قورۇمىغا ئىشىلىتىغان ھاراقنى قۇيۇپ، ئالقاتنى ئارىلاشتۇرىمىز. ئۈستىگە قۇرۇق شورپىدىن 2000 مىللىلىتېر قۇيىمىز.

4. ئاندىن قازاندىكى قوي گۆشىنى سېلىپ بىللە پىشۇرۇپ، تۇز، سوڭپىيازنى سېلىپ، كۆپۈكلىرىنى تازلاپ، بوش ئوتتا بىر سائەت قاينىتىپ، قوي گۆشى راسا پىشقاندىن كېيىن، ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

ئۈنۈمى: بۇ شورپا بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ، بۇ بۆرەك مۇسبەتلىكى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن ھەيز ئازلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىسىتىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. قوي گۆشىنىڭ تەمى تاتلىق ھەم يۇمشاق، خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل، قۇرغاق بولمىغاچقا، بۆرەك قۇۋەتلەش، سوغۇقنى ھەيدەش، قان تولۇقلاش، ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ئۇنىڭغا يەنە ئالقاتنى قوشقاندىن كېيىن، بۆرەك قۇۋەتلەش رولى تېخىمۇ ياخشلىنىدۇ. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاجرىشىش ئادەمنى ھەسرەتلەنگەك، قايغۇرغاق قىلىپ قويىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى باسقۇچلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قولتۇق پۇرىسا قانداق قىلغۇلۇق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • توكسىن ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەگەر يىگىتىڭىز بۇ 5 مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرۇشنىڭ بەش چوڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مودا ئاياللار بىلىشى زۆرۈر 27 تۈرلۈك ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنى بارغانسېرى چىرايلىق قىلىدىغان 7 ئادەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە پەرھىزلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرۇشنىڭ زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تورداشلار ياڭ مىنى دىلرابادىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەيۋەتلىك قۇم بارخىنى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • باياشات ماددىي تۇرمۇشتىن زېرىككەن ئەر-ئايال بەش بالىسى بىلەن ساياھەتكە ئاتلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۇتقۇن قىلىنغان ھىندىستانلىق ئەر مەجبۇرىي ھالدا ناتونۇش ئايال بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پەرىزىمىزچە 2018-يىلى بۇ چاچ پاسونلىرى مودا بولۇشى مۇمكىن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا ماڭلاي چاچ سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسى بىلەن جېدەللىشىپ قالغانىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈندىدارداشلار تەتۈر قاراشقاندىن كېيىن بۇرۇن ئېتىشقان قىزىل بولاقنى قايتۇرۇۋالغىلى بولامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەنگلىيەلىك ئايالنىڭ غەلىتە تېرە كېسىلى بىر سائەتتىن كېيىن ئۆزلىكىدىن «ساقىيىپ» قالىدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قاتتىق سوغۇقتىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشى مانا مۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015