يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > مۇھەببەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-05 18:25:37

 ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە، يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشكەندە، بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان ئالتە تۈرلۈكتىن تەلىپى بولىدىكەن. يىگىتنىڭ تەلىپى ئىشەنچ، قوبۇل قىلىش، مىننەتدار بولۇش، ماختاش، ئېتىراپ قىلىش، ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن؛ قىزنىڭ تەلىپى كۆڭۈل بۆلۈش، چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، سادىق بولۇش، دەردىگە يېتىش، تەسەللىي بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

 يىگىتلەر ھەرقانداق چاغدا يۈز-ئابرويغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلارنى كونكرېت ئېيتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار قىزلاردىن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىززەتلەشنى كۈتىدۇ.

1. ئىشەنچ

قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا سەزگۈر بولىدۇ، كىچىككىنە ئىشنى ئاسانلا چوڭايتىۋېتىدۇ، يىگىتىگە تولۇق ئىشەنمەي ئۇنىڭدا بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشى، يىگىتىگە ئىشەنچ بىلەن قارىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىغىمۇ ئىشىنىشى كېرەك.

سىزگە تەئەللۇق نەرسە ھامان سىزنىڭ بولىدۇ، سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسە ۋاقتىنچە سىزنىڭكىدەك تۇرغىنى بىلەن بەرىبىر بىر ئۆمۈر سىزنىڭ بولمايدۇ. ئەگەر يىگىتىڭىزنى چوقۇم خاتالىشىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئەقىدە باغلىماڭ. چۈنكى، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

بارلىق يىگىتلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى» مۇقامىنى توۋلىشى ناتايىن، بىراق ھەممىسىلا سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىگىتىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە پىلانلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئالقىشلاپ ماختىسىڭىز، ئۇنىڭدا «مەن قىز دوستۇم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنمەن، قىز دوستۇم مېنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشىمگە موھتاج ئىكەن» دېگەن تونۇش پەيدا بولۇپ، ئۇ سىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىدۇ.

2. مىننەتدار بولۇش

بەزىدە قىز ئەتراپىدىكى ئىش ياكى ناچار كەيپىياتى توغرىسىدا يىگىتىگە دەردىنى تۆكۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا يىگىت قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ يېقىن، سۆيۈملۈك ئادىمى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن دەرد تۆككەنلىكىنى توغرا چۈشەنمەي، ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ.

تۇرمۇشىڭىزدىن ۋە يىگىتىڭىز ئاتا قىلغان بارلىق نەرسىلەردىن مىننەتدار بولسىڭىز، يىگىتىڭىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆيۈنىدۇ-دە، تېخىمۇ شاد-خۇرام، ئەركىن-ئازادىلىككە چۆمىدۇ.

3. ماختاش

بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىغا ئوخشاش ماختاپ ئۇچۇرۇشىڭىزنى خالايدۇ. چۈنكى، ئاشۇ ماختاش ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، قانداق قىلغاندا سىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

4. ئېتىراپ قىلىش

يىگىتلەر سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەندە دوستى، تۇغقىنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنگە قارىغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.

ئەگەر يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىسا، ھامان بىر كۈنى سۆيگۈنىدىن ۋاز كېچىدۇ. بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىدەك ناھايىتى گۆدەك بولۇپ شىلىسىڭىز، ماختىسىڭىز، شۇ ھامان گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ ۋارقىراپ تىللاپ قويسىڭىز قورققىنىدىن قۇيرۇقىنى قىسىپ تىكىۋېتىدۇ.

   5. مەدەت بېرىش

يىگىتىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ئۈن-تىنسىز سۈكۈت قىلسىڭىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى بىرمۇنچە چالۋاقاپ كوتۇلدىغانغا قارىغاندا زور بولىدۇ.

بۇنداق قىلغاندا ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن يىگىتىڭىز تەبىئىي ھالدا كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ بولۇپ، يىگىتلەرگە زور روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ.

تۈرگەن تەرجىمىسى

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...
  • نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى قايسى؟
  • قايسى مەسىلىلەر ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ؟
  • ياش تۇرۇپلا قېرىلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى
  • يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ
  • خانىم-قىزلارغا: قانداق سورۇندا قانداق كىينىش كېرەك؟
  • قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
  • ئەر-ئايالنىڭ ياش پەرقى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟
  • ​خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ 8 ئالامىتى
  • ئالتە خىل ئەھۋالدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ
  • سەھەردىكى نورمالسىزلىق؟
  • مۇنداق ئادەملەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن...
  • بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان سەككىز خىل يېمەكلىك
  • ئەرلەر يالغان ئېيتىشقا ئاياللاردىن بەكرەك ئامراق ئىكەن
  • پېشانە دائىم ئاغرىسا ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى
  • سىزنى دائىم قارا باسامدۇ،ئۇنداقتا بۇلارنى كۆرۈپ بىقىڭ
  • ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى
  • بىلەمسىز، ئاياللار 30 يېشىدا ئەڭ جەلىپكار بولىدۇ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئايالنىڭ ئىززىتى ئەرنىڭ ھۆرمىتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەختلىك بولۇشىدىكى ئۈچ ئامىل

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى قايسى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گۆشسىز غىزالىنىدىغانلار تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆڭۈلدىكىدەك ئۇخلاشنىڭ ئۈچ خىل شەكلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قايسى مەسىلىلەر ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياش تۇرۇپلا قېرىلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇسى ناچار كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • چوڭ مېڭىگە زىيانلىق بەش خىل يېمەكلىك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • زەنجىۋىل سۈيىگە پۇتنى چىلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇخۇم سېرىقى قانچە سېرىق بولسا ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولامدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • زىيانلىق تەسىرى تاماكا چېكىشتىنمۇ ئېغىر بولغان ئۈچ خىل ئادەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇل خوتۇنلار ۋە ئەيدىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تاش يېيىشكە خۇمار بولغان 48 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گېرمانىيە سايلىمى ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە زۇڭلى مېركىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 28 ياشلىق رېمونتچى يىگىت 82 ياشلىق موماينىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ ئەمرىگە ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازىنىن چولپان لۇ جىڭشەننىڭ ۋېنىتسىيەدە چۈشكەن بىر تۈركۈم سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 20 يىل بۇرۇنقى ئېلىمىز تاماشا ساھەسىدىكى ساھىبجاماللارنىڭ ھازىرقى ھالىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى رومانتىك توي رەسىمىگە چۈشۈشتىكى ئەڭ ياخشى جايلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوغۇللار گۈلنەزەرنىڭ دادىسى سەۋەبلىك ئۇنى قوغلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پۇلغا خەت يېزىپ شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ قىلتىقىدىن قۇتۇلغان ئىستۇدېنت قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيادىكى 10 چوڭ باينىڭ 300 مىليارد دوللار پۇلى بار، ما يۈننىڭ ئەڭ كۆپ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015