ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ سىزنىڭ قانداق قاراشلىرىڭىز بار؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > مۇھەببەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-06 23:50:20

ۋارىسجان ئەھمەد

 

    يېقىندا بىر نەچچە ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ ۋاپادارلىق ھەققىدىكى پارىڭىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋاپادارلىق يولدىشىنىڭ ئايالىغا كۆيۈنۈشىدىن باشقا، مۇھىمى، خاتىرە كۈنلەردە پىخسىقلىق قىلماي، ئايالىغا قىممەتلىك سوۋغا بېرىشى ئىكەن. يەنە ئايالىغا كەسىپ، خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلە ئىشلىرىدا ياردەم بېرىش، قوللاشتىن باشقا يەنە كەڭ قورساق بولۇش ئىكەن.

    ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى زادى نېمە؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ئۆلچەم – قاراشلىرى ئوخشاشمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، ۋاپادارلىق بىر ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا قوللىشى، ياردەملىشىشى، كۆيۈنۈشى، ئۆزئارا ئىشىنىشى ئارقىلىق ‹‹بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول›› چىقىرىپ، ئورتاق تىرىشىش، ماسلىشىش نەتىجىسىدە ئائىلىنىڭ بەختىنى، بالىلارنىڭ كېلەچىكىنى يارىتىشتىكى ھەمدەملىكىدە ئىپادىلىنىدۇ، دېيىلسە ھەممىگە ئورتاق بولىدىغانلىقى ئېنىق. مېنىڭچە، ئۇنىڭ ئىپادىسىنى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

    بىرىنچى، ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت. ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت ۋاپادارلىقنىڭ قورغىنى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئەر – خوتۇن ۋە بالىلاردا يېتىلگەن ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، قوللاش، مېھىر يەتكۈزۈشلەر نەتىجىسىدە ۋاپادارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

    ئىككىنچى، سەمىمىي، سادىق بولۇش. سەمىمىي، سادىقلىق ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئائىلىگە ھەم بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئىپادىسى. ھەرقانداق ئەر – خوتۇن بىر – بىرىگە سەمىمىي، سادىق بولغاندىلا، تۇرمۇشنىڭ بارلىق ھالقىلىرىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلىۋى بەختنى ئورتاق بەرپا قىلالايدۇ.

    ئۈچىنچى، ئۆزئارا ماسلىشىش. ئائىلىدە، خىزمەتتە، كەسىپتە ئەر – خوتۇن قولىدىن كېلىشىچە بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ ھەم قوللاپ، ئىشلاردا ماسلىشىپ، گەپ – سۆزدە، ئىش – ھەرىكەتتە بىر يەردىن چىقالىسا، ئارىدىكى مېھىر – مۇھەببەت كۈچىيىدۇ. تۆتىنچى، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش. ئەر – خوتۇنلار خىزمەت ئورنى، جەمەت شارائىتى، تاپاۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەپ، بىر – بىرىگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولسا، ۋاپادارلىق دېگەن ئەنە شۇ.

    بەشىنچى، راستچىل بولۇش. راستچىللىق ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇش ئۇلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېشى. ئەر – خوتۇن راستچىل، ئوچۇق – يورۇق بولغاندىلا، ئائىلىۋى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ھەرقانداق ئېغىر يۈكمۇ بار مەسلىھەت ھەل بولىدۇ. ئىشىنىش كۈچىيىدۇ، رىغبەتلەندۈرۈش بولىدۇ. بالىلارمۇ راستچىللىقنى ئۆگىنىدۇ.

    ئالتىنچى، تىرىشچانلىق ئائىلىنىڭ بەختى. تىرىشچان بولغاندىلا، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈپ، تۇرمۇشنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    دېمەك، ۋاپادارلىق قانداقتۇر بىرەر قېتىم ياخشىراق يېگۈزۈش، كىيگۈزۈش، سوۋغا بېرىش، قارشى تەرەپنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىش بولماستىن، ئائىلىنىڭ بەختىنى ئويلاش، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش؛ ئىشلاردا چۈشىنىش ئاساسىدىكى ئىشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش، ياردەم بېرىش، قوللاش، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش بىلەن مېھىر – مۇھەببەتلىك ئائىلىۋى تۇرمۇشنى بەرپا قىلىش جەريانىدىن ئىبارەتتۇر.

http://uy.ts.cn/life/content/2011-06/24/content_150899.htm?lang=uy

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ سىزنىڭ قانداق قاراشلىرىڭىز بار؟
  • يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...
  • نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى قايسى؟
  • قايسى مەسىلىلەر ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ؟
  • ياش تۇرۇپلا قېرىلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى
  • يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ
  • خانىم-قىزلارغا: قانداق سورۇندا قانداق كىينىش كېرەك؟
  • قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
  • ئەر-ئايالنىڭ ياش پەرقى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟
  • ​خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ 8 ئالامىتى
  • ئالتە خىل ئەھۋالدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ
  • سەھەردىكى نورمالسىزلىق؟
  • مۇنداق ئادەملەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن...
  • بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان سەككىز خىل يېمەكلىك
  • ئەرلەر يالغان ئېيتىشقا ئاياللاردىن بەكرەك ئامراق ئىكەن
  • پېشانە دائىم ئاغرىسا ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى
  • سىزنى دائىم قارا باسامدۇ،ئۇنداقتا بۇلارنى كۆرۈپ بىقىڭ
  • ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ سىزنىڭ قانداق قاراشلىرىڭىز بار؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سول مۈرە ئاغرىقى ئېغىر كېسەلدىن بېشارەت بولۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈز تېرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى خالامسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنسىي جەھەتتىكى پىسخىك چارچاشنى تۈگىتىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆڭۈلدىكىدەك ئۇخلاشنىڭ ئۈچ خىل شەكلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بازار ئايلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالاشتا...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قان تولۇقلاشتا «تۆت قىزىل»دىن ئايرىلماسلىقى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئايالنىڭ ئىززىتى ئەرنىڭ ھۆرمىتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەختلىك بولۇشىدىكى ئۈچ ئامىل

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى قايسى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گۆشسىز غىزالىنىدىغانلار تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆڭۈلدىكىدەك ئۇخلاشنىڭ ئۈچ خىل شەكلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قايسى مەسىلىلەر ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • فاتىمە شەيخ ئامىرخان ئائىلسىىنىڭ قۇربان ھېيتلىق ئائىلىۋى پائالىيىتگە قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پرىيانكا مودا ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 14 خىل ئادەمنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى دۇنيا قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «زەھەر»نى چايناپ تۇرۇپ زەھەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان يەمەنلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەرسان يۈرگەن 5 مىليون تۇياق كالا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جاڭ خەن بىلەن گۈلنەزەر ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆسەك-سۆزلەرگە جاۋاب قايتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالداپ كېتىلگىنىگە 27 يىل بولغان بالا مىليونېرغا ئايلىنىپ قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «قانخور ئالۋاستى» خانىشى نىنانىڭ بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھەشەمەتلىك فارارىغا ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىپ تۆمۈر-تەسەككە ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015