مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > مۇھەببەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-21 19:13:03

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پسىخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %96كە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت تەجرىبىخانىسىدا، مۇھەببەتتىكى ئەڭ ئەجەللىك بەش ئىشنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىسى: رەت قىلىش خاراكتېرلىك سوغۇق مۇئامىلە
بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «سىز بۇنداق ئويلىسىڭىز، مېنىڭ ئامالىم يوق»، دېيىش.
مۇھەببەتلىشىشتىكى سوغۇق زورلۇق كۈچى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ناھايىتى گۆدەك بولغان شەخسىيەتچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدۇر. سوغۇق ئۇرۇشتىن باشقا، يەنە ھەمراھىغا بولغان سوغۇق مۇئامىلە، سەل قاراش ۋە روھىي زەربە بېرىشمۇ بار. بۇنىڭدا، سوغۇق ھالدىكى زوراۋانلىق ئارقىلىق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە زىددىيەت توقۇنۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدىغان ئامىللارمۇ بار.
  ئىككىنچىسى: پىلىمۇت كەبى ئەيىبلەش
  بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ-سۆزلەر: «سىز نېمىشقا دائىم... »
  مەسىلەن:
  — «نېمىشقا ئاچچىقىڭىز دائىم بۇنچە يامان؟»

  — «نېمىشقا دائىم ئۇنداق ئىچىڭىز تار؟»

  — «نېمىشقا دائىم بۇنچە بىپەرۋالىق قىلىسىز؟»، دېگەندەك.

بەزى زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا قارىتا، كۆپىنچە كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىزلا قارشى تەرەپنى ئەيىپلەپ كېتىدۇ. ئەيىپلەش بولسا، قارشى تەرەپنىڭ مىجەزىگە بولغان پاسسىپ باھالاش بولۇپ، ئۇ خىل ئۇسۇل مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ.
ئۈچىنچىسى: ئومۇميۈزلۈك ھالدىكى كەمسىتىش
بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «بولدىلا، سىزدىن يەنە نېمە ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟»
مۇھەببەتتە مۇتلەق باراۋەرلىك بولمايدۇ، لېكىن، بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش جەريانى بولىدۇ. ئەگەر كۈچلۈك تەرەپتە ئاجىز تەرەپكە قارىتا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە كەمسىتىش خاھىشى پەيدا بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالدۇر. چۈنكى، كەمسىتىش ئادەتتە جۈپتىگە بولغان سەل قاراش ۋە جۈپتىنىڭ قىلغانلىرىغا كارى بولماسلىقتۇر. كەمسىتىش قىلمىشلىرى يەنە مەسخىرە قىلىش، تىللاش، دوراش ۋە ئالىيىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
تۆتىنچىسى: قاتتىق ھالدىكى مۇداپىئە
بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «بۇ مېنىڭ خاتالىقىم بولمىسا، بۇنى مەندىن كۆرسەڭ قانداق بولىدۇ؟»
ئادەتتە مۇداپىئە كۆرۈشتىكى غەرەز بولسا، يېقىن مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن باھانە تېپىشىنى كۆرسىتىدۇ. باھانە- سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر خىل تۇغما قابىلىيىتىدۇر. لېكىن، ئەگەر باھانە تېپىش ھېسسىياتتىكى بىر مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ قالسا، بۇ بەلكىم يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ ئاياغلىشىش سىگنالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بەشىنچىسى: ئەزەلدىن ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرماسلىق
بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «ھە نېمە دېدىڭىز؟ بايا نېمە دېگەنتىڭىز؟ يەنە بىر دەڭا!»
گوتماننىڭ مۇھەببەت تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتتا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش نىكاھنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئۇنىڭ تەجرىبىسىدە، بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ جۈپتىگە: «تېز قاراڭ، دېرىزە سىرتىدا قۇش بار ئىكەن.»، دېگەندە، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئاكتىپ ھالدا ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال دېرىزە سىرتىغا قارايدىكەن، ئەمما بەزىلەر بولسا، داۋاملىق سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، گېزىتىنى كۆرىۋېرىدىكەن. ئالتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گوتمان شۇنى بايقىغانكى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلار ئىچىدىكى پەقەت %33 كىشىلا ئەينى ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە پائال ئىنكاس قايتۇرغان. تېخى ئاجراشمىغان ئەر-خوتۇنلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %87 كىشى ئەينى ۋاقىتتا دېرىزىنىڭ سىرتىغا دەرھال قارىغانلار ئىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: http://mp.weixin.qq.com/s/711woav7pYo0IBv-aSNPtw

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەرلەر 34 ياشتا، ئاياللار 30 ياشتا ئەڭ گۈزەل بولىدىكەن
  • بويتاقلار ئاسانلا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، توي قىلىش ئەڭ ياخشى داۋاسى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆزى ئاددىي ئەمما ئۈنۈملۈك يۈز يۇيۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئاقىرالايسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىسخولوگلار بويتاقلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامالنى تاپتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىش پەسلىدە تېرە قىچىشسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوغۇللارنىڭ نامسىز بارمىقىغا قاراپ قىز دوستىنىڭ فىگۇرىسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ​يېپىشقاق كۆممىقوناق قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنى چۈشىنەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جۈپتىدىن ئايرىلغانلار ئېرىشىدىغان ھاياتلىق بايلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان پىسخىكىلىق ئامىللار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ ياش تۇرۇشىدىكى سىرلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئوغۇللارنىڭ لايىقى بىلەن توي قىلغۇسى كەلمەس بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەر نېمە ئۈچۈن سېمىز قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • سەككىز كېزەك يەڭگىپ دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئايال ئېسىڭىزدىمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نېمىلا كىيسە يارىشىدىغان گۈلنەزەر پائالىيەتتە كۆزنى چاقناتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا ساھەسىدىكى يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئايال ئارتىس---جياڭ شۇيىڭ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەدىنىدىكى ھەرقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالايدىغان ئايال كېسىلىنىڭ شىپاسىنى تاپتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا نېمە سەۋەبچى؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جېن زىدەن نېمىشقا ھوللىۋودقا بېرىپ تەرەققىي قىلمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىللىق كورېيە تاماشا ساھەسىدىكى 10 چوڭ قىززىق نۇقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «گىگانت تاش» جونسون ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015