نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى قايسى؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > نىكاھ-ئائىلە >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-04 17:55:55

بىرىنچى مەنزىلى: ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن توي قىلىش؛ ئىككىنچى مەنزىلى: ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن توي قىلىش؛ ئۈچىنچى مەنزىلى: ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن يەنە شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ‹‹ئارقا كۆرۈنۈشى›› بىلەن توي قىلىش.

بىرىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەي–ئاياللارنىڭ نىكاھى نىسبىي  مۇستەھكەم بولىدۇ؛ ئىككىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر–ئاياللارنىڭ نىكاھى بىر قەدەر  مۇستەھكەم بولىدۇ؛ ئۈچىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر–ئاياللار ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

 ھازىر نۇرغۇن قىز–يىگىتلەر توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار نىكاھىنى بىرىنچى مەنزىلدىن ئىككىنچى مەنزىلگە ئېلىپ بارالمىغان. ھەممىمىزگە ئايان، قايناۋاتقان سۇ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. قايناق مۇھەببەتمۇ قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاش ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەت ئىچىدىكى مۇكەممەل، نۇقسانسىز ھېسابلانغان ‹‹ئات ئاتلىق شاھزادە ›› بىلەن ‹‹ئاق كىيىملىك پەرىزات›› نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ‹‹بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ›› نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرى خۇددى باكتېرىيەگە ئوخشاش كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

 بۇ چاغدا سىز نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە ئۆتۈپ، جۆرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ‹‹توي قىلىپ›› ئۇنىڭ كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ئەپۇ قىلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا، ‹‹نىكاھ  گۈلى›› چوڭقۇر يىلتىز تارتالماي قۇرۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە تولىمۇ مېھىر – مۇھەببەتلىك كەلگەن ئەر–ئاياللار ئۆي تۇتۇپ نەچچە يىل بولا–بولمايلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە قەدەم قويالمىغانلىقىدىن بولىدۇ. نىكاھ ئىككىنچى مەنزىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى ئەر– ئاياللار ‹‹ئاجىرىشىش›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار جۆرىسىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بەزىلەر ھەتتا جۆرىسىنىڭ بۇ خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆيۈنۈش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. بۇ چاغدىكى نىكاھ  شېرىن ھەم مېھىر–مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەڭ زور ئارتۇقچىلىق كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش بولىدۇ.

   نىكاھتىكى مېھىر – مۇھەببەت نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مۇستەھكەم نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يېتىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ جۆرىسىنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن ‹‹توي قىلىش››. بۇ دېگەنلىك سىز جۆرىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسى ۋە يېقىن دوستلىرىغىچە كېڭەيتىشىڭىز كېرەك، دېگەنلىكتۇر. بۇ خىل مۇھەببەت ئىچىدە سىز ‹‹نىكاھ ›› ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز. سىزنىڭ جۆرىڭىز سىزگىلا تەۋە بولماستىن، ئاتا – ئانىسىغا ۋە دوستلىرىغىمۇ تەۋە. نىكاھ ئۈچىنچى مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن مۇستەھكەم ھالەتكە كېلىدۇ ، بۇنداق نىكاھنى ئاسانلىقچە ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. مۇھەببەت دۇنياسىدا، كۆپىنچە ئەرلەر: نىكاھ–بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىش دەپ قاراپ ، ئەمرىگە ئالغان ئايالنىڭ ئۆز ئىنتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە پەرۋاسىز قارايدۇ؛ بەزى قىزلار بولسا نىكاھ–بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش دەپ قاراپ ، ئەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە خاراكتېرى بىلەن ‹‹توي قىلىش›› نى بىلمەيدۇ . تونۇش جەھەتتىكى بۇنداق خاتالىقلار كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.

‹‹پەن ۋە تۇرمۇش›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

http://uy.ts.cn/life/content/2011-02/01/content_126267.htm?lang=uy

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان قىزلارنىڭ 5 خىل ئىپادىسى
  • يولدىن چىققان ئەرلەر سىزگە مۇنداق ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ
  • ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان قىزلار
  • بىر ئەرنىڭ سىزدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنىڭ 7 خىل ئىپادىسى
  • ئەرلەر قوغداشقا تېگىشلىك سەككىز رايون
  • قىزلار قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە ئىش
  • مۇھىت بۇلغىنىشى ئەرلەر ئۈچۈن بالا-قازا
  • ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
  • مۇھەببەتلەشكەندە ئارىلىق ساقلاڭ، تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشسۇن
  • كەيپىيات ئەخلىتىڭىزنى ئۆزىڭىز تازىلاڭ
  • خانىم-قىزلار نېمىشقا پۇتنى ئالماپ ئولتۇرسا بولمايدۇ؟
  • سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ سىزنى دوست قاتارىدا كۆرۈشىنى ئىپادىلەيدىغان بىشارەتلەر
  • ساغلام بولۇشتا ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئىشلار
  • ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا دائىم يۈز بېرىدىغان جېدەللەرنىڭ ئوت پىلتىسى
  • ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ سىزنىڭ قانداق قاراشلىرىڭىز بار؟
  • يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...
  • نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى قايسى؟
  • قايسى مەسىلىلەر ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ 5 يولى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدىغان 9 خىل ئىجادىيىتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كەلسە، بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىلەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېتىق ئىچىپ بەرسە دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • چېنىقماسلىق يەر شارىدىكى ئۆلۈمنىڭ تۆتىنچى چوڭ سەۋەبچىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان قىزلارنىڭ 5 خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىپ كېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئورگانىزىمى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق 4 خىل تاش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يولدىن چىققان ئەرلەر سىزگە مۇنداق ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان قىزلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئەرنىڭ سىزدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنىڭ 7 خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شاپتۇل ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قورۇق چۈشۈش ساغلاملىققا پايدىسىز 5 خىل خەۋپتىن بېشارەت بېرىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇ تولۇقلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۆۋەندىكى ۋاقىتلىرىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئاجرىتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • دىلرابا: مودېل بولۇش ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مەملىكىتىمىز بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرز پۇل بېسىمى ئەڭ ئېغىر ئۈچ شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ساددا بويتاق ئەر ساھىبجامال «تۈلكە»گە مەپتۇن بولۇپ بارلىق بىساتىدىن ئايرىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پىسا قاتلىمىسى دۇكىنىنىڭ كالىنى تەتۈر ئېسىپ قويۇشى نارازىلىق قوزغىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەخسىي ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك ئىجارىسى 380 مىڭ يۈەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلەت بايرىمى تاۋۇز چاغىنىدىكى سەككىز كۈندە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسىڭىز قانچە پۇل تاپالايسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ سەھنە ئارقىسىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەڭ گۈزەل ئايال بوكس شاھى: ئەگەر سىز مېنى يېڭەلىسىڭىز، مەن سىزگە ياتلىق بولىمەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شۈ جيايىن نېمىشقا ئاران يېرىم كۈن ئەڭ چوڭ باي بولالىدى؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015