ئىناق-بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > نىكاھ-ئائىلە >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-11-23 20:12:45

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ بەخت خاتىرجەم ۋە ئىناق ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈشى گۈزەل ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

1. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاشكارا بولۇش كېرەك. ئىقتىسادتا ئاشكارا بولمىغاندا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ.

2. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىن تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىگە بىرخىل كۆز قاراشتا بولۇش كېرەك. چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنى ھۆرەتلەشتە «سېنىڭ، مېنىڭ» دەپ ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق، دوست-بۇرادەرلەرنىمۇ يىراق- يېقىن دەپ ئايرىماسلىق كېرەك.

3. ئۆزئارا ئىشىنىش كېرەك. پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە ئېغىر-بېسىقلىق، ئەدەپلىك ھەمدە قارشى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراش كېرەك. ھەرگىزمۇ يامانلاپ ئاچچىقلاپ قارشى تەرەپكە بېسىم ئىشلەتمەسلىك لازىم.

4. ئۆزئارا ئادەۋەت تۇتماسلىق كېرەك. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت كېلىپ چىققاندا ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك ئويلاش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىددىيەتلەرنى كىچىكلىتىشكە ھەمدە يوققا چىقىرىشقا تىرىشىش لازىم. ھەرگىزمۇ زىددىيەتنى ياكى قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى سىرتقا داۋراڭ سالماسلىق كېرەك.

5. ھەرگىزمۇ مېنىڭ راست دەپ تۇرۇۋالماسلىق كېرەك. ئائىلە ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلغاندا كىمنىڭ يوللۇق بولسا شۇنىڭكىنى ئاڭلاش، كىمنىڭ  ئالاھىدىلىكى بولسا شۇ باشقۇرۇش كېرەك.

6. پەرزەنت تەربىيەسىدە پوزىتسىيە بىردەك بولۇشى كېرەك. بىر قىسىم ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرنى باشقۇرغاندا بىردەكلىك بولمىغانلىقتىن ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 7. تۇرمۇشتا ئۆزئارا كۆيۈنۈش كېرەك. قارشى تەرەپ بىرەر كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۆزئارا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ئازابتىن تېزدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

ئەسلى مەنبەسى: http://uy.ts.cn/system/2017/11/23/035042367.shtml

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەرلەر 34 ياشتا، ئاياللار 30 ياشتا ئەڭ گۈزەل بولىدىكەن
  • بويتاقلار ئاسانلا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، توي قىلىش ئەڭ ياخشى داۋاسى
  • بەك كۆپ كۈلۈشمۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىكەن
  • خانىم، سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ
  • قۇچاقلاشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
  • بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ
  • كولا ئىچىش راستتىنلا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟
  • قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟
  • بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئىناق-بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەردىكى تۆتنى قىلىش ۋە كەچتىكى بەشنى قىلماسلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللاردىكى سەككىز خىل كېسەللىكنىڭ بېشارەتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆتكۈر نېمىشقا ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈت بېزى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-خوتۇن چىقىشىپ ئۆتۈشتە پىسخىكىلىق بىلىممۇ ئىنتايىن مۇھىم

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خانىم-قىزلار كىچىككىنە ئىشلارغا چېچىلماسلىقى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىكاھتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ تۆت چارىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىزنىڭ ئايالىڭىزمۇ تېجەشلىك ئايالمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئايالنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ھالىتى مانا مۇنداق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشتىكى سىردىشىش ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • يۇقىرى ھەق بەرسىمۇ ئەمەلىي ماھارەت پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان 4 چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى بالدۇر تۇغۇلغان بەشكېزەك تۇنجى روژدېستۋو بايرىمىنى كۈتىۋالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزەش «تەلۋىسى» ھىندىستاندىكى زەھەر تازىلاش نەتىجىسىنى كۆرسەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇ سوڭنىڭ رولىنى ئالغان 8 ئارتىس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مايباخنىڭ ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ ئاپتوموبىلى دۇنيادا پەقەت بىر دانىلا بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىرى 400 مىڭ يۈەنگە يارايدىغان ئىپار مۈشۈك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىقلارنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يامغۇر تىلەش ئۇسۇلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 35 ياشلىق سۈن لى نېمە ئۈچۈن 25 ياشلىق قىزلاردەك كۆرۈنىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستاندا 3 ئىشتات فىلىم «پادماۋاتى»نىڭ قويۇلۇشىنى چەكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015