بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ 11 خىل ئىپادىسى

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-05-19 11:37:04

ئامېرىكا بالىلار پىسخىكىسى مۇتەخەسسىسى خوفماننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىدە ئۆزىنىڭ كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بارلىقى بايقالغان ھامان ئۇنى يېڭىش ۋە تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشى،  بالا چوڭ بولغاندا ئۆزىنى كەمسىتىش مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىغا ئىگە بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆپ كۆرۈلىدىكەن: 

كەيپىياتى دائىم تۆۋەن بولۇش: بالىلار دائىم سەۋەبسىزلا غەمكىن يۈرسە، ئېھتىمال ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاق بولۇش: بالىلار، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئانچە مۇنچە تارتىنچاق بولۇشى نورمال ئىش، بىراق ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاقلىق، باشقا كىچىك دوستلارنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئوتتۇرىغا چىقىشنى خالىماسلىق، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق قاتارلىقلار ئېھتىمال قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى كۈچلۈك ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ سىرتقا قارىتا ئىپادىلىشى بولۇشى مۇمكىن.

دوست تۇتۇشنى خالىماسلىق: ئادەتتە نورمال بالىلارنىڭ ھەمىسى تەڭ دېمەتلىك بالىلار بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم دوستلۇققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىغا ئىگە كۆپ ساندىكى بالىلار باشقىلار بىلەن دوستلىشىشنى خالىمايدۇ ياكى دوستلىشىشتىن قورقىدۇ.

دىققىتىنى يىغالماسلىق: ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بالىلار مەيلى ئۆگىنىش ياكى ئويۇن تاماشادا بولسۇن، دىققىتىنى ئاسانلىقچە يىغالمايدۇ ياكى دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى بەك قىسقا بولىدۇ.

گۇمانخورلۇق: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار ئاتا ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى ۋە دوستلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قارىشىغا ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدۇ، ھەتتا كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر بۇ خىل روھىي ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، تەرەققىي قىلىپ گۇمانخورلۇق پاتقىغا پېتىپ قالىدۇ ھەم باشقىلار ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيۋاتقاندەك ياكى ئەيىبلەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

ماختىنىشقا بەك تەقەززا بولۇش: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار گەرچە ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرسىمۇ، ئاتا ئانىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغا نورمال بالىلاردىنمۇ بەكرەك تەقەززا بولىدۇ. شۇ سەۋەبدىن سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشى، ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يالغانچىلىق قىلىشى ۋە ئىمتىھانلاردا ساختىپەزلىك قىلىشى مۇمكىن.

باشقىلارنى كەمسىتىش ۋە ھەسەت قىلىش: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلارنىڭ يەنە بىر نورمالسىز ئىپادىسى شۇكى ، دائىم باشقىلارنى كەمستىدۇ، ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ، مەسىلەن ، ئوقۇتقۇچى ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنى ماختاپ قويغان چاغلاردا قاتتىق غەزەپلىنىشى ھەتتا كېچىلىك ئۇيقۇ ھارام بولۇشى مۇمكىن.

ئۆزىنى تاشلىۋېتىش: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار دائىم دېگۈدەك ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، ئۆزىنى يارىماس چاغلاپ تىرىشمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئۆزلىرىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ، كوچىلاردا قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىدۇ، كېچىلىرى سىرتلارغا يالغۇز چىقىپ كېتىدۇ، ئاغرىپ قالغان چاغلاردا داۋالىنىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى خەتەرلىك ھەم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

رىقابەتتىن قېچىش: گەرچە ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بەزى بالىلار ئىمتىھان، تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ياكى مەدەنىيەت پائالىيەت مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ئىشەنچ كەمچىل بولغاچقا، ھەرگىز غەلبە قىلالمايمەن دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بەزىلىرى باشقىلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن مۇسابىقىلىرىگە مەجبۇرىي تىزىملاتسىمۇ، رەسمىي مۇسابىقە باشلانغان چاغدا، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قاچاق ئەسكەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

تىل ئىپادىسى ناچار بولۇش: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلارنىڭ سەكسەن پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدىكەن. يەنى كېكەچلەش ياكى ئىپادىسى ئۈزلۈكسىز بولماسلىق، ئىپادىلەش ھېسسىياتى كەمچىل بولۇش، سۆزى تولۇق بولماسلىق دېگەندەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنىڭ چوڭ مېڭىدىكى تىل ئۆگىنىشكە مەسئۇل سىستېمىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئوڭۇشسىزلىق ۋە كېسەللىكلەرنى قوبۇل قىلالماسلىق: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى نورمال بالىلار بەرداشلىق بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق، كېسەللىك قاتارلىق پاسسىپ ئامىللار ئېلىپ كەلگەن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يەنە كىچىككىنە مەغلۇبىيەت ياكى كىچىككىنە كېسەللىكلەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، ۋايساپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆچۈپ كېتىش،تۇغقانلىرى ئالەمدىن ئۆتۈش ۋە ئاتا ئانىسى كېسەل بولۇپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىيلىقلارغىمۇ ئاسانلىقچە ماسلىشالمايدۇ.

 



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • جىنسىيەت قىلمىشىدىكى توسالغۇلار
  • بەك ئورۇق ئادەم خۇشال بولالمايدىكەن
  • تاماكا تاشلاشتكى ئۈچ خىل خاتا قاراش
  • تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر
  • نېمىشقا بەزى كىشىلەر تاماكا تاشلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟
  • ياخشى ئايال-داڭلىق مەكتەپ، تالانتلىق ئۇستاز
  • ئاياللارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى «ئالتۇن مۇنار»
  • ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻤﯘ
  • ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ
  • ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ, ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ
  • ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ...
  • ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ
  • ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺕ
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يانفون ئويناشنىڭ تەسىرى
  • پەرزەنت كۆرەلمىگەن ئەرلەر ئانىلىق ھورمۇنىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك
  • ھەمتۆشەك بولۇشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى
  • ﺩﺍﻍ-ﺳﻪﭘﻜﯜﻧﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ, ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  • ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ 11 خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماق تاللايدىغان بالىلار ئاسان قەۋزىيەت بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئالقات ئىستېمال قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى بىلەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • چېچى قىسقىلار چېچىنى تارىمىسىمۇ بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنسىيەت قىلمىشىدىكى توسالغۇلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەك ئورۇق ئادەم خۇشال بولالمايدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى باشقا بۇلغىنىشتىن يۇقىرى ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا تاشلاشتكى ئۈچ خىل خاتا قاراش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمىشقا بەزى كىشىلەر تاماكا تاشلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياخشى ئايال-داڭلىق مەكتەپ، تالانتلىق ئۇستاز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى راستتىنلا مىكروب ئۆلتۈرەلەمدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار بۆرەك ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز دەۋرى قالايمىقانلىشىش كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • گۈلنەزەر يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جاڭ بوجى ئىختىيارى تارتىلغان رەڭسىز سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەرگەردانلارنى سۈرەتكە تارتىدىغان فوتوگراف 25 يىل يوقاپ كەتكەن دادىسىنى تاپتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆزىڭىزنىڭ قاچان كېسەل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ گۇگول نۆۋەتتە بۇنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر قىسىم شوپۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى بۇ «قانۇنلۇق» قىلمىشلاردىن نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىكى قەرز ئىشلىرى قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 70-نۆۋەتلىك گانا كىنو بايرىمىدىكى قايسى جۇڭگولۇق چولپان ئەڭ گۈزەل؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن نوپۇس قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قۇملۇقتىكى گاھ يوقاپ گاھ پەيدا بولۇپ قالىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق كىچىك بازار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015