قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماقتىن ئاسانمۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-07-19 11:32:29

بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى ئۇچۇرى: كىشىلەر ئارىسىدا «بىر ئوغۇل باقساڭ قۇرۇلۇش بانكىسى، ئىككى ئوغۇل باقساڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسى، ئۈچ ئوغۇل باقساڭ گۇاڭدا بانكىسى، بىر قىز باقساڭ سودا- سانائەت بانكىسى، ئىككى قىز باقساڭ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، ئۈچ قىز باقساڭ پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى» دېگەن گەپ بار. بۇنىڭ مەنىسى ئوغۇل بالا ئاتا- ئانىسىنىڭ تىرىشىپ بېقىشىغا، پۇل تېپىپ ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بېرىشىگە مۇھتاج؛ قىز بالا بېقىش بىر قەدەر ئوڭاي، ئۆيدە ئولتۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى ياتلىق قىلساڭلا بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەسلى بىر چاقچاق، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن كىشى بۇنى راست دەپ بىلىۋالماقتا!

ھەممەيلەن ھازىر قىز- ئوغۇل نىسبىتىدىكى پەرق چوڭ، قىز بالىنىڭ ئۆزى سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، دېيىشىدۇ.

 

ئوغۇل بالا باققان ئائىلىلەر ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىدۇ، ئەڭ ئاساسلىقى ئۆي سېتىۋېلىشى كېرەك، ئادەتتە قىز دوستى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىدىغان نەرسىلەر ھېچ گەپ ئەمەس. چۈنكى توي قىلغاندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن نەرسە سېتىۋالىدۇ تېخى. شۇڭا ئۇلار ئىزچىل قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىدۇ (قۇرۇلۇش بانكىسىغا ئوخشىتىلىدۇ)، قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش كېرەكتە؛ قىز بالىسى بار ئائىلىلەر بىر قەدەر ئازادە بولىدۇ، قىز بالا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، پات- پات ئۆيىدىكىلەرگە نەرسە- كېرەك ئېلىپ بېرىدۇ، شارائىتى ياخشىلار يەنە ئاتا- ئانىسىغا ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ (شۇڭا ئۇلار سودىگەر چاقىرىش بانكىسىغا ئوخشىتىلىدۇ)، بۇ ئەھۋال ھازىرقى قېيىنئانىلارنىڭ نېمىشقا قىزىغا پۇلدار ئەر تېپىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، بۇ ھالدا قىزى ياخشى كۈن كەچۈرۈپلا قالماستىن، ئۆزىمۇ نەپكە ئېرىشەلەيدۇ! قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماققا قارىغاندا ياخشىمىكەن؟ (ئەلۋەتتە يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە قىز ياتلىق قىلغاندا پۇل قوشۇپ بېرىدىغان ئاز ساندىكى ئەھۋاللارمۇ بار)

ئەمما كۆپچىلىك بىر مەسىلىگە سەل قاراپ قالدى، قىز بالا بېقىشنىڭ تەننەرخى راستىنلا ئىنتايىن ئازمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى كىيىم- كېچەك، ياسىنىش، پىيانىنو چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش جەھەتلەردە قىزىقىش يېتىلدۈرۈش، كېيىنچە چەتئەلگە ئاسپرانىتلىقتا ئوقۇشقا چىقىش دېگەنلەرنى دېمەي، پەقەت ئۆينىڭ ئىشىنىلا تىلغا ئېلىپ باقايلى.

 

قىز بالا چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغاندا، چوقۇم 20 نەچچە ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى يىگىتنى تاپىدۇ (يېشى چوڭ بولۇپ كەتسە خالىمايدۇ ئەلۋەتتە)، جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان بۇنداق ياش يىگىتلەرنىڭ قانداقمۇ ئۆي سېتىۋالالىغۇدەك ئىقتىدارى بولسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن مەسىلە كېلىپ چىقتى، سىز ئۆي ۋە تويلۇق ئىشىنى دەپ بۇ بىر جۈپ ئاشىق- مەشۇقلارنى ئايرىۋېتىشنى خالامسىز؟

ئىلگىرى بىر قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنى ئۇچراتقان، ئۇلار قىزى 10 نەچچە ياشقا كىرگەندىلا بىر يۈرۈش ئۆي تەييارلاپ قويغان، نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «بۇنداق قىلىشىمىز پەقەت ئارزۇ ئۈچۈن، قىزىمىز كەلگۈسىدە ئاق ئاتلىق شاھزادىسىنى تاپقاندا، ئۆي مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتمەيدۇ.»

ئىلگىرى بىرەيلەن ئوغۇل ۋە قىز بالا بېقىشنىڭ پەرقى توغرىسىدا مۇنداق چاقچاق پاراڭ قىلغان:

ئوغۇل بالا بېقىش خۇددى كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىغانغا ئوخشايدۇ، نومۇردىن بىرنى ئېلىپ، ئىسىمدىن بىرنى قويۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە باشلايدۇ، توختىماستىن پۇل خەجلەپ يىلدا بىر دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، دەرىجە يېتەرلىك ئۆسۈپ، قورال- ياراغلار راسا خىل بولغاندىن كېيىن، «كېلىن» ئىسىملىك بىرسى چىقىپ نومۇرنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ.

قىز بالا بېقىش خۇددى بىر تەشتەك داڭلىق گۈل ئۆستۈرگەنگە ئوخشايدۇ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ، كۈن چىقسا ئاپتاپتىن، يامغۇر ياغسا ھۆلچىلىكتىن، يازدا تومۇزدىن، قىشتا سوغۇقتىن قورقىدىغان گەپ، كۈندە غەم- ئەندىشىدە يۈرۈپ، مىڭ بىر جاپادا ئاران ئېچىلدۇرسا، «كۈيئوغۇل» ئىسىملىك بىر تەشتەك ئۇسۇپلا ئېلىپ كېتىدۇ. نېمە دېگەن ئېغىر زەربە بۇ!

 

ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىدىيەسى ئوچۇق ئاتا- ئانىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ئۆمۈر بويى يىغقان پۇلىنى سەرپ قىلىپ، قىز- يىگىتنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلىنى تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىراجىتىگە تولۇقلىما بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تەلىپى يىگىتنىڭ قىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىدۇر.

 

گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلساق، ئوغلى بار ئائىلىنىڭ بۇنچە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوغۇل غېمى دېگەن ھەر قانداق دۆلەتتە، ھەر قانداق دەۋردە بار. شۇڭا پەرزەنتلىك بولسىڭىز ئۇلارنىڭ جىنسى توغرىسىدا زىيادە خۇش بولۇپ ياكى قايغۇرۇپ كەتمەڭ. بالىنىڭ تەقدىرىنى جىنىس ئەمەس، بەلكى ئاتا- ئانىلارنىڭ تەربىيەسى بەلگىلەيدۇ، سىزنىڭ سۆز- ھەرىكىتىڭىزنىڭ ئۆزى ئۈلگە، سىزنىڭ روھىي قىياپىتىڭىز، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىڭىز ئۇلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماقتىن ئاسانمۇ؟
  • ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك 50 ئىش
  • ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس
  • كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ
  • ئاياللارغا پايدا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك
  • ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﺩﻩﺕ
  • خانىم-قىزلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار
  • ئاياللار قانداق قىلغاندا گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟
  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئاددىي يېمەكلىكلەر
  • ئوسال مىجەزىڭىزنى بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزگەرتىڭ
  • ياشلار 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى تۈپەيلىدىن ئاشقازان راكى بولۇپ قالىدۇ
  • كۆكتاتخۇمارلارغا: دۇنيادىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 12 خىل كۆكتات
  • كەيپىياتىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇڭ
  • ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياش پەرقى قانچىلىك بولسا ئەڭ بەختلىك بولىدۇ؟
  • ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
  • تاللاپ يېيىشكە ماھىر بولۇڭ
  • ئۇخلاش ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم
  • ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ 10 تەدبىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماقتىن ئاسانمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك 50 ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارغا پايدا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﺩﻩﺕ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • 8 تۈرلۈك ئىش تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خانىم-قىزلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانداق قىلغاندا گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئاددىي يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى سانى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىز روھىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيىگە يەتتىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوسال مىجەزىڭىزنى بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزگەرتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەر نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا قارىغاندا ئاسان پاينەك بولۇپ قالىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياشلار 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى تۈپەيلىدىن ئاشقازان راكى بولۇپ قالىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ھىندىستان خەلقئارا كىنو ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتى (IIFA) نىڭ مۇكاپات ساھىبىلىرى تىزىملىكى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قىزلار ئارىسىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئاتالمىش دوستلۇق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ نەس باسقان تاۋۇز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىللىق كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارتىسلىرىنىڭ فىلىم ھەققى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق تۇتاش تەنلىك ئاچا-سىڭىللار ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن ساغلام چوڭ بولماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىيات

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارىدىكى 10 چوڭ تەبىئىي ئاپەت

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇبەي خەلىپىسى 68 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي تىلەكلىرىنى تاپشۇرۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تارىخ قايتىلىنىۋاتامدۇ؟ چولپانلارنىڭ تارىخىي شەخسلەرگە ئوخشىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015