تەتىلدە بالىڭىز قانداق يامان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-07-21 21:41:25

نۇر تورى تەرجىمىسى: يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن بالىلار «ھۆرلۈككە» چىقىپ قاتتىق خۇشال بولدى، ئەكسىچە ئاتا-ئانىلار ئەندىشىگە چۈشتى، سەۋەبى ئۇلار بالىلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلىدە بىكارچىلىقتىن خىلمۇ-خىل يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، خوش، ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئاساسلىق بولغان ئالتە خىل يامان ئادەتلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

بىرىنچى خىل يامان ئادەت - كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلاش.

تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بەزى كۈنلىرى كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلىشى ئەلۋەتتە ئۇنچە يامان ئىشمۇ ئەمەس، ئەمما ھەر كۈنى بۇ ھالەتتە داۋاملاشسا چوقۇمكى مەسىلە كېلىپ چىقىپ ئاتا-ئانىلار ئەندىشىگە چۈشىدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا تاماق يېيىش، ئويۇن ئويناش، بەلگىلىك ئۆگىنش قىلىش...تىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش مەشغۇلاتلىرى پۈتۈنلەي قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ.

تېخىمۇ يامان بولغىنى، تەتىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىئولوگىيلىك سائىتى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر قوپۇش تەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت قايتا تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەر ئىككىلا تەرەپكە بىر مەھەل جاپالىق، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈن چۈشكىچە ھورۇنلۇق بىلەن ئۇخلاش بولسا قېلىپتىن چىقىپ كېتىش، قائىدىسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئادەتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن تەتىل مەزگىلىدىكى بىرىنچى خىل يامان ئادەت بولۇپ سانالدى.

مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى: تەتىلدە بالىلارنى پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى قائىدە-تۈزۈملەرگە سېلىۋالماستىن ئەركىن-ئازادە بولۇشقا يول قۇيۇش،  مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئورۇنداش، لېكىن بىراقلا تۈزۈمسىز بولۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق، يەنىلا تەتىللىك قائىدە تۇرغۇزۇش. مەسىلەن ئېزىلىپ ئۇخلاشنى مىسالغا ئالساق، سائەت قانچىدە قوپۇش بۇ مۇھىم ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى نىسپى مۇقىم ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش، قاچان قوپقۇسى كەلسە شۇ چاغقىچە ئۇخلاۋېرىشتەك تەرتىپسىزلىككە رۇخسەت قىلماسلىق.

ئىككىنچى خىل يامان ئادەت - ھەددىدىن زىيادە ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىك يىيىش.

بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يىيىش بىلەن ئۇخلاش ئوخشاشلا ئەڭ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ، تەتىل قويىۋەتكەندىن كېيىن بالىلار ئۆيدىكى ھەر خىل تاتلىق-تۈرۈملەردىن خالىغانچە يەيدۇ، بىراق ئۇششا-چۈششەكلەرنى كۆپ يەۋالغاندا دائىم ئىشتىھانى تۇتۇلدۇرۇپ تاماقلارنى «تۈزۈك» يىمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئاتا-ئانىلار ئاچچىقلاپ تاماق ئۈستىلى جەڭگى-جېدەل مەيدانىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىش كۆپ ئۇچىرايدۇ.

مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى: ھورۇنلارچە ئۇخلاش مەسىلىسىگە ئوخشاش بۇ مەسىلىدىمۇ بالىلارغا ئىمكانقەدەر يول قويۇش كېرەك، چۈنكى ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەرنى يىيىش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى بىر خوشاللىقى، ئەڭ ياخشىسى ئاۋال ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يىمەك-ئىچمەك لايىھەسى تۈزۈۋېلىش كېرەك، مەسىلەن ھەر كۈنى نىمىلەرنى يىسە بولىدۇ، قانچىلىك يەيدۇ، باشقىلار بەرگەن پارچە يىمەكلىكلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى خىل يامان ئادەت - ئۆيگە بېكىنىۋېلىش.

كۆپ تېلىۋىزۇر كۆرۈشنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان يەنە بىر ناچار تەسىرى ئۇلاردىكى ھەرىكەت ئاز بولۇش، ھەمىشە ئۆيگىلا بېكىنىۋېلىش بولۇپ، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىش، روھىي ھالىتى ياخشى بولماسلىق، قىسقىسى  ھېچ ئىش خوش ياقمايدىغان «سېپى ئۆزىدىن ھورۇن» ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى: ھەپتە ئاخىرى ئاتا-ئانىلار ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرىنى باغچىلارغا ئاپىرىپ بىللە سەيلە قىلسا ياكى بىرەر چېنىقىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، ھەتتا بىللە بازار ئايلاندۇرسىمۇ بىر تۈرلۈك «تەنھەرىكەت» ھېسابلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلار خىزمەت قىلغاندا، بالا باققۇچىلارغا بالىلارنى كۆپرەك سىرتقا ئەپچىقىپ ئوينىتىش تەكلىپىنى بېرىش بىلەن بىللە بالىلارنىڭ قوروسىدىكى تەڭتۈش بالىلار بىلەن ئوينىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بالىلار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، قوغلىشىپ ئويناشلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق لەززىتى بولىدۇ، ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى خىل يامان ئادەت - تېلىۋىزور كۆرۈشكە مەپتۇن بولۇش.

تېلىۋىزور كۆرۈش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە چوڭ مەسىلىمۇ ئەمەس، بىراق تېخىمۇ كۆپ قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك بالىلار ئۈچۈن كۈنلىرىنى نوقۇل تېلىۋىزور كۆرۈش بىلەنلا ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ھازىرقى بالىلارنىڭ تېلىۋىزىيەدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشى قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە ئىشنىڭ بولماسلىقىدىن خالاس. ئۇنىڭدىن سىرت بالىلار ئەگەر تورغا چىقىشنى چۈشىنىپ قالسا ئاتا-ئانىلار چۇقۇم ئۇلارنىڭ كىيىنچە تور خۇمارى بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىشىدۇ.

 

مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى: ئۇزاق ۋاقىت تېلىۋىزور كۆرۈش كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئەقلىي كۈچ، مۇۋاپىق ھەرىكەت مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈش ئۇلارغا قوپاللىق بىلەن «سېنىڭ تېلىۋىزور كۆرۈشۈڭگە رۇخسەت قىلمايمەن» دىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئۈنۈم بېرىدۇ، بۇ ھەم ئۇلارنى ئىززەتلىگەنلىكنىڭ ياخشى ئىپادىسى. ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ خىل قائىدىلەرنى تولا ئاڭلاپ زېرىكىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامال يەنىلا ئۇلار بىلەن«سۆھبەتلىشىپ» كۆپچىلىك ھەممەيلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇۋاپىق لايىھەدىن بىرنى تۈزۈش كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۆزى قاتنىشىپ خالاپ بېكىتكەن تۈزۈمگە چوقۇم ئارزۇسى بويىچە ياخشى ئەمەل قىلىدۇ.

بالىلارغا ئۆزىنىڭ قىلغۇسى بار ئىشنى تاللاش، نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى قارار قىلىش ئەركىنلىكى بېرىش، ئائىلە باشلىقلىق ھوقۇقىمىزنى قارىغۇلارچە ئىشلىتىپ «تېلىۋىزورنى كۆپ كۆرمە!»، «سەن يەنە تورغا چىقىۋاپسەنغۇ؟» دىگەندەك بۇيرۇقلارنى كۆپ قىلماسلىق كېرەك، ئەگەر سىزنىمۇ باشقا بىرى ھەر بىر ئىشلىرىڭىزغىچە باشقۇرسا خۇشال بولامسىز؟ بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنەمدۇ-قانداق؟.

بەشىنچى خىل يامان ئادەت - بالىلاردىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك».

بوۋا- مومىلار، بالا باققۇچىلارنىڭ بالىغا قاراش، مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە بىردەك بولمىغاندا، ئالايلۇق ئەگەر بىر تەرەپ بالىنىڭ يامان ئىللىتىنى ئەيىبلىسە ئەركە ئۆسكەن «تومۇرچى» بالىلار ناھايتى تىزلا گەپ-سۆز ۋە چىرايىغا قاراپ سېزەلەيدۇ ھەم شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا كىچىك «ئىككى يۈزلىمىچى»گە ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارغا بولغان مۇئامىلىدە بىردەك بولماسلىق ئۇلارنىڭ توغرا پىسخىكا ۋە پەزىلەت يىتىلدۈرىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.

مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى: بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش مەسىلىسىدە، ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەم بالا باققۇچى چوقۇم بالىغا مۇئامىلە قىلىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك، ھەر كۈنى كەچتە كىچىك ئائىلە يىغىنى ئېچىپ بالىغا بىر كۈنلۈك تەسىراتىنى سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش، كۆپچىلىك پىكىر قاتناشتۇرۇپ بالا بىلەن تەڭ ھەمسۆھبەت بولۇش، ياخشى يەرلىرىنى ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇپ، يىتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

 

 

 

ئالتىنچى خىل يامان ئادەت - ئۆگەنمەسلىك، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك.

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار تەتىل قويىۋەتكەندىن كېيىن بالىلىرىنى ئۆز مەيلىگە بەھۇزۇر قويىۋېتىپ، ئۆگىنىشكە يىتەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ، بۇمۇ بىر ياخشى پىكىر، بىراق ئەڭ توغرىسى تەتىل مەزگىلىدىمۇ ھەر كۈنى بەلگىلىك قىسقا ۋاقىتتا ئۆگىنىش قىلىشنى قولدىن بېرىشكە، خالىغانچە ئۈزۈپ قويۇشقا  بولمايدۇ.

مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى: ئائىلە باشلىقى ئاۋال بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەممە تەرەپ رازى بولىدىغان سېستىمىلق كۈنتەرتىپ جەدۋىلى تۈزۈپ، ھەر كۈنلۈك ئېنىق ئۆگىنىش ۋاقت-سائىتى ياكى كۈندە قانچە سائەت ئۆگىنىدىغانلىقى ۋە ياكى قايسى ئۆگىنىش ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدىغانلىقى توغرىسىدىكى كونكىرت قائىدىلەرنى بېكىتسە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئېلىكتىرونلۇق تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق
  • كەچلىك تاماق يېمەسلىك راستتىنلا سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟
  • قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماقتىن ئاسانمۇ؟
  • ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك 50 ئىش
  • ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس
  • كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ
  • ئاياللارغا پايدا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك
  • ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﺩﻩﺕ
  • خانىم-قىزلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار
  • ئاياللار قانداق قىلغاندا گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟
  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئاددىي يېمەكلىكلەر
  • ئوسال مىجەزىڭىزنى بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزگەرتىڭ
  • ياشلار 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى تۈپەيلىدىن ئاشقازان راكى بولۇپ قالىدۇ
  • كۆكتاتخۇمارلارغا: دۇنيادىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 12 خىل كۆكتات
  • كەيپىياتىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇڭ
  • ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياش پەرقى قانچىلىك بولسا ئەڭ بەختلىك بولىدۇ؟
  • ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
  • تاللاپ يېيىشكە ماھىر بولۇڭ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • تەتىلدە بالىڭىز قانداق يامان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېلىكتىرونلۇق تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بۇ بىلىملەرنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەتىگەندە يېيىشكە بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەكلىك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گۈرۈچ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۇقىرى تېمپراتۇرىدىن پەيدا بولىدىغان 4 چوڭ تېرە كېسىلى ۋە ئالدىنى ئېلىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كەچلىك تاماق يېمەسلىك راستتىنلا سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىز بالا باقماق ئوغۇل بالا باقماقتىن ئاسانمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك 50 ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارغا پايدا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﺩﻩﺕ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • 8 تۈرلۈك ئىش تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئىجارە ئۆي بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاياللارنىڭ بەتقىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خادا تاشقا قاپسلىپ قالغان ئەر-ئايال چىڭ قۇچاقلىشىپ تىك ئۇچارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستاندىكى بويى 73 سانتىمېتىر كېلىدىغان 50 ياشلىق ئەر داڭق چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چىڭداۋ تاموژنىسىدىكىلەر 18 كىلوگرام كوكايىن قولغا چۈشۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 7 داڭلىق رىياسەتچىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىرلىق ئاياللار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «پۇتبول ئەپەندىسى» كاكا ۋە ئۇنىڭ گۈزەل قىز دوستى--كارولىنا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دادىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ قەرزى ئالغان قىز ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كارىنا كاپورنىڭ ئەڭ يېڭى ژۇرنال مۇقاۋا رەسىملىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015