بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-10-29 15:23:30

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى:

ھەممىگە مەلۇملۇق، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ پەقەت 10 پىرسەنتى ئېچىلغان بولىدۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەن-تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن چوڭ مېڭىنى ئېچىش ئەڭ مۇھىم، يەنە كېلىپ قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى.

تۆۋەندە ئەزىزلەرگە 41 تۈرلۈك ئاددىي ھەم قوللىنىشچان، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەسقاتىدىغان ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز.

1. كۆزنى يۇمۇپ تاماق يېيىش

ئاڭلىق ھالدا چوڭ مېڭىنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن سىز بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۈزۈۋېتىپ تۇرىسىز، مەسىلەن سېزىم ئۇچۇرلىرى. كۆزنى يۇمغاندا باشقا ئەزالار بىلەن يېمەكلىكنى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ، ئاندىن ئېغىزغا ئاپىرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېگىش سېزىمى غىدىقلىنىدۇ، تەم سېزىمى، پۇراق سېزىمىمۇ تەڭ غىدىقلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.

2. تەركىبىدە لېتىستىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش

ئاتسېتىل خولىن چوڭ مېڭىنىڭ «سىلىقلىغۇچىسى» بولۇپ، ئۇ مېڭىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. لېتىستىن ئاتسېتىل خولىنغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا يەر ياڭىقى، دادۇر قاتارلىق لېتىستىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار.

3. بارماق بىلەن سىلاپ تەڭگىلەرنى پەرقلەندۈرۈش (بەك كىچىك ياشتا بولمايدۇ)

يانچۇقتا ھەمىشە ئوخشىمغان ھەجىمدىكى تەڭگىلەر بولسا، پات-پات بارمىقى بىلەن سىلاپ چوڭ كىچىكلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ بەرگەندە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىدىكى بىر قىسىم يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى قېزىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

4. ئاۋازنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تېلىۋوزور كۆرۈش

ئاۋازنى ئۆچۈرۋېتىپ پەقەت سۈرىتى بىلەنلا تېلېۋوزوردا قويۇلىۋاتقان مەزمۇننى تەھلىل قىلغۇزغاندا چوڭ مېڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ، پۈتۈن زېھنىنى يېغىپ بىر ئىش قىلىش ئېڭىنى مەشىقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

5. بۇرنىنى ئېتىپ تۇرۇپ ئىچىملىك ئىچكۈزۈش (چوڭ ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدۇ)

مەسىلەن قەھۋە ۋە ھەر خىل چايلارنى پۇراق سېزىمى ئارقىلىق پۇرىغاندا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چوڭ مېڭىگە ئاۋۋال بېرىپ بولىدۇ، لېكىن سىز ئۇنى پۇرىمىغاندا چوڭ مېڭە پەقەت تىلنىڭ تەم سەزگۈسى ئارقىلىق ئېغىزدىكى نەرسىنى تەھلىل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەشىقلەندۈرش ئۈنۈمىگىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ.

6. يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇش

دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇش جەريانىدا كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئاڭلاش سەزگۈسىنى غىدىقلىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىنى غىدىقلىشى كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇغاندىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئېسىدە بەكرەك قالىدۇ.

خەتلەرنى ئوقۇغاندا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئوقۇغاندا ئىچىڭىزدە ئوقۇشىڭىزنى، تەھلىل ياكى ئەستە ساقلايدىغان ئۇچۇرلارنى ئوقۇغاندا ئاۋازلىق ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

7. بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش

چوڭ مېڭىدە بىر پارچە پېشانە پوستلىقى دېيىلىدىغان بىر رايون بار، ئۇ سىزنىڭ ئىستىراتىگىيە ئىقتىدارىڭىزغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ، بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش بۇ رايوننىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

8. يەپ باقمىغان تاماقتىن بىرنى بۇيرىتىش

ئادەتلەنگەن ئىشلار سىزنى ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ، مەسىلەن: دائىم تاماقلىنىدىغان تاماقخانىغا بېرىپ تاماق يېيىش، دائىم بۇيرىتىدىغان تاماقنى بۇيرىتىش، بۇلار مېڭىدە ئاللىقاچان پىروگرامما خاتىرىسى شەكىللەندۈرۈپ بولغان بولۇپ، مېڭىگە غىدىقلاش رولى بولمايدۇ.

شۇڭا ئادەتتە ئانچە قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېقىش چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى غىدىقلىنىش پۇرسىتىدۇر.

9. بالىڭىز بىلەن ماڭغاندا باشقا يولدىن مېڭىپ بېقىڭ

ۋاقتىڭىز بولسا باشقا بىر يول بىلەن ئەگىلىپ مېڭىڭ، يولدىن ئېزىپ قالسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. توغرا يولنى تېپىش ئۈچۈن سىز كاللىڭىزنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىسىز، بۇنداق بېسىملىق ئايلىنىش ھالىتى مېڭىنى چېنىقتۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق.

10. بالىڭىز بىلەن سول قولىڭىزدا چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ

نۇرغۇن ئادەم ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، ئوڭ قولنى ئىشلىتىش سول مېڭىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بولىدۇ، شۇڭا ئادەملەر سول مېڭىسىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ قالىدۇ. ئەگەر ئاڭلىق ھالدا سول قولنى ئىشلىتىپ بىر ئىشلارنى قىلغاندا ئۇنداقتا مېڭىگە نىسبەتەن يېڭى بىر غىدىقلىنىش پەيدا بولۇپ، ئوڭ مېڭىڭىزنى ئېچىشقا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ.

11. قېتىق ئىچىش

قېتىقتىكى زەمبۇرغنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيگە پايدىسى بولۇپلا قالماي يەنە كەيپىيات تۇراقسىزلىقىنى كونترول قىلىشقىمۇ ياردىمى بار، چوڭ مېڭىدىكى ھېسسىي تۇيغۇ ۋە خاتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

12. دىققەت مەركىزىنى يۆتكەش

ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىش، پەلەمپەيدىن چىقىش، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، پۇت-قوللىرىنى سوزۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەندە چوڭ مېڭىڭىز كاللىڭىزدا ئىلگىرى بار بولغان ۋەزىپىڭىزنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋېرىدۇ، بەزىدە تېخى يېڭى ئىدىيەمۇ كاللىغا كېلىپ قالىدۇ.

13. بالىنى ئېلىپ ناتونۇش يەرگە بېرىش

ناتونۇش دۇنيانى ھېس قىلىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ. بېرىپ باقمىغان يەرگە بېرىش، كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈش دېگەنلەر چوڭ مېڭىنىڭ يېڭىلىق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

14. بالىغا مەسلىگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراشنى ئۆگىتىش

بەزى نەرسىلەرنى ھەر قانچە مېڭىڭىزنىڭ قېتىقى چىققۇدەك ئويلانسىڭىزمۇ ئويلاپ چىقالماسلىقىڭىز مۇمكىن. سىز ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مەسىلىنى كۆزەتسىڭىز ۋە پىكىر يۈرگۈزسىڭىز چوڭ مېڭىڭىز بارغانچە جانلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى بالىڭىزغىمۇ ئۆگىتىپ قويۇڭ.

15. ناشتا قىلىش

مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ 2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن خورىتىدىغان ئېنىرگىيە ئومۇمىي ئىنىرگىيەنىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئېنىرگىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى گلۇكۇزا. ئەتىگەندە مېڭىدە دەل گىلۇكۇزا كەم بولىدىغان ۋاقىت، ناشتا قىلماي مەكتەپكە بارسا ياكى خىزمەت قىلسا ئىقتىدارىنى تولۇق جارىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، ناشتىلىق چوڭ مېڭىگە بىر كۈن ئوزۇق بولىدىغان ئېنىرگىيەنىڭ 25 پىرسەنتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

16. كۆپ چايناش

چايناش قېتىم سانى كۆپ بولسا مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولىدۇ.

17. بالىنى تېز چامداپ ماڭغۇزۇش

ھەرىكەت نېرۋېسى مېڭىنىڭ ئالدى پېشانە ياپراقچىسى تەرەپتە بولىدۇ، ھەرىكەت بۇيرۇقى مۇشۇ يەردىن چۈشۈرۈلىدۇ. ھەر كۈنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا تېز ماڭسا مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشلايدۇ، مېڭىدە پايدىلىق ماددىلارنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.

تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە دائىم ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن.

18. ۋاقىت باشقۇرۇش ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش

تەتقىقاتچىلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بىر خىل ۋاقت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئاددىي بولغان ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان ۋاقىت ھېسابلىغۇچ بىلەن خىزمەت ۋاقتىنى 25 مىنۇتلۇق قىلىپ بېكىتكەن. ۋاقىت توشۇشىغا بىر نەچچە مىنۇت ئارام ئالغان، بۇ سىزنىڭ كاللىڭىزنىڭ تېخىمۇ سەگەك بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

19. بالىغا خوشال كەيپىيات يارىتىپ بېرىش

بالا شۇنىڭ ئۈچۈن خوشاللىق ھېس قىلىدۇكى، مېڭە بىر خىل دوپامىن دەيدىغان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، نېرۋا تورىنى كېڭەيتىدۇ. بالا ئۆزىنى خوش قىلىدىغان مەلۇم بىر نەرسىنى ئويلىغاندا ئۇنىڭ مېڭىسى دوپامىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئىشىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تاماملىيالايدۇ.

20. بالىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدار ئوڭ مېڭىلىكمۇ ياكى سول مېڭىلىكمۇ؟

ئوڭ مېڭە سۈرەت، ماكان، مۇزىكا قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، بىۋاستە سېزىم ۋە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنى قۇراشتۇرالايدىغان، تونۇش ئىقتىدارى ئوڭ مېڭىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغانلار ئادەتتە رەسىم، مۇزىكىغا ماھىر كېلىدۇ، لېكىن ماتېماتىكىغا كەلگەندە بېشى ئاغرىيدۇ. سول مېڭىسى تەرەققىي قىلغانلار سۆزلەشكە ماھىر، ھېساب بىر تەرەپ قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، نەزەرىيۋى ئىپادىلەشكە ماھىر بولىدۇ. ئادەتتە سول مېڭىسى تەرەققىي قىلغانلار ماتىماتىكىدا مۇنەۋۋەر بولىدۇ، لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا ئۇستا كېلىدۇ.

يۇقىرى ئۈنۈمدە مېڭىسىنى ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن بالىنىڭ قايسى مېڭە تىپىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ ياقتۇرىدىغان ئىش بولسىلا ئاندىن چوڭ مېڭىسىدە خوشاللىق سېزىمى بولىدۇ.

21. كۆپ ئۇخلاش

توغرا، خاتا كۆرمىدىڭىز، كۆپ ئۇخلىسا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن چوڭ مېڭە ھېلىھەم ھەر خىل خاتىرىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئادەم ئويغاندىن كېيىن ئەستە تۇتۇشى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

22. زەرچىۋە يېيىش (چوڭ ياشتىكى بالىلارغا ماس كېلىدۇ)

زەرچىۋە بىر خىل تېتىتقۇ بولۇپ، كۇررى(咖喱) تامىقىدىكى بىر خىل تېتىتقۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددا بار.

23. بالا بىلەن قەرەللىك ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش

تەيچۈەنداۋ، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۆيدە بولسىمۇ بالا بىلەن بىللە ھەرىكەت ئىشلىسىڭىز، تېلېۋوزورغا قاراپ ئۇسسۇل ئوينىشىپ بەرسىڭىزمۇ چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىسى يېتىدۇ.

24. مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش

توختىماي كومپيۇتېر ياكى تېلفۇن ئويۇنى ئويناۋەرسە دىققىتى چېچىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەگەر بولغۇدەك بولسا، ئالاھىدە ۋاقت چىقىرىپ تېلفۇننى ئېتىۋېتىپ، بالا بىلەن كۆڭۈل قويۇپ بىر ئىشنى بىللە قىلىڭ.

25. قاپاقنى تۈرۈش

قاپاق تۈرۈشنى ئاددى چاغلىماڭ، ئۇ بالىنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ تەنقىدى خاراكتىرىگە ۋە تەھلىل خاراكتىرىگە ئەكىلەلەيدۇ.

26. بالا بىلەن يېڭى فىلىملەرنى كۆرۈش

تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى بىلەن كاللىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، مەسىلەن ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا، سىياسەت، سەنئەتكە ئالاقىدار سىن فىلىملەرنى كۆرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشقا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.

27. رەسىمدىن پايدىلىنىڭ

بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مەخپىيىتى: بالىنىڭ ئەستە ساقلىماقچى بولغان نەرسىلىرىنى جانلىق رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بېرىشتۇر.

28. قالايمىقانچلىق پەيدا قىلىش

پۇراش سەزگۈسى بىلەن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى زىچ باغلىنىشلىق، ئادەتتە پۇراقنىڭ غىدىقلاش كۈچى كۆز ئالدىدىكى نەرسە بىلەن بىردەك بولىدۇ. ئەگەر بۇرۇن قەھۋەنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان بولسا، لېكىن كۆرگىنىڭىز بېلىق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كاللىڭىز قالايمىقانلىشىدۇ. بۇ خىل قالايمىقانچىلىق مېڭىدىكى بىر قىسىم نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.

29. بالىنى جەزىم قىلدۇرۇش

ئۇنىڭغا توختىماي شەپە بېرىپ، ئۇنى جەزىم قىلدۇرۇڭ، بۇنداق ئاڭ چوڭ مېڭىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئاستا-ئاستا جانلاندۇرىدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

30. ھەرىكەت ئويۇنى ئويناڭ

مۇۋاپىق بولغان بىخەتەر ھەرىكەتلىك ئويۇنلار بالىنىڭ ئىنكاس سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

31. بالا بىلەن ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بىلوگلىرىنى ئوقۇڭ

بەزى ئادەملەرنىڭ يازمىلىرى سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ئېچىپ قويىدۇ، مەسىلەن: ئىقتىسادى كىرزىسنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئىقتىسادشۇناس، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى دېگەندەكلەرگە بالىنى قىزىقتۇرۇڭ.

32. دېگەنلىرىنى يازغۇزۇڭ

ئوي-پىكىرى سۆزگە ئايلىنىپ مېڭىدىن چىقىپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم يېزىققا ئايلىنىپ ياكى ئاۋازغا ئايلىنىپ مېڭىگە كىرگەندە مېڭىدە تەھلىل بولىدۇ. بۇ ۋاقتتا چوڭ مېڭە قايتىدىن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بىر قېتىم سىزنىڭ كاللىڭىزدىن ئۆتكۈزىدۇ، بەلكىم بۇ ۋاقتتا كاللىڭىزغا تېخىمۇ ياخشى ئوي كېلىشى مۇمكىن.

33. بالىنى ئېلىپ سەنئەت سارايلىرىنى ئايلىنىڭ

بۇنداق قىلىش ئۇنى ئەقىللىق قىلىپلا قالماي، سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىدۇ،يەنە بېسىم يەڭگىللەپ، دىققىتىنى يېغىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.

34. پەرەز قىلىش ئويۇنى ئويناڭ

خەت ئويۇنى ۋە پەرەز قىلىش ئويۇنى دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بالىغا خەت توشقۇزۇش ئويۇنى ۋە سان ئويۇنى ئويناتقاندا، ئۇنى تەپەككۇر قىلىشقا ئامراق قىلغىلى بولىدۇ، بۇنى ۋاقت ئىسراپچىلىقى دېمەڭ، بۇ «چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئۈچۈن.

35. بارماقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش

چوڭ مېڭە ھېس قىلىدىغان غىدىقلىنىش كۆپىنچە بارماق ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، مەسىلەن: پىئانىنو چېلىش، كونۇپكا بېسىش دېگەندەك.

قالايمىقان چېلىش سەۋىيىسىدە بارماقلارنىڭ چوڭ مېڭىنى غىدىقلىشى ئازىيىپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاكتىپلىق بىلەن مەشىق قىلىپ يېڭى ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: تېلفۇندىكى «مېۋە كېسىش» ئويۇنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

36. قارا شاكىلات يېسۇن (چوڭ ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدۇ، شېكەر مىقدارى يوق شاكىلات)

قارا شاكىلات تەركىبىدىكى فلاۋونلۇق بىرىكمىنىڭ ئەستە تۇتۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بار.

37. بىللە ساز چېلىڭ

ئۇنىڭ سازلىرىنى ئېلىپ بىللە چېلىڭ، چالالمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، مۇھىمى ساز چېلىش مېڭىدىكى خاتىرىنى كونترول قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ.

38. بالىغا قىزىقىدىغان بىر ئىش تېپىپ بېرىڭ

ئەگەر بالىڭىز بىر ئىشقا بەك قىززىقىپ چۆكۈپ كەتسە، چوڭ مېڭىسى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۈنۈملۈك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. خەلقئارالىق شاھمات ماھىرلىرى شاھمات ھەۋەسكارلارغا قارىغاندا پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار شاھماتقا كۈچلۈك قىزىقىدۇ.

39. بالا بىلەن ئىنكاس يېزىڭ

توردا ھەر قانداق ئادەم ئىنكاسچى بولالايدۇ. مەيلى بىر كىتاب بولامدۇ ياكى بىر كىنو بولامدۇ، ياكى بىر خىل تاماق بولامدۇ، ھەر قاندىقىغا مىكرو بىلوگ ياكى باشقا ۋاستە بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆز تۇيغۇسىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. بۇ بالىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئانالىز قىلىشىغا پايدىلىق.

40. ھېسابلىغۇچ بىلەن خوشلاشتۇرۇڭ

ئۇنى ئامال بار ئېغىزدا ھېسابلىتىڭ، مەسىلەن: دۇكاندىن ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي باھاسى، ياكى كۆكتاتلارنىڭ يەككە باھاسىنى ئەستە تۇتۇش، بۇ قېتىملىق تاماقنىڭ پۇلىنى ھېسابلىتىش دېگەندەك ئاددىي ئىشلاردا بولسىمۇ بولىدۇ.

41. تەبىئەتنى كەڭ قۇچاقلىسۇن

قىستا-قىستاڭ كوچىلاردا بىر قانچە مىنۇت تۇرۇپ قالسىڭىز ئەستە تۇتۇش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىڭىز زەخمىگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق بولۇشى چوڭ شەھەردە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بۆلىدىغان، غىدىقلايدىغان نەرسىلەر بەك بولغاچقا كاللىڭىز بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

شۇڭا بالىنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىڭلار، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ تۇرۇش، چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتكە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن
  • ئاياللار ئاسراشقا تېگىشلىك جايلار
  • ئەر-ئاياللار ھە دېسىلا كونا خاماننى سورىماسلىقى لازىم
  • ئەرلەرنى چۈشىنىش مۇشۇنداق ئاسان، ئاياللارنى چۈشىنىشنى ئويلىماڭ!
  • نېمىشقا ئاسانلا رەنجىپ قالىسىز؟ چۈنكى ئارىلىق ساقلاشنى بىلمەيسىز
  • ئەي يىگىت، ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىزمۇ؟
  • ئاياللار ھەممىنى ئەپۇ قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ باغرى بىر دۇنيا
  • يېشىڭىز بىلەن بەدەن سۈپىتىڭىز ماس كېلەمدۇ؟
  • قانداق ئوزۇقلانغاندا تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىغىلى بولىدۇ
  • قىزلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى مۇھىم يېمەكلىكلىرى
  • ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ قانداق كىيىنىشىنى ياقتۇرىدۇ
  • ئەقىللىق ئاياللار مەڭگۈ دېمەيدىغان 10 جۈملە سۆز
  • مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان قىزلارنىڭ 5 خىل ئىپادىسى
  • يولدىن چىققان ئەرلەر سىزگە مۇنداق ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ
  • ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان قىزلار
  • بىر ئەرنىڭ سىزدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنىڭ 7 خىل ئىپادىسى
  • ئەرلەر قوغداشقا تېگىشلىك سەككىز رايون
  • قىزلار قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە ئىش
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىنىڭ ئەقلىنى مەشىقلەندۈرۈپ مېڭىسىنى ئاچىدىغان 41 خىل ئويۇن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خىزمەت بېسىمى ئېغىرلاشقاندا قىزىلگۈل چېيى ئىچسە ئادەم يېنىكلەپ قالىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تەشۋىشلىنىش روھىي بۆلۈنۈشنىڭ بىشارىتىمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئاسراشقا تېگىشلىك جايلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاتلىق بەرەڭگىنى كۆپ يېگەننىڭ پايدىسى يوق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-ئاياللار ھە دېسىلا كونا خاماننى سورىماسلىقى لازىم

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنى چۈشىنىش مۇشۇنداق ئاسان، ئاياللارنى چۈشىنىشنى ئويلىماڭ!

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار بۇنداق ئۇخلىسا بىر كېچىدە ئون ياش قېرىپ كېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھامىلىدار ۋاقتىڭىزدا كىيىم ياراشماسلىقىدىن قورقامسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنى مەڭگۈ رام قىلىۋالىدىغان ئاياللار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمىشقا ئاسانلا رەنجىپ قالىسىز؟ چۈنكى ئارىلىق ساقلاشنى بىلمەيسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خانىم-قىزلار نېمە ئۈچۈن گىرىم قىلىشى كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەي يىگىت، ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمە ئۈچۈن غەزەپلىنىش يۈرەكنىڭ دۈشمىنى دېيىلىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ھەممىنى ئەپۇ قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ باغرى بىر دۇنيا

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • فەن بىڭبىڭ پىڭياۋ كىنو بايرىمىدا ناھايىتى نازاكەتلىك كۆرۈندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 19 ياشلىق قىز 1 مىليون 160 مىڭ خەجلەپ 30 قېتىم ھۆسن تۈزىتىپ «قونچاق»قا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيە نېفىت شىركىتى مىليون توننا ئېغىرلىقتىكى مۇز تاغنى سۆرەپ يۆتكىۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ ئىنچىكە قۇيرۇقلۇق قېشى نۆۋەتتىكى ئەڭ مودا قاشقا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىش سەنئىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىسپانىيە بىرلەشمىسى «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىسبىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بېكھامنىڭ چوڭ ئوغلى راستىنلا ئاتا-ئانسىىنىڭ «سايىسى»دە چاقنىدىمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۇغما چوڭ مېڭىسى يوق بالا 2 ياشقا كىرگەندە ئانا دەپ تىل چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ۋۇ جىڭ، جېن زىدەن، لى ليەنجيې قاتارلىقلار بىلەن بىللە گۇمپا فىلىمى ئىشلەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015