ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە پەرھىزلەر

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > تۇرمۇش >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-27 12:26:42

سىنا تورى خەۋىرى

ئادەم تاماق بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، ناشتىلىق بىر كۈندىكى ئەڭ مۇھىم تاماق، ئۇنداقتا ناشتا قىلىشتا پەرھىز قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ؟ ـــ ئەلۋەتتە بار!

نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ئىشلەيدىغانلار ئاددىيلا ناشتا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوبدان ناشتا قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق.

ئۇنداقتا ناشتىلىقتا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەك- ئىچمەكنىڭ نېمىلىكىگە قاراپ باقايلى!

1. ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئاناناس (菠萝) يېيىشكە بولمايدۇ.

ئاناناس تەركىبىدە كۈچلۈك ئېچىتقۇ ماددىسى بولۇپ، ئاچ قورساق ئاناناس يېيىش ئاشقازانغا زىيانلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بەدەنگە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا تاماقتىن كېيىن ئاناناس يېگەندە ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

2. ئەتىگەندە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىچمەسلىك كېرەك.

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئاشقازان يەنىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىزلا كۆپ مىقداردا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، بۇ خىل تېمپېراتۇرا پەرقى بەكلا چوڭ بولۇپ كېتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي يولىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، تاساددىپىي خاراكتېرلىك تارتىشىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازاننى ئويغىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەخمىنەن 200 مىللىلىتىرلىق بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىشتۇر. ئەگەر ئاشقازىنى ئەسلىدىنلا سوغۇق كىشىلەر بولسا، بىر ئىستاكان چىلان زەنجىۋىل قايناتمىسى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

3. ئەتىگەندە ئاچ قورساق بانان يېمەسلىك كېرەك.

بانان تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان كالىي ئېلېمېنتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زور مىقداردا ماگنىي ئېلېمېنتىمۇ بار. ئاچ قورساق بانان يېگەندە، قاندىكى ماگنىي مىقدارى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىدۇ، ماگنىي يۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەزگۈر ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندە ئاچ قورساق بانان يېگەندە، ئاسانلا ياندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ناشتا قىلىشتىكى تۆت پەرھىز

1. ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا دەرھال ناشتا قىلىدۇ، بولۇپمۇ سائەت 5:00-6:00 لەردە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلىدۇ، بالدۇر ناشتا قىلغاندا بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا تولۇقلىغىلى بولىدۇ، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشكە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە بەك بالدۇر ناشتا قىلىش سالامەتلىككە پايدىسىز، ئاشقازان، ئۈچەينى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەم كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى ئارام ئالىدۇ، ئەمما ھەزىم قىلىش ئەزاسى كەچلىك تاماقتا بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە تاڭ ئاتارغا يېقىن ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ. ئەگەر بەك بۇرۇن ناشتا قىلغاندا، ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرىدۇ.

2. «سۈت بىلەن تۇخۇم» نى ئاساسلىق ناشتىلىق تاماق ئورنىدا يېيىش

«سۈت بىلەن تۇخۇم» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناشتىلىقىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىك، ئەمما بۇنداق ناشتا قىلىش ئانچە ئىلمىي ئەمەس.

سەھەردە ئادەم بەدىنى تەركىبىدە مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان ناشتىلىق ئارقىلىق قايتىدىن ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سۈت بىلەن تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە گەرچە ئاقسىل ۋە ماي ماددىسى بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى تولۇقلىيالمايدۇ، شۇنداقلا بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. شۇڭا بولكا، ھورنان قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ ناشتا قىلىش كېرەك.

3. ئۇزۇن مەزگىل «پىلتە قۇيماق بىلەن پۇرچاق بوتقىسى» دا ناشتا قىلىش

غەرب ئەللىرىدىكى ناشتىلىق «سۈت بىلەن تۇخۇم» غا سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر «پىلتە قۇيماق بىلەن پۇرچاق بوتقىسى» دا ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما «پىلتە قۇيماق بىلەن پۇرچاق بوتقىسى» دا ناشتا قىلىشمۇ ئوخشاشلا سالامەتلىككە پايدىسىز.

پىلتە قۇيماق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مايدا پىشىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۇندىن باشقا پىلتە قۇيماقمۇ باشقا ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىككە ئوخشاش تەركىبىدىكى ماي مىقدارى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، ناشتىلىقتا يېگەندە ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرچاق بوتقىسىمۇ ئوتتۇرھال مايلىق يېمەكلىك بولۇپ، پىلتە قۇيماققا قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا ماي مىقدارى ئۆلچەمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ، بەزىدە بىرەر ۋاق يېسە بولىدۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

4. ناشتىدا زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش

نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، ناشتىلىقتىكى يېمەكلىكلەرنى مول تەييارلاپ، يۇقىرى ئاقسىللىق، ئىسسىقلىق مىقدارى، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ناشتا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئىرىمچىك، ھامبۇرگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر دېگەندەك. ئەمما تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيادە كۆپ بولغان ناشتىلىق ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، سالامەتلىككە زىيانلىقكى، قىلچە پايدىسى يوق.

سەھەردە ئادەم بەدىنىدىكى تال قاتتىق چارچىغانلىقتىن دەم ئىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئوزۇقلۇق مىقدارى زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەر بىلەن ناشتا قىلغاندا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كېتىپ، يېمەكلىكلەر بەدەنگە ئاسان ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇزاق داۋاملاشسا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى ھەمدە سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئەتىگەندە يېگەن تۇخۇم ئابىھايات دورىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ

ناشتىلىق شۇنداق مۇھىم بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ناشتىلىقتا نېمە يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە تۇخۇم يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق! چۈنكى:

1. تۇخۇم ئەلا سۈپەتتە ئاقسىل تولۇقلايدۇ. ئۇماچ ۋە بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇمدىكى ئاقسىل تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىپ پايدىلىنىش نىسبىتى ئۇماچ ۋە بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

2. تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. تۇخۇم ئورگانىزملارنى يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئاشقازاننى بوشىتىش سۈرئىتىنى ئۇزارتىپ، تاماقتىن كېيىنكى تويۇش تۇيغۇسىنى ئۇزارتىدۇ.

3. ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىدۇ. ناشتىلىقتا تۇخۇم يېسە چۈشلۈك تاماق ھەمدە بىر كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنى قوبۇل قىلىشنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدىكى مول خولىن چوڭ مېڭە نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددا ئاتسېتىل خولىننى بىرىكتۈرىدىغان زۆرۈر ماددا، شۇنداقلا ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىپ، دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

5. ھوشيارلىقنى ئۆستۈرىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدىكى مول بولغان تىروزىن كىشىلەرنى تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلارغا نىسبەتەن ناشتىلىقتا تۇخۇم يېگەندە، ئاپتوموبىلنى بىخەتەر ھەيدەشكە ياردىمى بولىدۇ.

6. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدايدۇ. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن قوغدايدۇ، يەنە كۆزىگە ئاق چۈشۈش خەۋپ-خەتىرىنى ئازلىتىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەتىگەندە تۇخۇم يېيىش كۆزى زىيادە چارچايدىغان كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىنتايىن پايدىلىق.

شۇڭا كۆپ كاللا قاتۇرىدىغان ئىشلەيدىغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ناشتىلىقتا تۇخۇم يېيىش ئىنتايىن زۆرۈر.

 

تۇخۇمنى قانداق يېگەندە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟

1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى %99.7 گە يېتىدىكەن، ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى مايدا پۈتۈن پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە پوشكال شەكلىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم

بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى %98 گە يىتىدۇ.

3-ئورۇندا تۇرىدىغىنى قورۇلغان تۇخۇم

ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى %97 گە يىتىدۇ.

4-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ھوردا پىشۇرۇلغان تۇخۇم

ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى %92.5 گە يىتىدۇ.

5-ئورۇندا تۇرىدىغىنى خام تۇخۇم

ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى ئاران %30-%50 گىچە بولىدۇ.

 سەمىمىي ئەسكەرتىش:

ساغلاملىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا، خام تۇخۇم يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى خام تۇخۇم تەركىبىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل باكتېرىيەلەر ئىنتايىن كۆپ، ئەگەر پىشۇرماي تۇرۇپ خام پىتى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟
  • ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
  • دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلەر
  • پىسخىكا ئامىللار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن
  • ئەقىللىق كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان 10 ناچار ئادەت
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە پەرھىزلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرۇشنىڭ زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ياشلىشىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • 80% ئايال گېموروينىڭ ئازابىنى تارتماقتا

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆزى ئاددىي ئەمما ئۈنۈملۈك يۈز يۇيۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئاقىرالايسىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىسخولوگلار بويتاقلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامالنى تاپتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىش پەسلىدە تېرە قىچىشسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوغۇللارنىڭ نامسىز بارمىقىغا قاراپ قىز دوستىنىڭ فىگۇرىسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ​يېپىشقاق كۆممىقوناق قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنى چۈشىنەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئامېرىكا 1-خانىمى مېلانىيا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ چۈشكەن سۈرىتىنى چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 74 ياشلىق موماينىڭ ئاشقازىنىدىن 152 دانە مېتال ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستان ئاشخانىسىنىڭ قاتلىما يېيىش مۇسابىقىسىدە 10 يىلدا 2 ئادەم ئۇتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كورېيەدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەڭ ئالقىشلىنىدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 36 ياشلىق ساھىبجامال پۇتىنغا جەڭ ئېلان قىلىپ رۇسىيەگە زۇڭتۇڭ بولماقچىمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئائىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان گۈزەل ئارتىس-چون جىخيون

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈلنەزەر جاڭ خەندىن ئايرىلىپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە پەقەتلا ئۇچرىمىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 30 يىلدىن بېرى پەقەت كولالا ئىچكەن خېنەنلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015