كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > تۇرمۇش >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-09 10:27:16

يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى كەچلىك تاماق بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى كەچتىكى ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ھېسابلىنىدىكەن. بىر كۈنلۈك تۇرمۇشتا مول كەچلىك تاماقلارنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، چۈنكى خىزمەتتىكىلەر ئەتىگەندە ئالدىراشچىلىق تۈپەيلىدىن، كوچىدىكى يايما ياكى ئۆيدە ئازراقلا بىر نەرسە يەۋالىدۇ. چۈشتە ئىدارىدە بىر ۋاخ خىزمەت تامىقى ياكى تەييار قاچىلىق تاماقلارنى يەيدۇ، كەچقۇرۇن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ، ئوبدانراق ئوزۇقلىنىشقا ۋاقتى يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دوست بۇرادەرلەر، خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى دائىم كەچلىك ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بىر مۇنچە ياشانغان كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىش ئادىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ياشانغان ئەر-خوتۇن ھەر كۈنى چۈشتە ئەپلەپ سەپلەپ ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىپ، كەچتە بالىلار خىزمەتتىن، مەكتەپتىن كەلگەندە بىر ۋاق مول قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يېيىشىدۇ. دېمەك، مول كەچلىك تاماقنىڭ ئۆزىڭىزنى كېسەللىككە مۇپتىلا قىلىشنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا جېنىڭىزنى ئالىدىغانلىقىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەيسىز.

يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت، يۈرەك كېسىلى، ياغلاشقان جىگەر ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئايلاندى. يۇقىرىدىكى بايانلار ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن كەچلىك تاماقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بار. ئامېرىكىنىڭ ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى كەچلىك تاماقنىڭ رولى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ھاياتنى ساقلاش، قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسمى دوختۇرلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش رولنى ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر سىز كەچلىك تاماقنى مۇۋاپىق يېمىسىڭىز، بىر مۇنچە كېسەللىكلەر ئۆزلۈكىدىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە سېمىزلىك

ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، سېمىزلەرنىڭ %90ىگە كەچلىك تاماقنى بەك ياخشى، بەك كۆپ يېيىش سەۋەب بولىدۇ، كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىك بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قان سۇيۇقلۇقى ئىچىدىكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆرلەپ، ئىنسۇلىننىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىتىلىشنى پەيدا قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمدە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھەرىكەت قىلىش ئادىتى بولمىغانلىقتىن، ئېنېرگىيىنىڭ خوراش مىقدارى ئاز بولىدۇ-دە، ئارتۇقچە ئېنېرگىيە ئىنسۇلىننىڭ رولى ئارقىسىدا ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە دىئابېت كېسىلى

خاتا كەچلىك تاماق ئادىتى بەدەنگە بىر قەدەر ئېغىر يۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماقنى زىيادە تويۇپ يېگەن ۋاقىتتا دائىم ئىنسۇلىننى كۆپلەپ ئاجرىتىپ، ئىنسۇلىن ئۈچۈن ئاسانلا ئېغىر يۈك پەيدا قىلىپ قويىدۇ-دە، قېرىش تېزلىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىئابېت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە ئۈچەي راكى

مۇتەخەسسىسلەر كەچلىك تاماقنىڭ ئۈچەي راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئەگەر كەچلىك تاماقنى زىيادە تويۇپ يېگەندە، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئۈزۈل كېسىل ھەزىم بولمايدۇ، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەسىرىدە زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت مىقدارى ئاز، ئۇخلاش ئالدىدا يىيىلگەن بولغانلىقتىن، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەي يولىدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش

ئادەمنىڭ كالتىسينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش يۇقىرى دولقۇنى كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ تۆت بەش سائەتتىن كېيىن باشلانغان بولغانلىقتىن، مۇبادا كەچلىك تاماق بەك كېيىن يېيىلسە، كالتىسىينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش يۇقىرى دولقۇن يېتىپ كەلگەندە، بىز ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە تۇرغان بولىمىز، شۇڭا سۈيدۈك ۋاقتىدا سىرتقا چىقالمىغانلىقتىن، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالتسىي ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئاسانلا چۆكمە بولۇۋېلىپ، تاش كرىستاللىرى بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە، ئۇزاق مۇددەت يىغىلغانسېرى ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە يۇقىرى قان يېغى، ياغلاشقان جىگەر

كەچلىك تاماقتىكى يۇقىرى ئاقسىللىق، ياغلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تاماقلار زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، جىگەرنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ۋە ئىنتايىن تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ئاجرىتىشقا سەۋەب بولىدۇ-دە، قاندىكى ياغ يۇقىرى بولۇش ۋە ياغلاشقان جىگەر كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

ياغلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ياغ قاننى قويۇلدۇرۇپ، ئارتېرىيە قان تومۇرىدا بوتقىسىمان داغ پەيدا قىلىدۇ.

قان تومۇرلار خۇددى ئەۋرەز يولىنى قېلىن ياغلىق پاتقاقلار توسۇۋالغىنىغا ئوخشاش راۋان بولمايدۇ ھەمدە بىر مۇنچە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلىغان ۋاقتىمىزدا قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۇششاق ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ قىسقىراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، تاشقى قان تومۇرلارغا بولغان توسالغۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ ، پۈتكۈل بەدىنىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ قېتىش جەريانىنى تېزلىتىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش بىلەن يۈرەك كېسىلى

كەچلىك تاماق مۇبادا ياغلىق، ئىسسىقلىقى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، خولېستېرىننى ئۆرلىتىۋېتىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش ۋە يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشنىڭ شەكىللىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب كالتىسىيلىق ماددىلارنىڭ قان تومۇر دىۋارىدا چۆكمە بولۇۋېلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، كەچلىك تاماقنى ھەشەمەتلىك، تويۇنۇپ يىيىش ۋە كېچىكىپ يېيىش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

كەچلىك تاماقتا تويغۇچە يەپ ئىچىش بىلەن بىرگە ھاراق ئىستىمال قىلىنسا، ئاسانلا ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلىپ، ئېغىر بولغاندا ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىلا شوك بولۇپ قالىدۇ، ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىدۇ.

كەچلىك تاماق ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك

تاماقنى تويغۇچە يېگەندە ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەي، ئۇنىڭغا يېقىن بولغان جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئەزالار خىزمەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، مېڭە ئارام ئالالمايدۇ. مېڭىگە قان يېتىشمەي، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال مېتابولىزمغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشنى تېزلىتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ياش، ئوتتۇرا ياش مەزگىلدە دائىم تويۇنۇپ تاماق يېگەن بولسا، قېرىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ %20ى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

كەچلىك تاماق ۋە ئۇيقۇ سۈپىتى

كەچتە تويغۇچە تاماق يېگەندە ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت تال قاتارلىق ئەزالار ئۇخلىغان ۋاقىتمۇ داۋاملىق ئىشلەپ تۇرىدىغان بولغانلىقتىن، چوڭ مېڭە جانلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، ھەزىم يولىدىكى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشتىن سىرت، ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۆپ چۈش كۆرىدىغان، ئۇخلىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇزاق مەزگىل مۇشۇنداق بولىۋەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

خوش، كەچلىك تاماق قانداق بولسا ئىلمىي ، ساغلام ھېسابلىنىدۇ؟

كەچلىك تاماق مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاددىي بولۇشى، دانلىق زىرائەتلىرى ئاساس قىلىنىشى، ئۇنىڭغا قوناق، ئارپا قاتارلىقلار قوشۇپ ئېستىمال قىلىنىشى لازىم. چۈنكى يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن كۈچلۈك  سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ياكى سۇ بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئاشقازاننىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.

كەچلىك تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن مۇۋاپىق دەرىجىدە بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتى، مەسىلەن، تېز مېڭىش ياكى ئۇسۇل، تانسا ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىش لازىم.

تۇزسىز، ياغسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم، مەسىلەن، ئەتىگەنلىك يەيدىغان تۇخۇمنى كەچ ۋاقتىدا يېيىش، بىر تەخسە شوخلا تۇخۇم قورۇمىسى يېيىش ياكى ئۇنىڭغا چۆپ سېلىپ يېيىش، گۆشلۈك سەي ئۈچۈن بېلىق گۆشىنى ئىشلىتىش لازىم، ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن لامنارىيە شورپىسى ئىستېمال قىلىش لازىم.

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا چۇقۇم گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بىر قىسىم يېڭى كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىپ، ئىمكانقەدەر ئاقسىللىق، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. ئۈستەل ئۈستىدە ئىككىدىن ئارتۇق كۆكتات بولسا ۋىتامىننى ئاشۇرۇپ تالا بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ.

ئەسلىدىنلا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەچلىكى بىر ئىستاكان سۈت ياكى قېتىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. 

«ئەتىگەنلىكى پادىشاھقا ئوخشاش يەڭ، چۈشلۈكى مەلىكىدەك يەڭ، كەچقۇرۇن قەلەندەرگە ئوخشاش يەڭ» دېگەن تەمسىل ئېسىڭىزدىن چىقمىسۇن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاجرىشىش ئادەمنى ھەسرەتلەنگەك، قايغۇرغاق قىلىپ قويىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى باسقۇچلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قولتۇق پۇرىسا قانداق قىلغۇلۇق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • توكسىن ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەگەر يىگىتىڭىز بۇ 5 مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرۇشنىڭ بەش چوڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مودا ئاياللار بىلىشى زۆرۈر 27 تۈرلۈك ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنى بارغانسېرى چىرايلىق قىلىدىغان 7 ئادەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە پەرھىزلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا يېتىپ قالغان ئايال ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور چولپىنى گىرىمىنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن باشقىلارنى قورقۇتۇۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستاندىكى تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغان «بەڭگى» قوي

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چىشى يىلپىز بىر قېتىمدا سەككىزنى ئاسلانلاپ رېكورت ياراتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پەلەستىندىكى تۇتاش تەنلىك قوشكېزەكلەرنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر «يېڭى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزە» نى باھالاپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېگىز بىنالار زىچ ئورۇنلاشقان شەھەر-شياڭگاڭ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۇچا ناھىيەسىدە 20 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا كەلگۈسى 10 يىلدا 18 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ چېگرا تېمى سالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015