بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مىجەز-خاراكتېر

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > تۇرمۇش >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-04 13:29:57

بەزىلەر ھەرىكەت قىلماي تىنچ ئولتۇرۇشنى، بەزىلەر قىزغىن مۇھىتنى ياقتۇرۇپ كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى خالايدۇ، ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق ھالىتىمۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا مىجەز خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئوخشاشمىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش شەكلىنى تاللاپ، قاراتمىلىقى بولغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ھەم بەدىنىنى چېنىقتۇرۇشى ھەم ناچار مىجەز-خاراكتېرىدىكى نۇقسانلارنى تۈزىتىپ، پىسخىك ۋە روھى ھالىتىنى ياخشىلىشى لازىم.

ئاسانلا جىددىيلىشىدىغان كىشىلەر:

بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساپاسى ئاجىز، چېنىقىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرىكەت سىجىللىقى يۇقىرى بولمىغان بىليارت، ئىشىك توپ ئوينىسا مۇۋاپىق كېلىدۇ، مۇنداق ھەرىكەتلەر كۆپ ئۆزگىرىشچان، جىددىي، كەسكىن ئېلىپ بېرىلغاچقا، ھالقىلىق پەيتتە تەمكىن، سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەرگە دائىم قاتنىشىپ بەرگەندە، ياشانغانلار بىرەر ئىشقا يولۇقسا جىددىيلىشىپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەيدۇ، بەدەننى چېنىقتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىمۇ ئەركىن بىمالال تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.

ئىچ مىجەز كىشىلەر:

بىر قىسىم ياشانغانلار تۇغما ئىچ مىجەز بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى بەدەن ساپاسىنىمۇ زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، تەتقىقاتلاردا ئايان بولۇشىچە، ئۇنداق مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر ئاسانلا ئارتېرىيە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئۇلار ئاسانلا سەلبىي كەيپىياتلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، شاد-خۇرام ياشاشقا سەل قارايدىكەن، بۇنداق كىشىلەر سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، تاغقا چىقىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ. ھەر قېتىم چېنىققاندا ئۆزىگە مەلۇم نىشان بەلگىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئون مەيدان سۇ ئۈزۈش، كۈنىگە مىڭ مېتىر يۈگۈرۈش قاتارلىقلار، ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ئالدىنقى شەرت مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق نىشان بەلگىلەپ، يەنە قورقۇنچلۇق پىسخىكىسىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە يېتەرلىك جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقلارغا جەڭ ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

گۇمانخور، ئادەم بىلەن چىقىشالمايدىغان كىشىلەر:

بىر قىسىم ياشانغانلار بىرەر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن بولالمايدۇ، باشقىلارغا ئىشەنچ باغلىيالمايدۇ، كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىنلا دوستى كەم بولىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل بولىدۇ، ئۇلار ئىچكى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئورگانىزمدا ئاقسىل مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئاقسىل ماددىسى يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مەيدان ئۇسسۇلغا ئوخشاش، كوللېكتىپ تۈرلەرگە قاتناشسا بولىدۇ، بۇنداق چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش روھىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى پەيدىنپەي ياخشىلىيالايدۇ. ئەگەر ئۇنچىۋالا كۆپ ئادەم توپىنى تاپالمىسا، تىكتاك توپ، پەي توپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنداق ھەرىكەتلەر چېنىقىۋاتقانلاردىن مېڭىنى سەگەك تۇتۇشنى، تەپەككۇرنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى، ھۆكۈم قىلىشنىڭ توغرا بولۇشنى، كەسكىن قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا چېنىقىشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغاندا، گۇمانخورلۇقتىن ئىبارەت تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇشقا ياردىمى تېگىدۇ.

نام-ئاتاق قوغلىشىدىغان كىشلەر:

نام-ئاتاق تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشىلەر ئىشقا يولۇققاندا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن باشقىلار بىلەن قارشىلىشىدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشكە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، قېرىشنى ئاسانلا تېزلىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىر قىسىم ماھارەت خاراكتېرلىك تۈرلەرنى تاللاپ چېنىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلىي كۈچ سەۋىيەسى ئۆزىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان رەقىبلىرىنى تېپىپ شاھمات ، تىكتاك توپ، ياكى ئىشىك توپ، بىليارت قاتارلىقلارنى ئويناپ بېرىشى، ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىگە «ئۇستامنىڭ ئۇستىسى، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار» دېگەننى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، باشقىلار بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشى لازىم.

ئاچچىقى يامان كىشىلەر:

بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇشتا سوغۇققان، تەمكىن بولالماي، ئاسانلا ھاياجانلىنىپ ئاچچىقلايدۇ، مېڭە سەكتىسى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئاچچىقلىنىش، ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاچچىقى يامان كىشىلەر ئادەتتە مىجەز-خاراكتېر جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىشى، قورشاۋ شاھمات، بېلىق تۇتۇش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، يەل گۇمپىسى مەشىق قىلىش، ئۇزاق ئارلىققا پىيادە مېڭىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنى تاللاپ چېنىقىشى لازىم. يۇقىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تىنچ ھالەتتە يالغۇز ئوينايدىغان ھەرىكەت بولغاچقا، كەيپىيات جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايلا قالماستىن، بەلكى نېرۋا ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئۆز ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدا يەتكۈزىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئاياللار ھەر كۈنى يېسە، قورۇققا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئەڭ تېز مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مىجەز-خاراكتېر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەم كۆيۈمچان ھەم ۋاپادار ئەر بولسا قايسى ئايال بەختلىك بولمىسۇن؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-ئاياللاردىكى سەككىز خىل پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار نېمە يېسە، توكسىن ھەيدىلىپ، تېرىسى ياخشىلىنىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوچۇق-يورۇق قىزلار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتلەشكەندە بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز دەرھال ئايرىلىپ كېتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئاقسىل كۆپ بولسا ئورۇقلاشقا پايدىسى تېگىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈزىمىزدىكى چېچەك ئىزىنى قانداق يوقىتىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەر قايسى خىل ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئەڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جورىڭىزنىڭ ھىدى بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت چېيى ھەممىگە قادىر ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • دىلرابانىڭ پائالىيەتلەردە كىيگەن مۇراسىم كىيىملىرى ھەر قېتىمدا ئۆزگىچە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئورۇقلىمىسىڭىز قانچىلىك يوشۇرۇن كۈچىڭىز بارلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيسىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 14 ياشلىق قىز ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ماكروننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىزچىل ئۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتىدۇ دەپ قارىغانكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەنناز ئانا Angelababy مەپتۇن قىلارلىق قىياپىتى بىلەن سەھنىگە چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋاڭ سىسوڭ يىللىق پائالىيەتتە ئۈچ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە 600 مىڭ يۈەن بېرىۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوللاندىيەدىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى» كېلىشكەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىت-مۈشۈك يېتىلىۋېلىش مودىدىن قالدى: ئەمدى تايچاق يېتىلەڭ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شەرتلىرى ۋە پىراۋا دەرىجىلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015