پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-09 22:13:09

ھازىر تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلى، شۇنىڭدەك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ دائىرىسىمۇ كەڭ بولۇپ، بەزى ئائىلىلەردە بىر ئادەم زۇكامدىسا، ئائىلىدىكى ھەممەيلەندە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا بالىلار، ياشانغانلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى تارقىلىشچان زۇكام ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى قوزغاش خەۋىپىنى پەيدا قىلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراقلىرى ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا، پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغۇچىلار قانداق قىلغاندا ئىلىمي ئۇسۇل ئارقىلىق تاقابىل تۇرالايدۇ؟ ئازادلىق ئارمىيە 302- دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن ئىنچىياڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت تەكلىپنى بەردى:

تارقىلىشچان زۇكامغا بالدۇر دىياگنوز قويۇش كېرەك.

تارقىلىشچان زۇكام نەپەسلىنىش يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا تەۋە بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى A تىپلىق1 H1N، H3N2، B تىپلىق تارقىلىشچان ۋىرۇسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە ئەڭ ئاساسلىق كېسەل قوزغاتقۇچىسى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، ئۇ A تىپلىق1 H1N، H3N2لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ۋىرۇس ئاساسلىقى نەپەسلىنىش يولىدىكى چاچراندۇقلاردىن تارقىلىدىغان بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يۇشۇرۇن دەۋرى كۆپىنچە ئىككى كۈندىن تۆت كۈنگىچە بولۇپ، كىلىنكىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، بەدەندىكى مۇسكۇللار ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش ئالامەتلىرىمۇ كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئاقىۋىتى ئانچە يامان ئەمەس، ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن، كېسەللىك جەريانى چەكلىمىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ.

بىراق ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلدارلار، زىققا كېسىلى، دىيابىت كېسىلى، ئۆسمە كېسىلى، قان كېسىلى بارلار، ئېمۇنېتىت ئىقتىدارى زەخمىلىنىش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان يۇقىرى خەۋىپلىك كىشىلەر توپى مۇبادا يۇقۇملىنىپ، داۋالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر مەسىلەن، ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى،  يۈرەك، نەپەس زەئىپلىكى، كۆپ ئەزالار فۇنكىسيىسىنىڭ زەئىپلىشىشى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ئېغىرراقلىرى ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. شۇڭا، بۇ كىشىلەر توپى تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدە نەپەسلىنىش يولىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىم.

تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالىتىشتا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان ۋىرۇس پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇسلۇق كېسەللىك بولۇپ، گەرچە ۋىرۇسقا قارشى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك دورىلار بولسىمۇ، بىراق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ئۈچۈن بەلگىلىك جەريان كېتىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىكلىرى يوق بىمارلار ئادەتتە 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە ساقىيىدۇ. ئەگەر ئەگشمە كېسەللىكلەر قوزغالسا كېسەللىك مۇددىتى ئۇزىرايدۇ.

كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دوختۇرغا كۆرسەتكەندە، دوختۇرغا ياخشى، قىممەت دورىلارنى يېزىپ بېرىشىنى، كېسەلنى يىلتىزىدىن، تېزرەك ساقايتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس. تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالاشقا ۋاقىت كېتىدۇ، جىددىيلىشىشكە بولمايدۇ، پەقەت ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۈز بەرمىگەندە، كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ كېىتىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكامدا دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ۋىرۇسقا قارشى دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك. «ئوۋسىتاۋېي» (奥司他韦) تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورا، شۇڭا ئۇنى قانچە بالدۇر ئىشلەتسە ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كېسەل قوزغىلىپ 48 سائەت ئىچىدە ئىشلىتىش كېرەك. كۆپلىگەن بىمارلار يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بارماي، ئائىلىدە ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.

ۋىروسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارىتا ئۈنۈمسىز بولۇپ، ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىمار تارقىلىشچان زۇكامدىن يۇقۇملانغان ئاساستا باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك. بۇ دوختۇرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇشى بىلەن دورا بېرىشىگە ئېھتىياجلىق.

قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى تەكرار ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاندا نەم لۆڭگىنى پىشانىگە قويۇش، قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى چاپلاش، ئىلىمان سۇ بىلەن بەدەن سۈرتۈش قاتارلىق فىزىكىلىق ئۇسۇلدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈش ئۇسلىنى قوللىنىش كېرەك. يۇقىرى قىزىتما (بەدەن تېمپېراتۇرىسى℃38.5تىن يۇقىرى)دا قىزىتما قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى مەسىلەن، ئاتسېتامىنوفېن (对乙酰氨基酚)،  برۇفېن(布洛芬) قاتارلىقلارنى ئىچىش كېرەك. بىراق قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈلمىگەندە، دورا چۈشەندۈرۈشىدە يېزىلغان ۋاقىت ئارىلىقىغا قاراپ دورا ئىچىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ ئەكىس تەسىر پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىپ، ئوخشىمىغان تۈردىكى قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ئاسپىرىن تۈردىكى قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا رائىلليېتىنا سىندرومى كېسەللىكى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىك بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جىگەر ۋە چوڭ مېڭىگە بولغان خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. خەتەر كۆرۈلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، ئاسانلا جىگەر زەئىپلىشىش، مېڭە زەخمىلىنىش ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئوكۇل سالدۇرۇش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك جەريانىنى قىسقارتالمايدۇ. يۇقىرى قىزىتما ئالامەتلىرىنى ئوكۇل بىلەن ساقايتىش مۇتلەق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تارقىلىشچان زۇكام بىمارلىرىغا دائىملىق ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىتىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئاۋال دورا ئىچىپ داۋالاپ كۆرۈش كېرەك. بىراق ئېغىر بولغان كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ياكى ئىچكى مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك قالايمىقانلىشىش كۆرۈلگەن بىمارلار ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالاشنى قوللانسا بولىدۇ.

جۇڭيى دورىلىرىنىڭ پەسەيتىش رولى بار، جۇڭيى دورىلىرىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشكە ياردىمى بار، بىراق ئۇنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشلىتىش زۆرۈر.

ئىسسىقنى قايتۇرۇش دانچىسى(感冒清热颗粒)، كىچىك پەربۇن تابلېتى (小柴胡片) قاتارلىقلارنى ئىچسە بولىدۇ، ياكى باشپىياز، زەنجىۋىل، قارا شېكەرنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بىراق كونكېرت داۋالاشنى جۇڭيى تېبابىتى پەرقلەندۈرۈپ، دىياگنوز قويغان ئاساستا قوللىنىش كېرەك.

تارقىلىشچان زۇكامنى ئارقىغا سۆرەشكە بولمايدۇ.

كۈتۈلمىگەن تارقىلىشچان زۇكام دېگىنىمىز تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالاش جەريانىدا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي، داۋاملىق ياخشىلانماي، ھەتتا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىمارنىڭ يۇقىرى قىزىتمىسى 48 سائەتتىن 72 سائەتكىچە داۋاملىشىپ قايتمىسا چوقۇم دىققەت قىلىش زۆرۈر. بۇ ۋاقىتتا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگەللەش كېرەك. ئەگەر بىماردا كۆكرىكى سىقىلىش، يۆتىلىش، بەلغەم، ئىچى ئىلىشىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالاسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان ئېلىپ خىمىيىلىك تەكشۈرتۈش، كۆكرەك ۋە ئۆپكە قىسمىنى CT غا سېلىپ تەكشۈرتۈش، ئېلېكتىر كاردۇگىرامما (心电图)ىدا تەكشۈرۈش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا باش قىسمىنى CT、MRI غا سېلىپ تەكشۈرۈش، ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما (脑电图) تەكشۈرتۈشى قىلىش كېرەك ھەمدە ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك.

كۆپچىلىك كۆڭۈل بولىدىغان كىچىك بالىلاردىكى يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىشنى ئوخشىمىغان ئەھۋالغا بۆلۈشكە بولىدۇ. يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىش بولسا كىچىك بالىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىگەندە تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بولسا تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدەنلىك ياكى قىسمەن مۇسكۇل توپىنىڭ قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك ياكى تۇتقاقلىق تارتىشىش، كۆز قارىچۇقى قېتىپ قېلىش، ئالىغاي كېتىش، چەكچىيىپ قېلىش، ھوشىنى يوقىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىش يەنە ئاددىي ھالدىكى يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش ۋە مۇرەككەپ خاراكتېرلىك يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. ھەر قايسى ياش مەزگىلىدىكى (يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلىدىن سىرت) يەنى 6 ئايلىقتىن 4 ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاددىي ھالدىكى يۇقىرى قىزىتملىق تارتىشىپ قېلىش ئاسان ساقىيىدۇ، مۇرەككەپ خاراكتېرلىك يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. تەكرار تارتىشىش كۆرۈلگەن ھامان، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئۇۋلاش ئارقىلىق يۈزىڭىزدىكى قورۇقلاردىن خالىي بولالايسىز
  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى 15مىنۇت كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن
  • ئۇزۇن مۇددەت تەييار چۆپ يېيىش نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
  • بۇ ئالتە سوئال قانچىلىغان ئەرلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغاندۇ
  • ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
  • ئەرلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ
  • سالاپەت دېگەن زادى نېمە؟
  • ھېسسىيات قاقتى-سوقتىلىقىغا سەل قارىماڭ
  • تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار: كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت
  • يولدىشىڭىزغا دېسىڭىز بولمايدىغان 5 جۈملە
  • ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاجرىشىش ئادەمنى ھەسرەتلەنگەك، قايغۇرغاق قىلىپ قويىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى باسقۇچلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قولتۇق پۇرىسا قانداق قىلغۇلۇق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • توكسىن ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەگەر يىگىتىڭىز بۇ 5 مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سەھەر تۇرۇشنىڭ بەش چوڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مودا ئاياللار بىلىشى زۆرۈر 27 تۈرلۈك ئىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنى بارغانسېرى چىرايلىق قىلىدىغان 7 ئادەت

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا خاتا كىيىنىپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يېرىم يىلدا 80 كىلوگىرام ئورۇقلىغان ئامېرىكىلىق ئانا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ماكرون جۇڭگودا ما يۈن باشچىلىقىدىكى كارخانىچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىلگىرى باي دۆلەتتە ھازىر قورساق تويغۇزۇشمۇ بىر مەسىلىگە ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تىرامپنىڭ دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستىنى ئۇنتۇپ قېلىشى تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈلنەزەر تارقىتىش يىغىنىدا خۇشال كەيپىياتىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شياۋمىنىڭ 2017-يىلىغا نەزەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سوڭ جىيو ماركا تەشۋىقات سۈرەتلىرىدە ئەتىيازدىكى پەرىزاتتەك گۈزەل قىياپىتىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015