ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-28 14:14:20

 تېڭشۈن تورى خەۋىرى

ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ

تاماكىنى قولىدىن چۈشۈرمەسلىك، ئويۇن ئويناش، كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، ھۆسن تۈزەش ....ھازىرقى ياشلارنىڭ نەزىرىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر مودا تۇرمۇش ئۇسۇلىدۇر، ئەمما، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلىپ-بىلمەي ساغلاملىقىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.–ئۇنداقتا قايسى «مودا» ياشاش ئۇسۇللىرى، قەدىرلەشكە ئەرزىمەيدۇ؟

1. ۋاسىتە تاللىماي پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاش

ئورۇقلاشتا ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىش كېرەككى، قارىغۇلارچە ئۇسۇل قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر قارىغۇلارچە تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلىغاندا، بەدەن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئەگەر بەدەن دائىم ئاچ ھالەتتە تۇرسا، يەنە بىر ۋاخ تاماقنى ئىختىيارسىز ھالدا ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

2. ئويۇن ئويناش

ھەركۈنى يانفون، كومپىيۇتېرغا تىكىلىپ قاراپ ئويۇن ئوينىغاندا، كۆزىمىز قۇرغاقلىشىدىغان، ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئەگەر قوپماي ئولتۇرۇپ، ھەرىكەت قىلماي ھەم چېنىقىمىغاندا، ئاسانلا چارچاش، باش قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، سېمىزلىك ۋە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسى كۆپ بولۇش قاتارلىق ياشانغانلار كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى كۆپىنچىسى ياش تور مەستانىلىرىدۇر.

3. كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش

كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن سودىگەرلەر دائىم ھارماي-تالماي پۈتۈن كېچە خىزمەت قىلىدۇ، مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان: قانۇنىيەتسىز ئۇخلاش ئادىتى بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغان قىلىپ قويۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى، يەنە ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىچكى ئەزالار تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، جىگەر، ئاشقازان ئۈچەي، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. چاچ ياساش گىرىم قىلىش، ھۆسن تۈزىتىش

مودا قىزلارنىڭ ھەممىسى چاچ ياساش، تىرناق ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى سىرتقا چىققاندا چوقۇم پېچەت گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقىدۇ. گۈزەللىكنى سۆيۈش خاتا ئەمەس، لېكىن ئەگەر كۆپ قېتىم چاچ ياساش، تىرناق ياساتقاندا بەدەن بەزى زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈشى مۇمكىن، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا، توكسىن بارغانسېرى كۆپىيىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

5. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش

خىزمەت مەيداندىكى ئاياللار، ئىشخانىدىكى ئاق ياقىلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىىدۇ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، كىشىگە بىر خىل ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدۇ. يىل بويى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، ئىككى پۇتنىڭ سۆڭەك شەكلى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىش، پاقالچاق مۇسكۇلى يىگىلەش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

6. كېچىچە ئويناش

بۇ دەۋردە، ھەممە ئادەم ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۈندۈزى جاپالىق ئىشلەپ، كەچتە يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن مېھماندارچىلىققا بېرىپ، ھاردۇقىنى چىقارماقچى بولىدۇ. كىم بىلسۇن، تاڭ ئاتقۇچە ئويناش بېسىمنى يەڭگىللىتىپلا قالماستىن، ئەكىىسچە چارچىتىۋېتىدۇ، ئەگەر دائىم شۇنداق قىلىۋەرگەندە، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىق، قايغۇ ھەسرەتكە قېلىشتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئاياللار ھەر كۈنى يېسە، قورۇققا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئەڭ تېز مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسە مۇنداق بولىدۇ...
  • ئاياللار پۇتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە پايدىلىق
  • مىجەزى ئوخشاشمايدىغانلار توي قىلىپ قالسا قانداق كېلىشىشى كېرەك؟
  • بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشى
  • پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامدا تۆتكە دىققەت قىلىش كېرەك
  • كەچلىك تاماق قانچىلىك خەتەرلىك؟
  • ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • پۇراق ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
  • ئاياللار ئېرىشىشىنى خالايدىغان 10 خىل رومانتىكىلىق
  • ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچكەندە...
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇھەببەتلەشكەندە بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز دەرھال ئايرىلىپ كېتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ناشتىدا ئاقسىل كۆپ بولسا ئورۇقلاشقا پايدىسى تېگىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈزىمىزدىكى چېچەك ئىزىنى قانداق يوقىتىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەر قايسى خىل ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئەڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جورىڭىزنىڭ ھىدى بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت چېيى ھەممىگە قادىر ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدىنىڭىز قىچىشسا جىگەر ۋە ئۆتنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بۇ تۆت خىل مەخپىيەتلىكىنى بىلەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ھەر كۈنى يېسە، قورۇققا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئەڭ تېز مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئامېرىكىلىق بودەك جۇڭگو شاۋلىن گۇمپىسىغا تايىنىپ 18 ئايدا 104 جىڭ ئورۇقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىرازىلىيەدىكى 177 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىنا بوراندا ئىرغاڭلاپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈزەللىك ئۈچۈن ھەتتا سوغۇقتىنمۇ قورقمايدىغان چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق ئاشىق-مەشۇق 122 مېتىر ئېگىزلىكتىكى «ئىشق تورى»دا توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەلىك سىڭىلچاق دىلراباغا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئۈچۈن BBCنىڭ ئالتە ئەر دىكتورى مائاش ئازايتىشقا قوشۇلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھەركۈنى توردا سەككىز سائەت بىۋاستە كۆرسىتىدىغان قىزنىڭ چولپان بولۇش ئارزۇسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇس بىر بولاق يېمەكلىكنى كۆتۈرۈپ يەنە قايتىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۈنەسلىك يىگىت قاسىم 20 كىلوگىراملىق تۆمۈر سىمدىن ساۋۇت ياسىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015